欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

玉某某涉嫌盗窃案起诉书

2021-09-21 独角龙 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا،ت،ئە،1-بۈلۈم (2020)314–نۇمۇرلۇق

        جاۋاپكار xx، ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىل x-ئاينىڭ x-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمىرى:xx،شىنجاڭ xx ناھىيە xx بازىرى xx كەنىت x-گۇرۇپىدا ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ماسسا، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى xx ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان،2020-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۇنى مەھكىممىز تەرپىدىن قولغا ئېلىنغان، ھازىر ئاۋات ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار xxنىڭ ئوغۇرلۇق  جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى5-ئاينىڭ8-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان،مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن دېلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەش زۆرۈر دەپ قاراپ 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى xx ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇلۇقلىشىغا قايتۇردى، xx ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تۇلۇقلاپ 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى قايتا يوللىغاندىن كېيىن، مەھكىمىمىز قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى،جىنايىتىنى تونۇسا جازا بېرىلىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى، جاۋاپكار جىنايىتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتىگە ئۆز رازىلىقى بىلەن ئىمزا قويدى، ھازىر بۇ دىلونى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشتى. 

     قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

     2018-يىل 1-ئاينىڭ 30-كۇنى چۇش سائەت 12 لەر ئەتراپىدا xx ناھىيە xx بازىرى xx كەنىت x-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق جاۋاپكار xx بوستان كۆۋرۇكتە ئىشلەش جەريانىدا تۇنۇشۇپ قالغان xx (دىلو سادىر قىلغاندا يېشى 15 ياش، ھازىر تۇرمىدە جازا ئۇتەۋاتىدۇ) بىلەن ئۇچىرىشىپ قېلىپ بىللە ئايلىنىپ يۇرۇش جەريانىدا xx جاۋاپكار xxگە بىللە ئوغۇرلۇق قىلىپ پۇل تېپىپ خەجلەشنى دىگەن، جاۋاپكار xx ماقۇل بۇلۇپ xxتنىڭ باشلىشى بىلەن xxناھىيە xxيېزا xx كەنىت x-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى xxنىڭ ئۇيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندىن كىيىن جاۋاپكار xx بىلەن xx ئۆينىڭ ئەتراپىنى كۇزەتكەندىن كىيىن ئۆينىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۇتۇپ باغنىڭ شادا پەنجىرىسدىن ئاتلاپ ئۇتۇپ ھويلىنىڭ ئىچىگە كىرگەن، ھويلىنىڭ ئىچىگە كىرىپ بولغاندىن كىيىن ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلنىپ ئۆينىڭ ئۇچۇق دېرىزىسدىن پايدىلنىپ ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ بىخەتەرلىك ساندۇقىنى كۆرگەندىن كىيىن xx بىر تال ئەتىركە تېپىپ كىرىپ بىخەتەرلىك ساندۇقىنىڭ قايرىپ ئاچماقچى بولغان، شۇ ۋاقىتتا جاۋاپكار xx ئوينىڭ ئىچىدە كۇزەتچىلىكتە تۇرغان، xx ئەتىركىدىن پايدىلنىپ بىخەتەرلىك ساندۇقىنى ئاچالمىغاندىن كىيىن شۇ ئۆينىڭ ئىچىدىن بىر تال چوتنى تېپىپ ئەكىرىپ بىخەتەرلىك ئىشكاپىنىڭ ئۇستى تەرىپىنى ئۇرغان، xx چوت بىلەن بىخەتەرلىك ئىشكاپىنى ئاچالمىغاندىن كىيىن جاۋاپكار xx بىلەن ئالمىشىپ يۇسۇپ ئەمەر 15 مىنۇتتەك ئۇرۇپ بىخەتەرلىك ئىشكاپىنىڭ تۆپە تەرىپىنى ئاچقان، ھەمدە بىخەتەرلىك ئىشكاپىنىڭ ئىچىدىكى 51 مىڭ يۇئەن پۇلنى ئوغۇرلاپ xx بىلەن جاۋاپكار xx ئىككىسى بىللە كىرگەن رامدىن يېنىپ چىقىپ شۇ ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى كىۋەزلىككە بېرىپ xx 26000.00 ( يىگىرمە ئالتە مىڭ ) يۇەن، جاۋاپكار xx 25000.00 ( يىگىرمە بەش مىڭ ) يۇەن پۇلنى بۇلۇشكەن، پۇلنى بۇلۇشۇپ بولغاندىن كىيىن xx بازىرىغا بېرىپ كىيىك-كىچەك ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئېلىپ پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن،ئىقتىسادىي زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

     يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:

1، يازما ئسىپات 2، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى 3، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 4. ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ، جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز، جاۋاپكار xxنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋىلىش مەقسىتىدە شەخىسلەرنىڭ مىقدارى ناھايىتى كۆپ پۇلىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا 2-تۈر بەلگىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ،قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئوچۇق،دەلىل-ئسىپاتى تۇلۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋاپكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، جىنايتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بولىدۇ، جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قۇشۇپ تەدبىقلاپ جازا بېرىش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

           xx ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمسىىگە

باش تەپتىش: xx

ياردەمچى تەپتىش:xx

2020-يىلى8-ئاينىڭ5-كۈنى

   قۇشۇمچە: 1. 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن بىر توپلام رازۋېتكا دىلو ماتىريالى، ئۇچ تال سوراق پىلاستىنكىسى، ئاددى تەرتىپ قوللىنىش قارارنامىسى قاتارلىق ماتىرياللار بىرگە يوللاندى. 

            2. جاۋابكار ھازىر قاماقخانىدا قاماقلىق. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top