欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

沙雅县检察院古某某盗窃案起诉书(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شايار ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ش ت ئە چ (2020) 297 – نۇمۇرلۇق

جاۋابكار گXX، ئايال، ئۇيغۇر، 19XX -يىلى X- ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65292419XXXXXXXXXX، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، شايار ناھىيە XX يېزا XX كەنىت X-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە ئاساسەن شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن قايتا كېپىلگە بىرىلگەن.

شايار ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار گXXنىڭ ئوغۇرلىق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى شايار ج خ چىقىش(2019) 88-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئوقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دېجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق.

قانۇن بۇيچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

جاۋابكار گXX 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 16:00 لەر ئەتراپىدا شايار ناھىيە قايلور يېزا ئاغدۆڭ كەنىت 4- گورۇپتىكى قوشنىسى پXXنىڭ ئۆيىگە كىر ئالغۇ ئارىيەت ئالغىلى كىرىپ، ئۆيدە ئادەم يوق ئىكەنلىكىنى، زىيانلانغۇچى پXXنىڭ باللىرى يېتىپ قوپىدىغان ئۆينىڭ ئىشىكىدىكى ئەنسودا ئاچقۇچنىڭ ئىلىقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ، شۇ ئۆيدىكى ساندۇقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويغان قارا رەڭلىك، يېنى ئاق كالتۇنلۇق، ئوتتۇرسىدا مارجان گۈلى بار، ئايالچە سومكىنىڭ ئىچىدىكى ئالتۇن سالىدىغان قىزىل رەڭلىك لاتا خالتىغا سېلىپ قويغان 27674.50 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە 20.36 گىرام ئالتۇن زەنجىر، بىر جۈپ، 9.73 گىرام ئالتۇن ھالقا ،بىر جۈپ 43.09 گىرام زەنجىر نۇسقىلىق ئالتۇن بىلەيزۈك، بىر جۈپ 14.69 گىرام ئالتۇن ئۈزۈك ، بىر جۈپ 3.42 گىرام ئالتۇن زىرە ،بىر دانە2.29 گىرام ئالتۇن ئۈزۈك قاتارلىق جەمئى 93.58 گىرام ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرىنى ئوغۇرلاپ كەتكەن. دىلو پاش بولغاندا زىيان ئەينەن ئەسلىگە كەلگەن .

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكانىڭ ئىقرارى ،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلارغا ئاساسەن بىكىتىلدى.

مەھكىمىمىز : جاۋابكار گXXنىڭ قانۇنسىز ئېگىلىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ مال-مۈلىكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى راست ۋە تولۇق. جاۋابكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتىنى ئېتراپ قىلدى، جازاغا قايىل بولدى. بۇ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئويغۇن، شۇڭا جامائەت ۋە شەخىسلەرنىڭ مال- مۈلۈككە ئېگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ دەخلى- تەرۇزغا ئوچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكار گXXگە « جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 264- ماددا، 67- ماددا 3-تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇددەتلىك ئون بىر ئايلىق قاماق جازاسى بىرىپ، قوشۇمچە 5000 يۈەن شىتىراف قويۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز .

ھۆرمەت بىلەن

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

مۇئاۋىن باش تەپتىش :ئەXX

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى

قۇشۇمچە :

1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، دەلىل-ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلو ئارخىپى بىرگە يوللاندى.

2) جاۋابكار ئائىلىسىدە .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top