欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

肉某某危险驾驶案起诉书(自然人犯罪案件适用)(公开版)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بايىنغۇلىن ئاپتۇنۇم ئوبلاستى

لوپنۇر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپلەشنامىسى

ل ت ئەيىپلەش 1-بۆلۇم (2019)13- نومۇرلۇق

جاۋاپكار ر**، ئەر، ئۇيغۇر،1987-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى******:6528231987، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، كەسپىي:دېھقان، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادرىسى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: لوپنۇر ناھىيە ** يېزا ** مەيدانى ** يولى**-نۇمۇر.2018–يىلى8–ئاينىڭ 29-كۈنى خەتەرلىك يول يۇرۇش قىلمىشىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۇچۇن لوپنۇر ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۇنى مەھكىممىز تەرپىىدىن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن. ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان،ھازىر ئائىلىسىدە.

لوپنۇر ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ر** نىڭ خەتەرلىك يول يۇرۇش دېلۇسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019–يىلى 9–ئاينىڭ21– كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن‹‹جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن››نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋەجىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى ، دېلۇ بېجىرگۈچى جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدى ھەمدە دىجورنى ئادۇكاتنىڭ پىكرى ئېلىنىپ پۇتۇن دېلو تەكشۇرۇپ ئاياغلاشتۇرۇلدى.جاۋاپكار ر**مەزكۇر دىلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىۋى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە : 

2018–يىلى**-ئاينىڭ**-كۇنى سائەت22 دىن20 مېنۇت ئەتراپىدا، جاۋاپكار ر** پىراۋىسىز ھاراق ئىچىپ مەس ھالدا新M**  نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسېكلىتنى ھەيدەپ،لوپنۇر ناھىيە 218-لىنىيە 731كىلومىتىرلىق يول بۆلىكىدە مېڭىپ،شۇ جايدا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن تەكشۇرۇپ تۇتۇلغان. 

تەكشۇرۈش ئارقىلىق:شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2018)2885-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدا،جاۋاپكارر**نىڭ قان ئەۋرېشكىسىدىكى ھەر 100mL قان تەركىۋىدىكى ئىسپىرىت مىقتارى mg235.74 دەپ باھالىغان. 

يۇقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،باھالاش پىكرى، ئېنىقلاش تەكشۇرۇش خاتىرسى قاتارلىقلار . 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋاپكار ر**نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ ،ھاراق ئېچىپ مەست ھالەتتە،ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ خەتەرلىك يول يۇرگەن، بۇ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلمىسىگە خىلاپ ،بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق،شۇڭا خەتەرلىك يول يۇرۇش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن،جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ دەپ قاراپ جاۋاپكار ر**غا 4ئايدىن يۇقىرى 5ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى،قوشۇمچە 10000يۇەن شىتراپ قويۇش جازاسى بېرىپ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىۋىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىسى بويىچە ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈن چىقارغايسىلەر . 

   ھۆرمەت بىلەن : 

                    لوپنۇر ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە .

تەپتىش:تۇرسۇن راخمان

ياردەمچى تەپتىش : نۇرزىيە تۇيغۇن

2019 – يىلى9- ئاينىڭ23-كۈنى .

   ئىزاھات :دېلو ئارخبىي بىر توپلام بىرگە يوللاندى .    

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top