欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

海某某故意杀人案起诉书(公开版)

2021-09-26 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقسۇ شۆبىسىنىڭ

 ئەيىبنامىسى 

 

                      ش ئا شۆبە تەپتىش ج ئە چىقىش (2020) 3-نومۇرلۇق

جاۋابكار خ   ، xxئايال، ئۇيغۇر، **19- يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 0040******65292419، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئېگە، جۇڭگۇ ئۆمۈر سۇغۇرتىسى ** ناھىيىلىك تارماق شىركىتىنىڭ توختاملىق خىزمەتچىسى، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: شايار ناھىيە ** بازىرى ** كەنىت **-گوروپ. قامىلىشتىن ئىلگىرى شايار ناھىيە بازىرى ** كومېتېتى ** -رايۇن**-كوچا **-نومۇرلۇق ئۆيدە ئىجارىگە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. قەستەن قاتىللىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن2019-يىلى3-ئاينىڭ 9-كۈنى شايار ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2019- يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى شايار ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق قولغا ئېلىنغان. 

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار خXXنىڭ قەستەن قاتىللىق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى ش ج خ چىقىش (2019)207-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق شايار ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. شايار ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، باشقۇرۇش تەۋەلىگى بۇيىچە 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 20- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ۋاقتى ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئوقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دېجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق.  

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

جاۋابكار خ XX2019-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 09:24:30 دە، ئىشقا بارماقچى بۇلۇپ ئىككى چاقلىق قىزىل رەڭلىك توكسىكىلىتىنى مىنىپ، شايار ناھىيە ** بازىرى ** يۇلى **-كوچا **-نومۇرلۇق ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان ئۆيىدىن ئايرىلغان. زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى گۈXX سائەت 10:00 دە، ئاپىسى خ XX نىڭ ئىجارە ئالغان ئۆيىگە كىلىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ تۇرغان. جاۋابكار خXX سائەت 13:06 ئۆتكەندە، ئىجارە ئالغان ئۆيىگە قايتىپ كىلىپ قىزى گۈXX بىلەن چۈشلۈك تاماق يەپ بۇلۇپ،سائەت15:17دە،ئىككى چاقلىق قىزىل رەڭلىك توكسىكلىتنى مىنىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن. زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى گۈXX ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاچ ئۆينىڭ ئالدىدا خوشنىلىرىنىڭ بالىسىنى ئوينۇتۇپ يۈرگەن. سائەت 16:53 ئۆتكەندە،جاۋابكار خXX ئۆيىگە قايتىپ كىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى گۈXXكە نوپۇس ۋە كىملىكىنى كۆپەيتىپ كىلىشنى ئېيتقان. زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى گۈXX 16:58 ئۆتكەندە ئۆيدىن چىقىپ ئەتراپتىكى دۇكان تاقاق بولغاچقا سائەت 17:12 ئۆتكەندە ئۆيگە قايتىپ كىلىپ، جاۋابكار خXX بىلەن گەپ تالىشىپ قالغان، جاۋابكار خXX زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى گۈXXنى ئۆلتۈرۋېتىش نىيتىگە كىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى گۈXXنى كارۋاتنىڭ قىرىغا تارتىپ ئولتۇرغۇزغاندىن كىيىن، كارۋاتنىڭ ئۈستىدىكى كىيىم ئىشكابىنىڭ ئىچىدىن بىر دانە قىزىل رەڭلىك چاقماق سىزىقى بار شارپىنى ئېلىپ كارۋاتنىڭ قىرىغا قۇيۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى گۈXXنى قۇلىدىن تارتىپ يەرگە ئوڭچە ھالەتتە ياتقۇزۇپ، قورساق قىسىمىغا مىنىۋىلىپ، ئىككى قۇلىنى ئىككى پۇتىنىڭ ئارلىقىغا قىسىپ ئۈستىدىن بېسىپ ئولتۇرۇپ، بەنچاڭنىڭ قىرىغا قويغان شارپىنى ئېلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى گۈXXنىڭ بويۇن قىسىمىغا ئايلاندۇرۇپ يۆگەپ، شارپىنىڭ ئىككى ئۇچىنى تۇتۇپ ئىككى تەرەپكە تارتىپ 15مىنۇت ئەتىراپىدا تارىتىپ تارتىپ تۇرغان، بۇ ۋاقىتتا زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى گۈXXنىڭ چىرايى كۆكىرىپ، بۇرنىدىن قان چىقىپ، مىدىرلىماي جىم يېتىپ قالغان. جاۋابكار خXX زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى گۈXXنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن،ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن، «توك سۇقۇپ ئۆلگەن» نەق مەيدان ياساش مەقسىتىدە، ئۆيدىكى قوش سىملىق، كۆك رەڭلىك، ھەر بىر غىرىچ جايىنى قارا رەڭلىك پىلاستىردا يۆگەپ قويغان توك سىمىنى ئېلىپ، ئۆيدە ئىشلىتىدىغان ياغاچ ساپلىق پىچاق بىلەن توك سىمىنىڭ بىر سانتامىتىر ئەتىراپىدىكى سۇلياۋ پوستىسىنى كېسىپ ئېلىۋىتىپ، توك سىمىنى يالىڭاچ ھالەتتە قىلىپ، زىيانلانغۇچى گۈXXنىڭ ئوڭ قۇلىنىڭ ئالقىنىغا تۇتقۇزۇپ، توك سىمىنىڭ بىر ئۇچىنى توك مەنبەسىگە چېتىپ قۇيۇپ،سائەت 17:58دە، ئۆيدىن چىقىپ ئىشىكنى قۇلۇپلاپ قۇيۇپ، ئۆزىنىڭ ئىككى چاقلىق قىزىل رەڭلىك توكسىكلىتىنى مىنىپ شۇ ئەتراپتىكى «سايىپخان تېز تاماقخانىسى» نىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئاشخانىدا ئىشلەيدىغانلارغا «قىزىمنى توك تۇتىۋاپتۇ، توك ئۈزگۈچنى بېسىپ بەرسەڭلار» دەپ، كوچا ئېغىزىدىكى توك ئۈزگۈچنى باسقۇزغاندىن كىيىن ئۇلارنى باشلاپ ئۆيىگە ئەكىرىپ، يالغاندىن ياساپ قويغان نەق مەيداننى كۆرسەتكەن. ئاندىن يۇقارقىلارنىڭ ياردىمىدە زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى گۈXXنى خوشنىسىنىڭ ماشىنىسىغا بېسىپ، 19:39دە شايار ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسى جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئاپارغان. دوختۇرلار زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى گۈXXكە قارىتا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا،بۇيۇن قىسىمىدا كۆكەرگەن ئىز بارلىقىنى بايقاپ، «توك سوققانلىقى» دىن گۇمان قىلىپ دېلو مەلۇم قىلغان. شايار ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ئەتىرتى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى گۈXXنىڭ «توك سۇقۇپ ئۆلگەنلىكى» دىن گۇمان قىلىپ، جاۋابكار خXXنى چاقىرتىپ سوراق قىلغاندا، قىلمىشىنى ئىقرار قىلغان. 

