欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

维某某危险驾驶案(自然人犯罪认罪认罚)(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى باغراش ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلەشنامىسى

                                                ب  ت ج  -1بۈلۈم ئەيىبلەش   (2021) 8- نومۇرلۇق

   جاۋاپكار ۋXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1990-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:XXXXXXXX 6528291990، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىسىگە ئىگە، دېھقان، ھازىرقى ئادرېسى ۋە نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جايى: باغراش ناھىيە X يېزاX كەنىتXگۇرۇپپاX-نۇمۇر،  ۋXX 2013-يىلى06-ئاينىڭ26-كۈنى بۈگۈرناھىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن 1يىلىق قاماق جازاسى بىلەن جازالانغان ، 2015-يىلى08-ئاينىڭ30-كۈنى باغراش ناھىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن1يىلىق قاماق جازاسى بىلەن جازالانغان.

   2020-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى جاۋاپكار ۋXX خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، باغراش ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن، 2021-يىلى1-ئاينىڭ 21-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن. 

باغراش ناھىيىلىك ج خ  ئىدارىسى جاۋاپكار  ۋXXنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش دېلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2021-يىلى1- ئاينىڭ20-كۈنى  مەھكىمىمىزنىڭ  تەكشۇرۇپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، مەھكىمىمىز  دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى1-ئاينىڭ 21-كۇنى جاۋاپكارغا ئاقلىنىشىنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزدى، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردى ۋە  جاۋاپكاردىن قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ،  دېلونى تەكشۈرۈپ، دېلونىڭ جىنايەت پاكىتىنى تۆۋەندىكىدەك مۇقىملاشتۇردى.

 قانۇن بۇيىچە تەكشۈرگىنىمىزدە :جاۋاپكار ۋXX 2020-يىلى02-ئاينىڭ11-كۈنى سائەت18لەرئەتىراپىدا دوستى مەXX بىلەن باغراش ناھىيە تاۋۇنجۆكىن يېزسى چارۋۇچىلىق ئەتىرتى يېنىدىكى كۆلنىڭ ئۈستىدە ئاق ھاراق ئىچىپ، شۇكۈنى سائەت 19لەردە جاۋاپكار ۋXXپىراۋىسىز نۇمۇرتاختىسى يوق دۇڭ فاڭخۇڭ ماركىلىق كىچىك ئوتتۇرا تىپلىق تېرەكتۇرنى ھەيدەپ  19دىن 27مىنۇت ئۆتكەندەباغراش ناھىيە تاۋۇنجوكىن يېزىسى كۆكمۇدۇن كەنتى2-گۇرۇپپا يول بۈلۈكىگە كەلگەندە ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن نەق مەيداندا قولغا چۈشكەن.  2020-يىلى 03-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ{2020}852 نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدا ۋXXنىڭ قان ئەۋرىشكىسىدە ھەر100مىللىلتىرقان تەركىۋىدە ئىسپىرىت مىقدارى 333مىللىگىرام ئىگەللىگەن دەپ باھالاپ چىققان. 

        يۇقاردىكى جىنايەت پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار تۇلۇق ئىسپاتلايدۇ. ۋXXئەييىپلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا پىكرى يوق بۇلۇپ، ئۆزلىكىدىن جىنايەتنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلدى. 

      مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋاپكار ۋXX يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، مەس ھالەتتە پىراۋىسىز نومۇر تاختىسى يوق ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرۇيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددىسى 1- بۆلكىنىڭ 1-تارماق 2-تارماقچىسىدىكى خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىشى كېرەك. جاۋاپكار ۋXXجىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن، ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىغا  ئاساسەن مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۇم قىلغايسىزلەر. 

                                     تەپتىش :   غۇپۇرجان ھېكىم 

                                                گۈلزىرە ئىمام     

  2021-يىلى2- ئاينىڭ 4- كۇنى

قوشۇمچە :

1.​ جاۋاپكار ۋXX بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن بۇلۇپ  ھازىر ئائىلىسىدە.

2. ج خ ئىدارىسىنىڭ دېلو ئارخىبى1 جىلىد  بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top