欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

胡某某涉嫌危险驾驶案起诉书

2021-09-22 独角龙 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا ت ئە چ (2020)200-نومۇرلۇق

ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار xx،ئەر، ئۇيغۇر، xx-يىل x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: xx، يۇرتى xx، نوپۇستىكى تۇرۇشلۇق ئورنى: xx بازارى يېڭى xx-كۇرپۇس x-نۇمۇر ،xx مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە،كەسپى:دېھقان،ماسسا، 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۇنى ئاۋات ناھىيلىك سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى ئۇچۇن 4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش قازاسى بىرىپ 8000 يۇەن شىتىراف ھۇكۇم قىلىنغان، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 193-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان xxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش دىلوسىنى مەھكىمىمىز قوبۇل قىلغاندىن كېيىن جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى، ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ بۇ دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. جاۋابكار بۇ دىلونى تىز ھۈكۈم كىسىم قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قۇشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار xx 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 23:00 ئۆتكەندە ھاراق ئىچىپ xx نۇمۇرلۇق تەرەكتۇرنى ئاۋات ناھىيسى يېڭىرىق يېزا بازار ئىچىدىكى يولىدا غەرىپتىن-شەرىق تەرەپكە ھەيدەپ مېڭەپ ئاۋات ناھىيسى تامتوغراق بازىرى نوچىسىڭ كەنىت 1-گۇرۇپ يولىغا كەلگەندە ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى تەرپىدىن تەكشۇرۇپ ھاراق ئىىپ  قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى ئىنىقلىنىپ نەق مەيداندا تۇتۇلغان.

شنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى ئىسپاتلارنى ئەدىلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2020) 0329-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدا: جاۋاپكار xxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا 274.98 مىللىگىرام ئىسپىرىت بار دەپ يەكۈن چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ـ ئىسپاتلاردىن:                   

1›يازما ئىسپات 2›جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 3›باھالاش پىكىرى 4› نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرسى، خەرىتىسى ۋە جىنايى ئىشلار فوتو سۈرەت 5›ئۈن- سىن ماتىريالى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئېتىراب قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز، جاۋابكار xxنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ،ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش كىنىشكىسى يوق تۇرۇپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئسىپاتى تۇلۇق. خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك؛ جاۋابكار جىنايىتىنى تۇلۇق ئېتىراپ قىلىدۇ، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان. جاۋابكار xxگە 4 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش،قۇشۇمچە جەرىمانە قۇيۇش جازاسى بىرىش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.جاۋابكار xxغا«جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 172-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللۇنۇپ ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن تەكلىپ بېرىمىز. 

باش تەپتىش:سەمەت ئوسمان

                     ياردەمچى تەپتىش:مىرزات مەمەت 

2020-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى

   قوشۇمچە : (1) 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر توپلام رازۋىتكا دېلوسى،ئىككى پارچە جاۋاپكارنىڭ سوراق دىسكىسى بىرگە يوللاندى. (2) جاۋاپكار xx ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top