新疆维吾尔自治区人民检察院阿克苏分院
起 诉 书
新检阿分检公诉刑诉〔2020〕6号
被告人玉某某,男性,19XX年4月1X日出生,居民身份证号码652928XXXXXXXX2033 ,维吾尔族,初中,户籍所在地新疆维吾尔自治区阿克苏地区阿瓦提县,住XX乡XX村1组7X号,于2019年3月28日被阿瓦提县公安局刑事拘留;于2019年4月28日被批准逮捕。
本案由阿瓦提县人民检察院公诉部门侦查终结,以被告人玉某某涉嫌故意杀人罪,于2019年X月2X日向本院移送审查起诉。本院受理后,已告知被告人有权委托辩护人,已告知被害人及其法定代理人(近亲属)、附带民事诉讼的当事人及其法定代理人有权委托诉讼代理人,依法讯问了被告人,听取了辩护人、被害人及其诉讼代理人的意见,审查了全部案件材料。
经审查查明:
2019年3月26日22:00左右,被告人玉某某在自己的阿瓦提县XX镇XX村一组的黄色的门房子里,跟死者(妻子)阿某某和四个孩子一起看电视,让儿子麦某(11岁)去村委会门口买吃的,麦某村委会前面的烤串子鸡蛋拿进来后被告人玉某某跟死者阿某某一起吃了串子鸡蛋。3月27日00时许,被告人玉某某的三个女儿到旁边的老房子睡觉,死者阿某某想去女儿身边的时候,被告人玉某某说要把死者阿某某留在一起,死者阿某某说“我不跟你一起睡”没同意,于是被告人玉某某抓住死者阿某某的喉咙推时,死者右倒在家中板床上,死者阿某某起身对被告人玉某某说“我跟孩子们一起睡,我不跟你一起睡》,准备回到三个女儿睡觉的房子的时候,被告人玉某某说《爱去哪儿就去那》然后抓住死者阿某某的脖子推了过去。死者阿某某摔倒在炉前的柴火上,死者阿某某在准备离开时,被告人玉某某又踢了死者的右脚一脚,死者回头看的时候又用拳头打了左胸部一拳,死者阿某某后退后又拐进了三个女儿睡觉的老房子。被告人玉某某跟随死者阿某某进入房间,死者阿某某准备在板床上躺着的时候对他说:《我们好久没在一起了,到隔壁房间跟我一起睡》,死者阿某某又不同意,被告人玉某某说:《你不跟我一起睡想跟谁睡?》”,躺着的阿某某的左侧肋骨踩了一脚,然后拉住她的手说:“走,到旁边的房子跟我一起睡”的时候,死者甩出了手,被告人玉某某踩了死者阿某某的腹部,死者阿某某的嘴巴鼻子被被告人用家里的枕头蒙住并用左手压在上,再用右手勒住了死者的喉咙。被告人玉某某看到死者阿某某没有了动静,把她头往两边摇晃,死者阿某某没有任何反应后,被告人玉某某听了死者的呼吸和心跳,确认阿某某死亡后,将毯子盖在上面,离开现场,到旁边的黄色门屋里躺着。天亮时,被告人玉某某的母亲达娜汗·阿布墩发现阿某某死亡,遂通知死者阿某某的家人。阿某某的家人怀疑阿某某的死亡,来到村委会后,被村警察报案了。
阿瓦提县公安局(2019)054号刑事技术鉴定意见书鉴定,“死者阿某某生前遭受钝性外力作用,喉咙被勒住,口,鼻塞,气体交换受阻,缺氧导致机械性窒息死亡”的结论。
上述事实根据物证,书证,证人证言,鉴定结论,被告人供述,勘验检查笔录等证据认定。
案件事实清楚,证据确实,充分,可以认定。
本院审查认为:被告人玉某某的没能正确的方式解决夫妻关系,在用枕头捂着嘴的同时用手掐住喉咙,窒息而故意剥夺妻子阿某某的生命的行为构成故意杀人罪。被告人玉某某如实供述自己的行为。其行为触犯了《中华人民共和国刑法》第二百三十二条、第六十七条第三款之规定。犯罪事实清楚,证据确实、充分,应当追究其刑事责任。根据《中华人民共和国刑事诉讼法》第一百七十六条第一款的规定,提起公诉,请依法判处。
此致
阿克苏地区中级人民法院
检察员:奥古丽汗·亚森
检察员:玉苏甫·艾合买提
2020年2月27日
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىى ئاقسۇ شۆبىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ش ت ئەيىپلەش 2-بۈلۈم چىقىش (2020) 6-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار يۈXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX ياش، XX19يىلى 4-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:652928XXXXXXXX2033، يۇرتى ئاۋات ناھىيە، توختۇتۇپ قۇيۇشتىن ئىلگىركى ئولتۇرغى: XX بازىرى XX كەنت 1-گۇرۇپ XX-نومۇر، دېھقان، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، ماسسا، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى جىنايى ئىشلار بۇيىچە تۇختۇتۇپ قۇيۇلغان. 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان، ھازىر ئاۋات ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
ئاۋات ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى ئەيىبلەشكە يوللىغان جاۋابكار يۈXX نىڭ قەستەن قاتىللىق جىنايەت دىلوسىنى ئاۋات ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىشى بىلەن دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، بارلىق دىلو ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ، ئالاقىدار دەلىل- ئىسپاتلارنى سېلىشتۇرۇپ، دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتى ئېنىقلاپ چىقىلدى:
