شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپلەشنامىسى
ك ش ت ج ئەيىپلەش(2020) 119-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار يۈxx، ئەر، ****-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:******** 6528261976 ، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جايى: xx ناھىيىسى xx بازىرى xx كەنتى x-كوچا x-نۇمۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: xxشەھەر xx يېزا ئxxكەنىت x-گۇرۇپ، مۇقىم كەسپى يوق، 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلوپ، 2019 -يىلى2-ئاينىڭ25-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بېرىلگەن . 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىز بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلسىىگە كىپىلگە بەرگەن. ھازىر ئائىلىسدە.
كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇ دىلۇنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى1-ئاينىڭ 19-كۈنى جاۋاپكارنىڭ ئوغورلوق قىلىش جىنايەت گۇمانىغا چېتىشلىق 2 توپلام دىلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن،دىلونىڭ تۇلوقلاشقا تىگىشلىك تەرەپلىرى بولغاچقا ،باش تەپتىشنىڭ تەستىقى بىلەن ، بىر قىتىم تۇلوقلاشقا قايتۇروپ، بىر قىتىم دىلو سۈرۈك ۋاقىتىنى ئوزارتتۇق. بارلىق دىلۇ ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۈرۈپ ، دىلۇ پاكىتىنى ئېنىقلىدۇق.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
2019يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 18 لەر ئەتراپىدا،جاۋاپكار يۈxx ، ئېxx ئارىيەت ئېلىپ ھەيدىگەن ، زىيانلانغۇچى قۇرxxىڭ ئاق رەڭلىك چۇڭ تىپتىكى دالا ماشىنىسغا چىقىپ ، ماشىندا ، قارايۇلغۇن يىزا ئاردۇغا كەنت ئاھالىلار كومىتىتغا بىرىش جەريانىدا ،جاۋاپكار يۈسۈپ رۇزى ماشىننىڭ شوپور ئورۇندۇقى بىلەن ياردەمچى شۇپۇر ئورۇندۇق ئوتتۇرسىدىكى قۇل قۇيدىغان ساندۇققا سېلىقلىق پولنى كۆرۈپ قالغان ، بۇ ۋاقىتتا ئىلxx ماشىننى ئاھالىلار كومىتىتىنىڭ ئالدىغا تۇختۇتۇپ قۇيۇپ ،ماشىننىڭ ئىشىكىنى تاقىماي، رەسىمخانغا رەسىم يۇيدۇرغىلى كىرىپ كەتكەن پورسىتىدىن پايدىلىنىپ ، جاۋاپكار يۈxx يۇقارقى پولنى ئوغورلاپ خەجلەش مەقسىتىدە ، ماشىننىڭ شوپور ئورۇندۇقى بىلەن ياردەمچى شۇپۇر ئورۇندۇقى ئوتتۇرسىدىكى قۇل قۇيدىغان ساندۇققا قۇيۇپ قۇيغان، زىيانلانغۇچى قۇxxنىڭ 20مىڭ يۈەن نەق پولنى ئوغورلاپ كەتكەن . دىلو پاش بولغاندىن كىيىن بارلىق ئىختىسادى زىيان يىغىپ كىلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان .ھەم زىيانلانچىنىڭ كەچۈرۈمىگە ئىرىشكەن .دىلونىڭ ئوغۇرلۇق ئومۇمى سۇممىسى 20مىڭ يۈەن .
جاۋابكارنىڭ جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپاتلار،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۆۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۇزى،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق، نەق مەيدان تۇنۇتۇش خاتىىرسى ۋە سۈرەتلىرى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار يۈxx ، ئۆزى يالغۇز، پول تىپىپ خەجلەش مەقسىتىدە ، يۇشۇرۇن ئىلىۋېلىش ۋاستىسىنى قۇللونوپ ، بىر قىتىمدا باشقىلارنىڭ 20مىڭ يۈەن نەق پولىنى ئوغورلىۋالغان يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264 – ماددا بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇپ ، جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق ، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ، ئوغورلوق جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك . شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جاۋاپكارنى مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق ، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش :خاسىيەت ئابىدۇكىرەم
2020-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى
ئەسكەرتىش :
(1) تەھقىقلەش ئارخىۋى 2 توپلام ، 10نۇسخا ئەيىبلەشنامە بىرگە يوللاندى .
(2) جاۋابكار كىپىلدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论