شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار ت ج ئە (2021) -نۇمۇرلۇق
جاۋابكار رXX، ئەر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 652924********0573، ئۇيغۇر، دېھقان، ساۋاتسىز، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئادىرىسى: شايار ناھىيە ** بازىرى ** كەنت **-گورۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 9-ئاينىڭ **-كۈنى بۇلاڭچىلىق جىنايىتىگە ئاساسەن شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار رXX نىڭ بۇلاڭچىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 12–ئاينىڭ 5-كۈنى ش ج خ چىقىش (2020) 875-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار رXX 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 06:40 لەر ئەتىراپىدا، ئوغرىلىق قىلىش مەقسىتىدە شايار ناھىيىسى تارىم دەريا سودا شەھەرچىسىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە چىقىپ، جىن چېڭ كالا گۆشى ئۈگۈرخانسىنىڭ ئالدىدىكى كارىدوردا ئۇخلاپ ياتقان زىيانلانغۇچى ئۇXX نى كۆرۈپ، ئو XX نىڭ يېنىنى ئاختۇرغاندا، زىيانلانغۇچى ئو XX ئويغىنىپ كىتىپ ئورندىن تۇرغاندىن كىيىن، جاۋابكار رXX زىيانلانغۇچى ئو ئوXX قا « ماڭا پۇل بەر» دىگەندە، زىيانلانغۇچى ئو XX « مەندە پۇل يوق» دىگەن، جاۋابكار رXX زىيانلانغۇچى ئو XX نىڭ يېنىنى ئاقتۇرماقچى بۇلۇپ، زىيانلانغۇچى ئو XX نىڭ چاپىنىنىڭ ئىچ يانچۇقىغا قۇلىنى تىققاندا، زىيانلانغۇچى ئو XX قارشىلىق قىلىپ جاۋابكار رXX نىڭ ياققىسىدىن تۇتىۋالغاندىن كىيىن، جاۋابكار رXX قۇلى بىلەن زىيانلانغۇچى ئو XX نىڭ يۈز قىسىمغا بىر نەچچىنى ئۇرۇپ زەخمىلەندۈرۈپ، ئو XX نىڭ چاپىنىنىڭ ئىچ يانچۇقىنى ئاقتۇرۇپ، بىر دانە پورتىمالنى ئېلىپ، پورتىمال ئىچدىن 310 يۈەن نەق پۇلنى ئېلىۋېلىپ قېچىپ كەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن. شايار ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2020) 38-نۇمۇرلۇق ئادەم بەدىنىنىڭ زەخمىسىنى باھالاش يەكۈنىدە ئۇ XX نىڭ زەخمىسى يەڭگىل زەخمە دەپ بىكىتىلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى ۋە ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى، ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار رXX نىڭ قانۇنسىز ئېگەللىۋېلىش مەقسىتىدە زورلۇق ۋاستىسى ئىشلىتىپ، باشقىلارنىڭ مال-مۈلۈكنى ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن بۇلاڭچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈك ھۇقۇقى ۋە جىسمانى ھۇقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئېگە قىلىش ئۈچۈن، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 263-ماددا، 67-ماددا 3- تارماقدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جاۋابكار رXX نىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار رXX جىنايتنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان، زىيانلانغۇچىنىڭ يەڭگىل زەخمىلىنشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇلۇپ، بۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئويغۇن، شۇڭا جاۋابكار رXX قا تۆت يىل مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىپ، قۇشۇمچە 2000 يۈەن شىتراف قۇيۇشنى مۇۋاپىق دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
2021-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论