شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار ت ج ئە چىقىش (2020) 621-نومۇرلۇق
جاۋابكار يۈxx، ئەر، xx19-يىلى -xxئاينىڭ -xxكۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65292419xxxxxxxx، ئۇيغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئېگە، دېھقان، شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنت -xxگۇرۇپ xx-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن.
شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار يۈxxنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 9 -ئاينىڭ 27 -كۈنى شايار ج خ چىقىش (2020)560-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارىتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار يۈxx 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 22:00 لار ئەتىراپىدا نۇمۇر تاختىسىز ئىككى چاقلىق موتسىكلىتنى xx بازىرىدىن شايار ناھىيە بازىرىغا قاراپ پىراۋىسىز مەس ھالەتتە ھەيدەپ مېڭىپ شايار ناھىيە بازىرى xx زاۋۇتىنىڭ يېنىدىكى گاز قاچىلاش پونكىتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، گاز قاچىلاش ئۈچۈن ھەxxنىڭ 新Nxxxx نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىىسىنىڭ كەينىگە سۇقۇلۇپ، شۇ ئەتراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بايقالغان.
شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى ئىسپاتلارنى ئەدلىيىلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2020)0976-نۇمۇرلۇق ئەدلىيلىك باھالاش پىكرىدە«ئالاقىدار يۈxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىۋىدىكى ئىسپىرت مىقدارى 171.67 مىللىگىرام»دەپ خاتىرلەنگەن.
شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ«يول قاتناش ھادىسە ئېتىراپنامىسى»دە بۇ قېتىمقى ھادىسىدە «يۈxx بىلەن تۇxx بۇ قېتىمقى ھادىسىنىڭ ئوخشاش مەسئۇلىيتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، خەxx بۇ قېتىمقى ھادىسىنىڭ مەسئۇليىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ» دەپ بېكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى، نەق مەيداندىن تارتىلغان سۆرەتلەر، ئۈن-سىن ماتىريال قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار يۈxxنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2)-تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-، 176-، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. مەزكۇر دېلوغا تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىش ۋە جاۋابكار يۈxxنىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، جاۋابكار يۈxxغا 2 ئاي 25 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 5500 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش: xxxxxx
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى
قۇشۇمچە: 1) 9 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى (90بەت) بىرگە يوللاندى.
2)جاۋابكار كېىپلدە،
3) جاۋاپكارنىڭ «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش خىتى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论