欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

海某某涉嫌危险驾驶案起诉书

2021-09-22 独角龙 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا، ت، بىرىنجى بۆلۈم، ج، ئە (2020) 433-نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار غە XX، ئەر، ئۇيغۇر، XX19 -يىل XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXX65292819، يۇرتى XX ناھىيە، نوپۇستىكى تۇرۇشلۇق ئورنى XX ناھىيە XX يېزا تۆۋەنكى XX كەنت XXگۇرۇپ XXنۇمۇر، ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، ئاشپەز، ماسسا، 2002-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن تەرپىدىن بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 7 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تۇرار جايىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاۋات ناھىيىلىك تەپتىش مەھكىمىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار غە XX نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىقلاپ، بۇ دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. جاۋابكار غە XX غا جىنايەت ۋە جازانى تونىغاندىن كېيىن كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇقتۇرۇلدى، جاۋابكار بۇ دىلونى تىز ھۈكۈم كىسىم قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قۇشۇلدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:  

2019-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 19:00 ئەتىراپىدا جاۋابكار غە XX ، تا XX ، مە XX ، ئا XX قاتارلىقلار XX يېزا XX-كەنىتتىكى ئا XX نىڭ بېغىدا ئولتۇرۇپ تاماق يىگەچ پىۋا ۋە ئاق ھاراق ئىچكەن. سائەت 23:00 ئەتىراپىدا سورۇندىن تارقاپ چىقىپ جاۋابكار غە XX مەس ھالەتتە تا XX نىڭ 新NXXXX نۇمۇرلۇق ماشىنىسىغا تا XX نى ئولتۇرغۇزۇپ ماشىنىنى ئاۋات ناھىيە ئايباغ يېزا تۆۋەنكى قاغىمۇش كەنت يول بۆلىكىدە جەنۇپتىن شىمالغا يۆلىنىشىدە ھەيدەپ ئايباغ يېزا تۆۋەنكى قاغىمۇش كەنت يولىدىكى ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش ساقچى چوڭ ئەتىرتى XXنۇمۇرلۇق ساقچى پونكىتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن توسۇپ تەكشۈرلۈپ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكى ئىنىقلىنىپ نەق مەيداندا تۇتۇلغان. 

شنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى ئىسپاتلارنى ئەدىلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2019) 2728-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدا: جاۋابكار غە XX نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا 166.12 مىللىگىرام ئىسپىرىت بار دەپ باھالىغان.

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل ئىسپاتلار:

1›يازما ئىسپات 2› گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى 3› جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 4› باھالاش پىكىرى 5› نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى، خەرىتىسى، فوتو-سۈرەت 6› ئۈن سىن ماتىريالى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئېتىراب قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز، جاۋابكار غە XX نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1- مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئسىپاتى تۇلۇق. خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك؛ جاۋاپكار جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، جاۋابكار غە XX قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاپ جاۋابكار غە XX غا 2 ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ جازانى كىچىكتۇرۇش، قۇشۇمچە جەرىمانە قۇيۇش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز. 

ھۆرمەت بىلەن: 

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

مۇئاۋىن باش تەپتىش: ماھىرە ئابلا

                        دىلشات مۇتەللىپ

2020-يىل 12-ئاينىڭ 19-كۈنى

قۇشۇمچە: 1› 8 پارچە ئەيىبلەشنامە بىلەن ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر توپلام رازۋېتكا دېلوسى بىرگە يوللاندى؛

2› جاۋاپكار غە XX ئائىلىسىدە.

3› جىنايەت ۋە جازانى تونۇش تىلخېتى بىر پارچە؛

4› ئوپتىك دىسكا 3 دانە (ماس قەدەملىك ئۈن- سوراق خاتىرسى، دىلو ماتىريالى)

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top