欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

玉某某涉嫌交通肇事案不起诉决定书

2021-09-20 独角龙 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپلىمەسلىك قارارنامىسى

ئا، ت، بىرىنجى بۆلۈم ئەيىپلىمەسلىك (2021) 5-نۇمۇرلۇق

ئەيىپلەنمىگۈچى يۈ XX، ئەر، ئۇيغۇر، XX19-يىل XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXX65292819، يۇرتى XX ناھىيە، نوپۇستىكى تۇرۇشلۇق ئورنى XX ناھىيە XX بازار XX كەنت XX-گۇرۇپ XX-نۇمۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دىھقان، ماسسا، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇرار جايىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

 ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىپلەنمىگۈچى يۈ XX نىڭ قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى دېلوسىنى 2020-يىل 12-ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىپلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە ئەيىپلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، ئەيىپلەنمىگۈچىدىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ، بۇ دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. 

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

2019-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 20:00 ئەتىراپىدا ئەيىپلەنمىگۈچى يۈ XX ئۆزىنىڭ 新NXXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى پىكا ماشىنىسىغا يا XX، ئە XX، خا XX ، تۇ XX قاتارلىقلارنى چىقىرىپ ئاۋات ناھىيە تامتوغراق يېزا 8-كەنت قارماي يولىدا شەرىقتىن- غەرىبكە يۆلىنىشىدە ھەيدەپ كىتىۋىتىپ تامتوغراق بازار 8-كەنت 3-گۇرۇپ يول بۆلىكىگە كەلگەندە ئالدىدا ئوخشاش يۆلىنىشتە يولنىڭ قىرىغا توختۇتۇپ قويغان ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتنى يانداپ چىقىپ كىتىۋاتقاندا قارشى تەرەپتىن مە XX غەرىپتىن شەرىققە يۆلىنىشىدە ھەيدەپ كىتىۋاتقان نۇمۇر تاختىسى يوق ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىت بىلەن سوقۇلغان، ئە XX كەنت ساقچىسى دو XX غا تىلفۇن قىلىپ دىلو مەلۇم قىلغان، مە XX نەق مەيداندا ئۆلۈپ كەتكەن. 

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2019) 196-نۇمۇرلۇق جىنايى ئىشلار پەن- تېخنىكىلىق باھالاشنامىسىدا: مە XX نىڭ ئۆلۈشتىن ئىلگىرى سىرىتقى كۈچنىڭ تەسىرىدە كۆكرەك قىسمى ئېغىر دەرجىدە يېپىق خارەكتىرلىك زەخمىلىنىپ ئۆلگەن دەپ بىكىتكەن.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ 652928201900270-نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسىدىكى جاۋابكارلىقنى بىكىتىشنامىسىدا: ئەيىپلەنمىگۈچى يۈ XX «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى» نىڭ 35-ماددا، 43-ماددا 1-تارماق 2-تۈر بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھادىسىدە ئاساسلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، مە XX «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى» نىڭ 18-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھادىسىدە قوشۇمچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتكەن.

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن: 

1 يازما ئىسپات 2 گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى 3ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى 4باھالاش پىكرى 5نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرسى، خەرىتە ۋە فوتو-سۈرەت قاتارلىقلار بار.

مەھكىمىمىز، ئەيىپلەنمىگۈچى يۈ XX نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ بىر ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى جىنايتى شەكىللىنىدۇ. ئەيىپلەنمىگۈچى يۈ XX ۋەقە سادىر قىلغاندىن كېيىن، نەق مەيداندىن ئايرىلماي ساقچىلار نەق مەيدانغا بارغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ قىلمىشىنى ئاكتىپلىق بىلەن تاپشۇرغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىغا 100 مىڭ يۈەن ئىقتىسادى تۆلەم بىرىپ ھەق- تەلەپ جەھەتتە ئۆز-ئارا كىلىشكەن ھەمدە زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلە- تاۋاباتىنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، جىنايىتىنى تۆۋە قىلىش ئىپادىسى ياخشى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق بۇلۇش ئەدلىيە سىياسىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە جىنايى جازا بېرىشنىڭ زۆرۈريىتى يوق دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە يۈ XX نى نىسپى ئەيىپلىمەسلىك قارار قىلىندى. 

ئەيىپلەنمىگۈچى بۇ قارارغا قايىل بولمىسا، مەزكۇر قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2021-يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top