2019-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 22:00 لەر ئەتراپىدا جاۋابكار يۈXX ئۆزىنىڭ XX بازىرى XX كەنت 1-گۇرۇپتىكى سېرىق ئىشىكلىك ئۆيىدە ئۆلگۈچى (ئايالى) ئاXX ۋە تۆت بالىسى بىلەن بىرگە تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپ، ئوغلى مXX (11ياش) گە كەنت كومىتىتىنىڭ ئالدىغا چىقىپ يەيدىغان يىمەكلىك ئېلىپ كىرىشنى ئېيتقان، مXX كەنت كومىتىتىنىڭ ئالدىدىكى قاقلاپ پىشۇرۇلغان زىخلىق تۇخۇم ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن جاۋابكار يۈXX ئۆلگۈچى ئاXX بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ زىخلىق تۇخۇم يىگەن، 3-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 00 دىن ئاشقاندا جاۋابكار يۈXXنىڭ ئۈچ قىزى ياندىكى كونا ئۆيگە چىقىپ ئۇخلاپ قالغان، ئۆلگۈچى ئاXX قىزلىرىنىڭ يېنىغا چىقىپ كەتمەكچى بولغاندا، جاۋابكار يۈXX ئۆلگۈچى ئاXXغا قېپقېلىپ ئۆزى بىلەن بىرگە بولۇشنى ئېيتقان، ئۆلگۈچى ئاXX «مەن سەن بىلەن بىللە ياتمايمەن»دەپ قوشۇلمىغان، شۇنىڭ بىلەن جاۋابكار يۈXX ئۆلگۈچى ئاXX گېلىدىن تۇتۇپ ئىتتىرگەندە، ئۆلگۈچى ئۆيدىكى بەنچاڭنىڭ ئۈستىگە ئوڭدىچە يىقىلىپ چۈشكەن، ئۆلگۈچى ئاXX ئورنىدىن تۇرۇپ جاۋابكار يۈXXغا«مەن باللىرىم بىلەن ياتىمەن، سەن بىلەن بىللە ياتمايمەن» دەپ ئۈچ قىزى ياتقان ئۆيگە چىقىپ كەتكىلى ماڭاي دەپ تۇرغاندا، جاۋابكار يۈXX «نەگەبارساڭ بار» دەپ ئۆلگۈچى ئاXXنىڭ گەجگىسىدىن تۇتۇپ ئىتتىرۋەتكەن. ئۆلگۈچى ئاXX مەشنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويغان ئوتۇننىڭ ئۈستىگە يىقىلىپ چۈشكەن، ئۆلگۈچى ئاXX ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتكىلى ماڭغاندا جاۋابكار يۈXX يەنە ئۆلگۈچىنىڭ ئوڭ پۇتىغا بىرنى تەپكەن، ئۆلگۈچى ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىغان ۋاقتىدا يەنە سول كۆكرەك قىسمىغا مۇش بىلەن بىرنى ئۇرغان، ئۆلگۈچى ئاXX ئارقىسغا داجىپ قالغاندىن كېيىن يەنە كەينىگە بۇرلۇپ ئۈچ قىزى ئۇخلاۋاتقان كونا ئۆيگە كىرىپ كەتكەن. جاۋابكار يۈXX ئۆلگۈچى ئاXXنىڭ ئارقىسدىن ئەگىشىپ ئۆيگە كىرگەن، ئۆلگۈچى ئاXX بەنچاڭ ئۈستىگە چىقىپ ياتقىلى تەمشەلگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭغا «بىزبىللە بولمىغىلى ئۇزۇن بوپتۇ، ياندىكى ئۆيگە چىقىپ مەن بىلەن بىللە يات»دېگەن، ئۆلگۈچى ئاXX يەنە قوشۇلمىغان، جاۋابكار يۈXX مەن بىلەن بىللە ياتماي كىم بىلەن ياتماقچىدىڭ؟»