توقسۇن ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
توقسۇن تەپتىش 1-بۆلۈم ئەيىپلەش (2021)1-نومۇرلۇق
توقسۇن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ر**،ئەر،ئۇيغۇر،****-يىل **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:2516********652123، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: دېھقان، سىياسىي قىياپىتى: ئامما، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق جايى:** ناھىيە ** بازىرى ** يولى ** ئولتۇراق رايونى* رايون **-نومۇرلۇق، بۇرۇن جازالانمىغان.
جاۋابكار ر** قىمارخانا ئېچىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 2020–يىلى 06-ئاينىڭ 22-كۈنى** ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى 07-ئاينىڭ 24-كۈنى** ئوبلاستلىق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىنىپ** ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان. 2020-يىلى 09-ئاينىڭ 22-كۈنى** رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقىلىشى بىلەن،** ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى قاماش مۆھلىتىنى 1 ئاي ئۇزارتقان. 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى ** ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن. ** شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى بۇ دىلونىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى** ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قىلىپ بەلگىلەپ بەرگەن.
** ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ر** نىڭ قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ،2020-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە سۇنغان، مەھكىمىمىز دېلو ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
مەھكىمىمىز بېكىتكەن دېلو پاكىتى تۆۋەندىكىچە:
1. 2015-يىل 11-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە، جاۋابكار ر** بىلەن ت** (باشقا دېلودا بىر تەرەپ قىلىندى) ر** نىڭ ** ناھىيە ** بازىرىدىكى ئۆيىدە زاجىنخۇا شەكلىدە قىمارخانا ئاچقان، ھەربىر مەيداندا جاۋابكار ر** گە 1000 يۈەن مەيدان پۇلى بەرگەن. جاۋابكار ر** بىلەن ئا**، م**، ھ**، س**، ب**، م** قاتارلىق يەتتىسى زاجىنخۇا ئوينىغان، تەكتى 300 يۈەن، قەرتنى كۆرمىسە 50 يۈەن، قەرتنى كۆرسە 100 يۈەن، قەرتنى ئاچسا 200 يۈەندىن ئوينىغان، ت** پۇل تارقىتىشقا مەسئۇل بولغان، د** (س**) بىلەن ي** (ل**) چوتار ئايرىشقا مەسئۇل بولغان، قانچە كۆپ تىكسە، چوتارنى شۇنچە كۆپ ئايرىغان، جاۋابكار ر** شۇ ئاخشىمى 15000 يۈەن ئۇتتۇرىۋەتكەن.
2. 2015-يىل 11-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە، جاۋابكار ر** بىلەن ت** (باشقا دېلودا بىر تەرەپ قىلىندى) ر** نىڭ ** ناھىيە ** بازىرىدىكى ئۆيىدە زاجىنخۇا شەكلىدە قىمارخانا ئاچقان، جاۋابكار ر** بىلەن ئە**، پ**، م**، م** قاتارلىق بەشىسى زاجىنخۇا ئوينىغان، تەكتى 300 يۈەن، قەرتنى كۆرمىسە 50 يۈەن، قەرتنى كۆرسە 100 يۈەن، قەرتنى ئاچسا 200 يۈەندىن ئوينىغان، ت** پۇل تارقىتىشقا مەسئۇل بولغان، د** (س**) بىلەن ي** (ل**) چوتار ئايرىشقا مەسئۇل بولغان، قانچە كۆپ تىكسە، چوتارنى شۇنچە كۆپ ئايرىغان، جاۋابكار ر** شۇ ئاخشىمى 15000 يۈەن ئۇتتۇرىۋەتكەن.
