شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بايىنغولىن ئاپتونۇم ئوبلاستى
لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپلەشنامىسى
ل ت ج ئەيىپلەش1-بۆلۈم (2019) 86- نومۇرلۇق
جاۋاپكار يا**،ئەر،ئۇيغۇر،1994-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:******6528231994،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە،كەسپىي:دېھقان،نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادرىسى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى:لوپنۇر ناھىيىسى** يېزىسى ** مەھەللە كەنتى **- نومۇر ، 2018- يىلى 12- ئاينىڭ13 -كۈنى لوپنۇر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك يول يۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۇچۇن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن،ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان،ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
لوپنۇر ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى جاۋاپكار يا**نىڭ خەتەرلىك يول يۈرۈش جىنايەت دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ،2019- يىلى11- ئاينىڭ- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ھەم ، دېجورنى ئادوۋكاتنىڭ پىكرى ئېلىنىپ پۈتۈن دېلو تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇلدى . جاۋابكار يا** مەزكۇر دېلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە:
جاۋاپكار يا** 2018-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى سائەت 02 لەر ئەتىراپىدا ، ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە新B**نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتومبىلنى ھەيدەپ ، لوپنۇر ناھىيە ** ئاھالىلەر كومىتىتىنىڭ ئالدىدىكى يول بۆلىكىنى بويلاپ شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ مىڭىپ ،لوپنۇر ناھىيە** ئاھالىلەر كومىتىتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ،شۇ جايدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان لوپنۇر ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى ** ساقچى چوڭ ئەتىرىتى** ئولتۇراق رايونى خەلىققە قولئايلىق ساقچى پونكىتى ساقچىلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا كونتۇرۇل قىلىنىپ ، لوپنۇر ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچىلىرى نەقمەيدانغا كېلىپ ، قانۇن بويىچە قان ئەۋرىشكىسى ئېلىش ۋە تەھقىقلەش ئېلىپ بارغان .
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزى (2018) 7370– نومۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە ، يا**نىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەر 100 مىللىلېتىر قان تەركىبىدە300 مىللىگىرام ئىسپىرت بارلىقىنى باھالاپ بېكىتكەن .
يوقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى : يازما ئىسپات ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش يەكۈنى ،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋاپكار يا**نىڭ قاتناش – تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن – نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ ،مەست ھالدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق ، دەلىل ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ،خەتەرلىك يول يۈرۈش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك .
مەزكۇر دېلۇنى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15 – ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ ، جاۋابكار يا**غا 5 ئايدىن يۇقىرى 6 ئايدىن تۆۋەن ، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ، قوشۇمچە 12000 يۈەن شىتىراپ قويۇش جازاسى بېرىپ ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىپلىدۇق ، قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .
ھۆرمەت بىلەن : لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : تۇرسۇن راخمان
2019- يىلى 11- ئاينىڭ15-كۈنى
ئىزاھات : (1) دېلو ئارخىبى بىر توپلام. (2) « خاتالىقنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى » نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论