دەپ ئوڭدىچە ياتقان ئۆلگۈچى ئاXXنىڭ سول بېقىنىغا بىرنى دەسسىگەن، ئاندىن ئۆلگۈچىگە«ماڭە، ياندىكى ئۆيگە چىقىپ مەن بىلەن بىللە يات »دەپ قولىنى تارتقاندا، ئۆلگۈچى قولىنى سىلكىپ چىقىرۋالغان، جاۋابكار يۈXX ئۆلگۈچى ئاXXنىڭ قورساق قىسمىغا بىرنى دەسسىگەن، ئۆلگۈچى ئاXXنىڭ ئېغىز بۇرنىنى ئۆيدىكى ياستۇققا پۈركەپ سول قولى بىلەن ئۈستىدىن بېسىپ تۇرۋالغان، ھەم ئۆلگۈچىنىڭ گېلىنى ئوڭ قولى بىلەن بوغقان. جاۋابكار يۈ XX ئۆلگۈچى ئاXXنىڭ جىمىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، بېشىنى ئىككى تەرەپكە ئىرغىتىپ باققان، ئۆلگۈچى ئاXXدا ھېچقانداق ئىنكاس بولمىغاندىن كېيىن، جاۋابكار يۈXX ئۆلگۈچىنىڭ نەپەس ئېلىشىنى ۋە يۈرەك سوقۇشىنى تىڭشاپ بېقىپ، ئاXXنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن، ئەدىيالنى ئۈستىگە يىپىپ قۇيۇپ، نەق مەيداندىن ئايرىلىپ، ياندىكى سېرىق ئىشىكلىك ئۆيگە چىقىپ ياتقان. تاڭ ئاتقاندا، جاۋابكار يۈXX نىڭ ئاپىسى دا XX ئاXXنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بايقاپ، ئۆلگۈچى ئاXXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە خەۋەر قىلىغان. ئاXXنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرئاXXنىڭ ئۈلۈمىدىن گۇمانلىنىپ كەنت كومىتىتىغا چىققاندىن كىيىن، كەنت ساقچىسى تەرىپىدىن دىلو مەلۇم قىلىنغان.
ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2019) 054-نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار ئىلمىي تېخنىكىلىق باھالاشنامىسىنىڭ باھالاش پىكىرىدە «ئۆلگۈچى ئاXX ھايات ۋاقتىدا بىسسىز خارەكتىردىكى سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىدە گېلى بوغۇلۇپ، ئېغىز، بۇرۇنى ئېتىلىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئوكسىگىن كەمچىللىك سەۋەبىدىن مىخانىكىلىق تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش يەكۈنى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل - ئىسپاتى راست ھەم تولۇق، بېكىتىشكە بولىدۇ.
جاۋابكار يۈXX نىڭ ئائىلە مۇناسىۋىتىنى توغرا ئۇسۇلدا ھەل قىلماي،ئايالى ئاXXنى ياستۇق بىلەن ئاغزىنى ئېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇلى بىلەن گېلىنى سىقىپ، تۇنجۇقتۇرۇپ ھاياتىدىن قەستەن مەھرۇم قىلغان قىلمىشىدىن قەستەن قاتىللىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋابكار يۈXX قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز جىنايەتكە زەربە بىرىپ، پۇقرالارنىڭ جىسمانى ھوقوقىنىڭ قانۇنسىز دەخلى تەرۈزگە ئۇچۇرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكار يۈXX غا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 232-ماددا ، 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۆرۈر دەپ قارايدۇ . شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا، 15-ماددا بەلگۈلىمىسى بۇيىچە مەھكىمىڭىزلارنىڭ جىنايى جازا بېرىشى ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش:ئوغۇلخان ياسىن
تەپتىش: يۈسۈپ ئەخمەت
2020-يىلى 2 -ئاينىڭ 27-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论