和静县人民检察院
起 诉 书
和静县检一部刑诉〔2020〕345号
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
خېجىڭ تەپتىش بىرىنچى بۆلىمى جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2020) 345-نومۇرلۇق
جاۋابكار يXX، ئەر، ئۇيغۇر،1984-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان ،كىملىك نومۇرى: XXXXXXXX6528271984، كەسپى:ئىشچى، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،بۇرۇن جازالانمىغان، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيە XX بازىرى XX كەنىت XX-گۇرپپا XX-نۇمۇر(يېزا كەنىت) ،2020-يىلى 06-ئاينىڭ 15-كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللگە بىرىلگەن.ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيە XX بازىرى XX كەنىت XX-گۇرپپا XX-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق.ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە.
جاۋابكار يXX ماتورلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش دىلوسىنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى10-ئاينىڭ25-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن،جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى،دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى.دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىمزالاندى،جاۋابكار يXX مەزكۇر دىلودا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
2020-يىلى 06-ئاينىڭ 05-كۈنى كەچتە، جاۋابكار يXX دۇستلىرى ئاXX،يXX،قXXلار بىلەن بىرگە خېجىڭ ناھىيە قارمۇدۇن بازىرىدىكى بىر ئاشخاندا تاماق يىيىشكەچ بىرگە تۆتىسى بىرگە قىزىل ۋۇسۇ ماركىلىق پىۋىدىن10پۇتۇلكىدەك ئىچكەندىن كىيىن كىچە سائەت 01:30لار ئەتراپىدا ئۆيىگە قايتىپ كىتىپ بەش سائەت ئەتراپىدا ئۇخلىغاندىن كىيىن سائەت 06:30 دە كورلىدىكى ئىشلەش ئورنىغا مىڭىش جەريانىدا 新MXXXXنۇمۇرلۇق ماشىنىنى ھەيدەپ قارمۇدۇن بازىرى ناھىيە يۇلى 272-لىنىيە 2-كىلۇمىتىرلىق يۇل بۈلىكىگە كەلگەندە، يولنىڭ سول تەرىپىدىكى بىر دەرەخكە سۇقۇلۇپ كەتكەن، نەتىجىدە بىر دانە ئاپتىمۇبىل بۇزۇلغانلىقىدەك قاتناش ھادىسى كىلىپ چىققان،ۋەقە سادىر بولغاندىن كىيىن نەق مەيدانغا قاتناش ساقچىلىرى يىتىپ كىلىپ نەق مەيدانىنى تەكشۇرۇش جەريانىدا جاۋابكار يXXنىڭ ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ئاپتىمۇبىلنى ھەيدەپ قاتناش ھادىسى سادىر قىلغانلىقىنى تەكشۇرۇپ بايقاپ قالغان،شۇنداقلا جاۋابكار يXXنى قاتناش ساقچى چۇڭ ئەترىتى ۋەقە بىر تەرەپ قىلىش ئۇتتۇرا ئەترىتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020)زەھەرباھالاش 2708-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدە جاۋابكار يXXنىڭ ھەر يۈز مىللىتىر قان تەركىبىدە 90 مىللىگىرام ئىسپىرت مىقدارى بار دەپ بىكىتكەن.جاۋابكار يXX دىلو سادىر قىلغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان.
يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرسى،نەق مەيدان رەسىمى،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئەدىلىيەلىك تەكشۇرۇپ باھالاش پىكىرنامىسى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ،جاۋابكار يXX قاتناش بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش قانۇن- نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە يولدا ھەيدىگەن،قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ،جىنايى پاكىتى ئېنىق،دەلىل-ئىسپات تولۇق.جاۋابكار يXX ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار يXX جىنايىتى تۇنۇپ،جىنايى جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ15-ماددسىىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ.شۇڭا جاۋابكار يXXنىڭ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن:
خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئەركىنجان تۇردى
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论