欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

牙某某危险驾驶案起诉书(公开版)

2021-09-21 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

شايار ت ج 1-بۈلۈم ئەيىپلەش چىقىش (2020) 524 –نومۇرلۇق

جاۋابكار ياXX، ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى؛  001X ******652924 ، شايار ناھىيلىك ** ئىدارىسىنىڭ ئىشچىسى ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە ، ئىلگىرى جازالانمىغان, شايار ناھىيە بازىرى ** ئولتۇراق رايۇنى **-بىنا **-كۇرپۇس **-ئۆيدە  ئولتۇرۇشلۇق. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ياXX نىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2020) 683-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارىتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار ياXX 2019-يىلى10-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 18:00 لار ئەتىراپىدا ، شايار ناھىيە بازىرى ** ئولتۇراق رايۇنى ئىچىدىكى ئۆيىدە ئۆزى يالغۇز پىۋا ئىچكەندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ *****新N نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىتكىلىتىنى ھەيدەپ، شايار ناھىيە بازىرى ** ئولتۇراق رايۇنى يېنىدىكى كەشلىك بازارغا بېرىپ تاماق يەپ ئۆيىگە كەتمەكچى بۇلۇپ *****新N نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىتكىلىتىنى ئۆزى ھەيدەپ مېڭىپ، سائەت 19:20 لەر ئەتىراپىدا ، شايار ناھىيە بازىرى تاخې جىيايۈەن ئولتۇراق رايۇنى ئالدىدىكى قىزىل چىراق بار كىسىشمە يول ئېغىزىغا كەلگەندە، ئالدى تەرەپتە ئۆزى بىلەن ئوخشاش يۆلىنىشتە مېڭىپ قىزىل چىراقتا توختىغان جاڭ دې يۇڭ ھەيدىگەن *****新N نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتكى ئائىلە ماشىنىسى بىلەن سۇقۇشۇپ كېتىپ، ساقچىلار تەرپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان . تەكشۈرۈش ئارقىلىق ياXX نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدىكى ئېتىل ئالكوگۇل مىقدارى 296مىللىگىرام ئىكەنلىگى ئېنىقلانغان.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى، نەق مەيداندىن تارتىلغان سۆرەتلەر، ئۈن-سىن ماتىريال قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ياXX نىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2)-تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-، 176-، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. مەزكۇر دېلوغا تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىش ۋە جاۋابكار ياXX نىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، جاۋابكار ياXX كە 4 ئاي 25كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 9600 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

 

2020-يىلى 9-ئاينىڭ28-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top