3. 2015-يىل 11-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە، جاۋابكار ر** بىلەن ت**(باشقا دېلودا بىر تەرەپ قىلىندى) ر** نىڭ ** ناھىيە ** بازىرىدىكى ئۆيىدە زاجىنخۇا شەكلىدە قىمارخانا ئاچقان،جاۋابكار ر** بىلەن م**، پ**، غ**، ھ**، م**، ئە**، ئە**، ئا**، ك** قاتارلىق ئونىسى زاجىنخۇا ئوينىغان، تەكتى 300 يۈەن، قەرتنى كۆرمىسە 50 يۈەن، قەرتنى كۆرسە 100 يۈەن، قەرتنى ئاچسا 200 يۈەندىن ئوينىغان، ت** پۇل تارقىتىشقا مەسئۇل بولغان، د** (س**) بىلەن ي** (ل**) چوتار ئايرىشقا مەسئۇل بولغان، قانچە كۆپ تىكسە، چوتارنى شۇنچە كۆپ ئايرىغان،
4. 2015-يىل 11-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە، جاۋابكار ر** بىلەن ت** (باشقا دېلودا بىر تەرەپ قىلىندى) ر** نىڭ ** ناھىيە ** بازىرىدىكى ئۆيىدە زاجىنخۇا شەكلىدە قىمارخانا ئاچقان، جاۋابكار ر** ، م**، غ**، پ**، ئە**، ھ** قاتارلىق ئالتىسى زاجىنخۇا ئوينىغان، تەكتى 300 يۈەن، قەرتنى كۆرمىسە 50 يۈەن، قەرتنى كۆرسە 100 يۈەن، قەرتنى ئاچسا 200 يۈەندىن ئوينىغان، ت** پۇل تارقىتىشقا مەسئۇل بولغان، د** (س**) بىلەن ي** (ل**) چوتار ئايرىشقا مەسئۇل بولغان، قانچە كۆپ تىكسە، چوتارنى شۇنچە كۆپ ئايرىغان، جاۋابكار ر** شۇ ئاخشىمى 10000 يۈەن ئۇتتۇرىۋەتكەن.
5. 2015-يىل 11-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچتە، جاۋابكار ر** بىلەن ت** (باشقا دېلودا بىر تەرەپ قىلىندى) ر** نىڭ ** ناھىيە ** بازىرىدىكى ئۆيىدە زاجىنخۇا شەكلىدە قىمارخانا ئاچقان، جاۋابكار ر** ، ئە**، غ**، ئە**، م** قاتارلىق بەشىسى زاجىنخۇا ئوينىغان، تەكتى 300 يۈەن، قەرتنى كۆرمىسە 50 يۈەن، قەرتنى كۆرسە 100 يۈەن، قەرتنى ئاچسا 200 يۈەندىن ئوينىغان، ت** پۇل تارقىتىشقا مەسئۇل بولغان، د** (س**) بىلەن ي** (ل**) چوتار ئايرىشقا مەسئۇل بولغان، قانچە كۆپ تىكسە، چوتارنى شۇنچە كۆپ ئايرىغان، جاۋابكار ر** شۇ ئاخشىمى 10000 يۈەن ئۇتتۇرىۋەتكەن.
كۆپ قېتىم قىمارخانا ئاچقاندىن كېيىن ت** جاۋابكار ر** نىڭ قەرزىدىن 6000 يۈەننى كۆتۈرىۋېتىپ ر** نىڭ ئۆيىدىكى بەش قېتىملىق قىمار سورونىنىڭ مەيدان ھەققىگە ئۇدۇل قىلغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار:
1.يازما ئىسپات؛
2.جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
3.گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ر** نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ر** نىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 303–ماددىسى 2-تارمىقىنىڭ مەزمۇنىغا خىلاپ بولۇپ قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راست بولۇپ، قىمارخانا ئېچىش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. جاۋابكار جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » 15-ماددىسىىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ176-ماددىسى،214-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: ھەكىمە ئەرشىدىن
2020-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى
قۇشۇمچە:
1. جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە؛
2. دىلو توپلىمى ج خ توپلام 4 توپلام، تەپتىش توپلىمى 1 توپلام؛
3. «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخېتى » 1 نۇسخا.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论