كەلپىن ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ك،ت1-بۈلۈم،ج،ئە(2020)36-نۇمۇرلۇق
جاۋابكار خ**، ئەر، ئويغۇر، 1965-يىلى 7-ئاينىڭ 30- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:****65292919، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەلپىن ناھىيە ** بازىرى ** كەنتى 2- گۇرۇپ 42- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن2020- يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن. ھازىر ئائىلىسىدە.
كەلپىن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار خ**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىقلىدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار خ** 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 28- كۈنى سائەت 16:30 لەر ئەتراپىدا كەلپىن بازىرى دىمۇگىراتتىيە يولىدىكى س**نىڭ دۇكىنىدا تۇنۇشلىرى س**،ك** قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئاق ھاراق ئىچكەندىن كىيىن سائەت 17:30 لاردىن ئاشقاندا سورۇندىن چىقىپ، ئۆزىنىڭ** 新Nنۇمۇرلۇق ياماخا ماركىلىق قىزىل رەڭلىك ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى ھەيدەپ، **بازىرى ** بانكىسى دوخمۇشىدىن **كەنتىگە قاراپ يول يۈرۈپ، سائەت 18 دىن كىيىن ساغلاملىق يولى بىلەن يارباغ يولى كىسىشمە يول ئېغىزىغا كەلگەندە شۇ جايدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بايقىلىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ،قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ باھالاشقا ھاۋالە قىلغاندا، ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇغىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 229.36 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:
1. يازما ئىسپات 2. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 3. باھالاشنامە 4. جىنايى ئىشلار فوتۇ سۈرەت قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنى ئېلىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار خ** ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز، جاۋابكار خ** يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە موتوسىكىلىت ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتى تۇلۇق ۋە راست، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددا 3- تارماق بەلگىلىمىسىدىكى شەرتنى ھازىرلىغان، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، جاۋابكارغا 4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 8 مىڭ يۈەن جەرىمانە قۇيۇش جازاسى بىرىش كېرەك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
كەلپىن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: مەۋلان ئۇبۇل
2020-يىلى 11- ئاينىڭ 15- كۈنى
قۇشۇمچە 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن 1 توپلام رازۋېتكا دىلوسى بىرگە يوللاندى
جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论