欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

玉某某涉嫌信用卡诈骗案起诉书

2021-09-20 独角龙 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا،ت، بىرىنجى بۆلۈم، ج، ئە (2020) 313-نۇمۇرلۇق

جاۋابكار يۈ XX، ئەر، ئۇيغۇر، XX19 -يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XX652928197، يۇرتى ئاۋات ناھىيە،  نوپۇستىكى تۇرۇشلۇق ئورنى ئاۋات ناھىيە XX بازار XX جەنۇبى يولى XX ئولتۇراق رايۇنى 11-بىنا 1-كۇرپۇس 401-نۇمۇر، ئالى تېخنىكۇم  مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئاۋات ناھىيىلىك XX ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى، پارتىيە ئەزاسى، ئەقلى- ھوشى ساق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان، ھازىر  ئاۋات ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار يۈ XX نىڭ كىردىت كارتا ئالدامچىلىق، ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە دىلونى تولۇقلاپ تەھقىقلەش زۆرۈر دەپ قاراپ ئىككى قېتىم ج خ ئىدارىسى تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردى، ج خ ئىدارىسى دىلونى تولۇقلاپ تەھقىقلەپ مەھكىمىمىزگە قايتا يوللىغاندىن كېيىن، بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ، بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار يۈ XX باشقىلاردىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 10:30 لەر ئەتراپىدا XX يېزا XX كەنتى XX-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ر XX نىڭ ئۆيىگە كىرىپ دېھقانلارنىڭ بانكا كارتىسىدىكى كىرىم-چىقىم ھېساباتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى باھانە قىلىپ، زىيانلانغۇچى ر XX نىڭ ئىككى دانە قەرز-ئامانەت بانكا كارتىسىنى ئەچىقتۇرۇپ، مەخپى نومۇرىنى سوراپ كارتىنى ئالداپ ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئۆزىنى XXXX گۇرۇپپىسىنىڭ خادىمى دەپ تونۇشتۇرۇپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن. ئاندىن جاۋابكار يۈ XX كارتىدىن پۇل ئېلىش ئۈچۈن XX يېزا بازىرىغا بېرىپ، بXX يېزىسىدىكى XX ئامانەت قەرىز كوپراتىپىنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئىلىش ماشىنىسىدىن ر XX نامىدىكى 6210088XXXX نۇمۇرلۇق بانكا كارتىسىدىن 600 يۈەن، ر XX نامىدىكى 6212872XXXX نۇمۇرلۇق بانكا كارتىسىدىن 9000 يۈەن ئېلىۋالغان. ئارقىدىن ئاۋات ناھىيە بازىرىغا بېرىپ، ئاۋات بازارلىق XX ئۇدۇلىدىكى يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن ر XX نامىدىكى 621287208XXXX نۇمۇرلۇق بانكا كارتىسىدىن 11000 يۈەن پۇلنى ئېلىۋالغان. (زىيانلانغۇچىنىڭ 6700 يۈەن زىيىنى ئەسلىگە كەلگەن)

يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:

1›يازما ئىسپات 2›زىلانغۇچىنىڭ بايانى 3›گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى 4›جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 5› ئۈن- سىن ماتىريالى ۋە جىنايى ئىشلار فوتو- سۈرەت قاتارلىقلار بار.

مەھكىمىمىز، جاۋابكار يۈ XX نىڭ كارتا ئىگىسىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ كىردىت كارتىسىدىكى كۆپ مىقداردىكى پۇل-مالنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 196-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايى قىلمىشىنى پاكىتى ئوچۇق، دەلىل– ئىسپاتى تولۇق، كىردىت كارتا ئالدامچىلىقى جىنايىتى بويىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

ئاۋات ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىگە

مۇئاۋىن باش تەپتىش: ماھىرە ئابلا

                        دىلشات مۇتەللىپ

2020-يىل 8-ئاينىڭ 5-كۈنى

قۇشۇمچە: 1› 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن ئىككى توپلام رازۋىتكا دېلوسى بىرگە يوللاندى. 

2›جاۋاپكار يۈ XX ھازىر ئاۋات ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق. 

3› ئۈن- سىن سوراق خاتىرىسى ۋە كۈزتۈش ئاپىراتى سىن خاتىرسى ئىككى دىسكا.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top