شايار ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ش ت ئە چ (2020) 38– نۇمۇرلۇق
جاۋابكار رXX ، ئەر، ئۇيغۇر، XX19-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65292419XXXXXXXXXX، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، نوپۇسى تورۇشلۇق جاي: شايار ناھىيە XX بازىرى XX كەنت X-گۇرۇپ، شايار ناھىيە XX بازىرى XX يولى X- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، 2015-يىلى 10- ئاينىڭ 19-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن شايار ناھىيەلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن مۇددەتلىك ئىككى يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ.2018-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن. 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
شايار ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار رXXنىڭ ئوغرىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 24- كۈنى شايار ج خ چىقىش (2019) 224 -نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى يەتكۈزدى، جاۋابكار سوراق قىلىندى ۋە پىكىرى ئاڭلاپ ئۈتۈلدى. مەزكۇر دېلو 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى بىر قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇلدى، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى سۈرۈك ۋاقتى بىر قېتىم 15 كۈن ئۇزارتىلدى.
قانۇن بۇيچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
جاۋابكار رXX 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ سائەت 20:00 ئەتراپدا شايار بازىرى خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ ئىچىدىكى ئاXXنىڭ «پاك بۇلاق» قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنغا كىيىم يۇدۇرغلى كىرىپ دۇكاندا ئادەم يۇقلۇقدىن پايدىلنىپ دۇكان ئېگىسى ئاXXنىڭ 894 يۇەن قىممىتىدىكى OPPO A77 ماركىىق ئالتۇن رەڭلىك بىر دانە يان تېلفۇننى ئوغۇرلىغان. جاۋابكار رXX يەنە 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كىيىن گۈلباغ بازىرى غەربى ئىناقلىق كوچىسدا شەرىقتىن غەرىپ تەرەپكە قاراپ توكسىكلىت مىنىپ كىتىۋېتىپ مۇشۇ كوچىدىكى ئىXXنىڭ دەرۋازىسنىڭ كىچىك ئىشىكىنىڭ يېرىم ئۇچۇق ھالەتتە ئىكەنلكىنى كۆرۈپ، ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتدە ھويلىغا كىرىپ ، ھويلىدا ئادەم يوقلۇقنى بايقاپ ئۇدۇل مېڭىپ كادىدورغا كىرىپ، ئاندىن ئەڭ چەتتىكى بىر ياتاق ئۆيگە كىرىپ ياتاق ئۆينىڭ ئىچدىكى كىيىم ئىشكاپىنى ئېچىپ ئاختۇرۇپ، ئىXXنىڭ قىزى خXXنىڭ بىر دانە ئايالچە سومكىنىڭ ئىچىدىن 600يۇەن نەق پۇل ۋە بىر دانە ئالتۇن سالدىغان قاپقا سېلىپ قويغان 12930.45 يۇەن (ئون ئىككى مىڭ توققۇز يۈز ئوتتۇز يۇەن تۆت مو بەش پۇڭ يۇەن) قىممىتىدىكى بىر دانە ئالتۇن زەنجىر، بىر دانە ئالتۇن بىلەيزۇك، بىر دانە ئالتۇن ئۈزۈك ۋە بىر جۈپ ئالتۇن ھالقا قاتارلىق زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرى بۇلۇپ جەمئى 13530يۇەن قىممىتىدىكى نەق پۇل ۋە ئالتۇن زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرنى ئوغۇرلىغان. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن، جاۋابكار رXX ئوغۇرلىغان جەمئىى 14242.45 يۇەن قىممىتىدىكى مال مۇلۈكتىن. زىيانلانغۇچى خXXنىڭ 13530.45 يۇەن، ئاXXنىڭ 894 يۇەن ئىقتىسادى زىينى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتلار ماددى ئىسپات، يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكانىڭ ئىقرارى ،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلارغا ئاساسەن بىكىتىلدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار رXX نىڭ قانۇنسىز ئېگىلىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مال-مۈلىكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق. جامائەت ۋە شەخىسلەرنىڭ مال-مۈلۈككە ئېگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئوچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكار رXX غا «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا،65-ماددا،67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بىرىشكە تىگىشلىك. شوڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق . قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز .
ھۆرمەت بىلەن
شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش : XX
XX
2020-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى
قۇشۇمچە :
1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، دەلىل-ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلو ئارخىپى بىرگە يوللاندى.
2) جاۋابكار شايار ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论