شايار ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى چىقارغان (2019)13-نومۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇقى بۇيىچە جەسەد تەكشۈرۈش باھالاشنامىسىدە: «ئۆلگۈچىگۈXX مېخانىكىلىق تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان. 

يۇقارقى پاكىت ماددى ئىسپات، يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىغى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاش يەكۈنى، ئۈن- سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلدى.

  مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار خXX زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى بىلەن گەپ تالىشىپ قالغاندا، ئائىلە ئىچىدىكى زىدىيەتنى توغرا ئۇسۇلدا ھەل قىلماي، زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىنى ئۆلتۈرۋېتىش مەقسىتىدە، شارپا بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىنىڭ بوينىنى بۇغۇپ تارتىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىنىڭ نەپەس ئالالماي تۇنجۇقۇپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن قەستەن قاتىللىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. پۇخرالارنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقىنىڭ دەخلىسىزلىكى ھەمدە ئاممىۋى تەرتىپىنىڭ بېخەتەرلىكىنى قانۇنى كاپالەتكە ئېگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 232-،57-،67-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە جاۋابكار خ XX نىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ64-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە جاۋابكاردىن تۇتۇپ قېلىنغان ماددى بۇيۇمنى مۇسادىرە قىلىشقا تىگىشلىك. جاۋابكار خXX جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغان بۇلۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز. 

 

       ھۆرمەت بىلەن:

                     ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە

                            تەپتىش : ئوغۇلخان ياسىن

                            تەپتىش : يۈسۈپ ئەخمەت

2020يىلى1-ئاينىڭ13-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top