欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

热某某盗窃案起诉书(公开版)

2021-09-21 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى 

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى 

 

                                     شايار تەپتىش ج ئە چىقىش (2020) 1000-نومۇرلۇق

جاۋابكار رXX، ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 1331********652924، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئېگە، دېھقان،قامىلىشتىن ئىلگىرى شايار ناھىيە ** بازىرى ** كەنت **-گوروپ **-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق. ئوغۇرلۇق جىنايىتى بۇيىچە 2018-يىلى 3-ئاينىڭ **-كۈنى شايار ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇدددەتلىك ئالتە ئايلىق ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 2018-يىلى 6-ئاينىڭ *- كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن. ئوغۇرلۇق جىنايىتى ئۈچۈن 2019-يىلى 8-ئاينىڭ **-كۈنى شايار ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك بىر يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ **- كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن. ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن 2020-يىلى 11- ئاينىڭ **-كۈنى جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ،2020-يىلى 8-ئاينىڭ **- كۈنى قولغا ئېلىنغان. 

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار رXX نىڭ ئوغرىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى ش ج خ چىقىش (2020)269-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قائىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بار بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

جاۋابكار رXX 2020-يىلى11-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 2:00 لەر ئەتراپىدا، ئوغرىلىق قىلىش مەقسىتىدە، ئۆزى يالغۇز ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتىنى(ئاتىسى ئە XX نىڭ ئېگىدارلىقىدا) مىنىپ ئۆيىدىن چىقىپ، شايار ناھىيە قايلور بازىرىغا كىلىپ، ئوغرىلىق قىلدىغان نىشان ئىزدەپ، قايلور بازىرىدىكى « ۋېن چىڭ» يانفۇن سېتىش دۇكىنىنىڭ ئالدىغا كەلگەندىن كىيىن، دۇكاننىڭ سىرىتقى بىخەتەرلىك تۆمۈر ئىشىكىنىڭ تاقالمىغانلىقىنى، ئىچىدىكى ئەينەك ئىشىكنىڭ ئادەتتىكى قۇلۇپ بىلەن تاقالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئەتراپتا ئادەم يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن، ئالدىدىن تەييارلىۋالغان ئون سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى، سىمدىن پايدىلىنىپ، دۇكاننىڭ قۇلپىسىنى ئاچقاندىن كىيىن دۇكان ئىچىگە كىرىپ، دۇكاننىڭ ئىچىدىكى يانفۇن تىزىقلىق پۇكەيلەرنىڭ ئىچىدىن 7025 يۈەن قىممىتىدىكى بەش دانە يانفۇن، ئىككى دانە يانفۇن توك زەرەتلىگۈچ ۋە بىر دانە نائوشنىك قاتارلىق مال-مۈلۈكنى ئوغرىلاپ دۇكاندىن چىقىپ ئۆيىگە قايتىپ كەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن  زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.  

يۇقارقى پاكىت يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قائىل بولغان.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار رXX نىڭ قانۇنسىز ئېگەللىۋېلىش مەقستىدە، باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان  قىلمىشىدىن ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىلىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قائىل بولغان، جاۋابكار رXX كە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-، 65-ماددىسىدىكى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە جازا بىرىشكە تىگىشلىك. پۇخرالارنىڭ قانۇنلۇق مال-مۈلكىنىڭ قانۇنسىز دەخلى-تەرۇزگە ئۇچىرماسىلىقىنى قانۇنى كاپالەتكە ئېگە قىلىش ئۈچۈن، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ15-، 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز. 

 

       ھۆرمەت بىلەن:

                     شايار ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

   

2020يىلى  12-ئاينىڭ 11-كۈنى 

 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top