欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

祖某某起诉书(自然人犯罪认罪认罚)(公开版)

2021-09-24 独角龙 评论0

沙雅县人民检察院

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

 شايار ت ج ئە چىقىش (2020) 761-نومۇرلۇق 

جاۋابكار زXX، ئەر، XX-يىلى -XXئاينىڭ -XXكۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 65292419XXXXXXXXXX،  ئۇيغۇر،  تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئېگە، دېھقان، XX ناھىيە XX بازىرى XX كەنىت   -XXگورۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق.  خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقىتىن 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپقىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار زXXنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2020)756-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارىتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار زXX  XX-يىلى -Xئاينىڭ -XXكۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 21:10 لەردە  XX ناھىيە XX بازىرىXX دوختۇرخانىسىنىڭ يېنىدىكى ھاراق دۇكىنىدا ئۆزى يالغۇز ھاراق ئىچىپ مەس بولغاندىن كىيىن  XX ناھىيە شايار بازىرى ئېگەچى كوچىسىدىكى دوستى ئاXX بىلەن كۈرۈشۈش ئۈچۈن ھاراق دۇكىنىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان ئۆزىنىڭ نۇمۇر تاختىيى يوق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتىنى ئۆزى يالغۇز پىراۋىسىز ھەيدەپ مېڭىپ، XX ناھىيە XX بازىرى XX كوچىسىغا بېرىپ دوستى ئاXX بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن، XX بازىرىدىكى ئۈيىگە قايتىپ كىتىش ئۈچۈن ئېگەچى كوچىسىغا توختۇتۇپ قويغان ئۆزىنىڭ نۇمۇر تاختىيى يوق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتىنى ئۆزى يالغۇز پىراۋىسىز ھەيدەپ بېيجىڭ ۋاقتى 22:10 لاردا XX بازىرى XX يۇلى بىلەن دۆلەت يۇلى -XXلىنىيەنىڭ كىسىشكەن يول بۆلىكىگە كەلگەندە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بايقالغان ۋە نەق مەيداندا تۇتۇلغان.

    باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار زXXنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 198 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. 

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى ۋە ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار زXXنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق. جاۋابكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان. جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2)-تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسى، 176-ماددىسى، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. مەزكۇر دېلونى تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشغا ۋە قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى، پىراۋىسىز موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى، جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ،  جاۋابكار زXXكە ئۈچ ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 6000 يۈەن ئىشتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

           ھۆرمەت بىلەن:

شايار ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: رXX

-2020يىلى 10-ئاينىڭ  3-كۈنى

قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى (75بەت) بىرگە يوللاندى. 2 ) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە بار. 3)جاۋاپكارنىڭ «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بۇلۇش تۆۋەنامىسى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top