شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بايىنغولىن ئاپتونۇم ئوبلاستى
لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپلەشنامىسى
ل ت ج ئەيىپلەش1-بۆلۈم (2019)87- نومۇرلۇق
جاۋاپكار سە** ،ئەر،ئۇيغۇر،**19-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ******6528231989، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ،كەسپىي: ئامانلىق قوغدۇغىچىسى، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادرىسى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيە ** بازىرى ** كەنتى **-** يولى **-ئۆي ،2018-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى، لوپنۇر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك يول يۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۇن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن،ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان،ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.
لوپنۇر ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى جاۋاپكار سە**نىڭ خەتەرلىك يول يۈرۈش جىنايەت دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2019- يىلى11– ئاينىڭ 14- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ھەم ، دېجورنى ئادوۋكاتنىڭ پىكرى ئېلىنىپ پۈتۈن دېلو تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇلدى . جاۋابكار سە** مەزكۇر دېلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى .
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە:
جاۋابكار سە**2018-يىلى**-ئاينىڭ**-كۇنى، سەھەر سائەت04 دىن 20 مىنۇت ئوتكەندە، ھاراق ئىچىپ ،مەسىت ھالدا **M新 نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ،لوپنۇر ناھىيە** يول بۆلىكىنى بويلاپ غەرپتىن شەرققە قاراپ مىڭىپ،لوپنۇر ناھىيلىك** ئالدىغا كەلگەندە،شۇ جايداۋەزىپە ئۆتەۋاتقان، لوپنۇر ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسزلىك ئىدارىسى **خەلققە قولايلىق ساقچى پونكىتى ساقچىلىرى تەرپىدىن نەق مەيداندا كونتۇرۇل قىلىنىپ ، لوپنۇر ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچىلىرى نەقمەيدانغا كېلىپ ، قانۇن بويىچە قان ئەۋرىشكىسى ئېلىش ۋە تەھقىقلەش ئېلىپ بارغان .
شىنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسى ماددىىي ئىسپاتنى ئەدىيلىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2018]4256–نۇمۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە : سە**نىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھەر 100 مىللىلېتىر قان تەركىبىدە 188.44 مىللىگىرام ئىسپىرت بارلىقىنى باھالاپ بېكىتكەن .
يوقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى: يازما ئىسپات ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش يەكۈنى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋابكار سە**نىڭ قاتناش – تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن – نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ ، مەست ھالدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا يەنە بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق ، دەلىل ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ،خەتەرلىك يول يۈرۈش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك .
مەزكۇر دېلۇنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15 – ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ . جاۋابكار سە**كە 2 ئايدىن يۇقىرى 3 ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ، قوشۇمچە6000 يۈەن شىتىراپ قويۇش جازاسى بېرىپ ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .
ھۆرمەت بىلەن : لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : تۇرسۇن راخمان
2019- يىلى 11- ئاينىڭ15- كۈنى
ئىزاھات : (1) دېلو ئارخىبى بىر توپلام. (2) « خاتالىقنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى » نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论