欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

米某某交通肇事案_和静县人民检察院

2021-09-25 独角龙 评论0

和静县人民检察院 

起 诉 书

和静县检一部刑诉〔2020〕206号 

  خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى 

               خېجىڭ تەپتىش بىرىنچى بۆلىمى جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش (2020) -نومۇرلۇق   

جاۋابكار مXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1984-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX6541011984، كەسپى: شوپۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە،ئىلگىرى جازالانمىغان، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ غولجا شەھىرى XX بازار XX كەنىت XX-گۇرۇپپا XX-نۇمۇر ، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى : شىنجاڭ غولجا شەھىرى XX بازار XX كەنتى XX-گۇرۇپپا XX-نۇمۇر. 2020-يىلى 05-ئاينىڭ 20-كۈنى قاتناش ھادىسى تۇغدۇرۇش جىنايەت گۇمانغا ئاساسەن خېجىڭ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلغۇچە كىپىللىككە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە ئۇلتۇرۇشلۇق.         

جاۋابكار مXXنىڭ قاتناش ھادىسى تۇغدۇرۇش دىلوسىنى خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى،ھادىسىدە ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتىلىرىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگەھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئوقتۇرۇلدى، جىنايىتىنى  تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى . دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىمزالاندى .

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:

2020-يىلى 01- ئاينىڭ 06- كۈنى سائەت 22 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەن ئەتراپتا، جاۋابكار م新FXX XX نۇمۇرلۇق ئېغىر تىپتىكى چوڭ يۈك ئاپتۇموبىلىنى غەرىب-شەرىق يۆلىنىشتە ھەيدەپ خېجىڭ ناھىيە دۆلەت تاشيولى 218-لىنيە 476 كىلومىتىر 200 مىتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شەرىق- غەرىپ يۆلىنىشتە  قارشى تەرەپتىن  شۇڭ XX ھەيدەپ كىلىۋاتقان XXF 新 نۇمۇرلۇق نۇمۇرلۇق ئېغىر تىپتىكى چوڭ يۈك ئاپتۇموبىلى بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن. نەتىجىدە FXXXX 新نۇمۇرلۇق ئېغىر تىپتىكى چوڭ يۈك ئاپتۇموبىلىنى ھەيدىگۈچى شۇڭ XX  نەق مەيداندا ئۆلۈپ كەتكەن.  ئىككى قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلغان.

   خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى قانۇن بويىنچە چىقارغان 652827120200000003- نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسىدە جاۋابكار مXX بۇ قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، شۇڭ XX بۇ قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە مەسئۇليىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ بېكتكەن. 

   خېجىڭ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ(2020) 02-نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى بويىچە ئادەم بەدىنى تەكشۈرۈپ بېكتىش پىكىرنامىسدە ھادىسدە ئۆلگۈچى شۇڭ XXنىڭ  ئۆلۈش سەۋەبى قاتناش ھادىسى ئىكەنلىكنى تەھىلىل قىلىپ باش سۈڭكى زەخمىلنىپ ئۆلگەن دەپ باھالاش پىكىرى چىقارغان.

   يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،باھالاش پىكىرى ،نەق-مەيدان ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش ماتىرىيالى جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، مXX قاتناش بىخەتەرلىك قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ ھادىسە تۇغدۇرۇپ بىرئادەمنىڭ ئۆلۈپ كتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان بۇلۇپ ،قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇن››نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، قاتناش ھادىسى جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.شۇڭا جاۋابكار مXXنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

        ھۆرمەت بىلەن:  

           خېجىڭ ناھىيىلىك  خەلق سوت مەھكىمىسىگە 

                           تەپتىش : ئەخمەتجان رۇزى 

                          2020-يىلى 10-ئاينىڭ12-كۈنى 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top