欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

艾买尔·扎克涉嫌危险驾驶案起诉书

2021-09-23 独角龙 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا، ت، بىرىنجى بۆلۈم، ج، ئە (2020) 227-نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار ئە XX، ئەر، ئۇيغۇر، **19 -يىل **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XX65292819، يۇرتى ئاۋات ناھىيە، نوپۇستىكى تۇرۇشلۇق ئورنى XX بازار XX كەنت **-گۇرۇپ **-نۇمۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دىھقان، ماسسا، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇرار جايىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار  ئە XX نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە دىلونى تولۇقلاپ تەھقىقلەش زۆرۈر دەپ قاراپ بىر قېتىم ج خ ئىدارىسىگە تولۇقلاپ تەھقىلەشكە قايتۇردى، ج خ ئىدارىسى دىلونى تولۇقلاپ تەھقىقلەپ مەھكىمىمىزگە قايتا يوللىغاندىن كېيىن، بارلىق دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتىنى ئېنىقلاپ، بۇ دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. جاۋابكار بۇ دىلونى تىز ھۈكۈم كىسىم قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قۇشۇلدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:  

2019-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 20:00 ئەتىراپىدا جاۋابكار ئە  XX ، د XX ، ئا XX ، قۇ XX قاتارلىقلار ئوپچە ئەمگەكتىن تارقاپ تاماق يەپ كىلىش ئۈچۈن ئا XX نىڭ 新N9FXX نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى جاۋابكار ئە XX ھەيدەپ ئاۋات ناھىيە يېڭئېرىق بازىرى لەنگەر كەنىتىگە بېرىپ، يۇقارقىلار بىرگە كەنت ئەتىراپىدىكى بىر دۇكاندا تاماق يىگەچ 20 قۇتا پىجۇ ئىچكەن، ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كېيىن سائەت 00:00 ئەتىراپىدا سورۇندىن يېنىپ چىقىپ دۇكاننىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان ئا XX نىڭ 新N9FXX نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى جاۋابكار ئە XX مەس ھالەتتە ھەيدەپ ئا XX ، د XX ، قۇ XX قاتارلىقلارنى چىقىرىپ ئاۋات ناھىيە يېڭئېرىق بازار لەنگەر كەنت 2-گۇرۇپتىن شەرىقتىن- غەرىبكە يۆلىنىشىدە مېڭىۋىتىپ تامتوغراق بازار قوۋۇرغا كەنتىگە قايىدىغان يولغا كەلگەندە ماشىنىنىڭ ئالدى چاقى يول ياقىسىدىكى كىركىتىپ، يولدا ئۆتۈپ كىتىۋاتقان كەنت ساقچىسى ئە XX نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكىنى بايقاپ نەق مەيداندا تۇتقان. 

شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى ئىسپاتلارنى ئەدىلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2019) 2582- نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدا: جاۋابكار ئە XX نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا 149.71 مىللىگىرام ئىسپىرىت بار دەپ يەكۈن چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل ئىسپاتلار:

1›يازما ئىسپات 2› گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى 3›جاۋابكارنىڭ ئىقرارى 4› باھالاش پىكىرى 5› نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى، خەرىتىسى، فوتو-سۈرەت 6›ئۈن سىن ماتىريالى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئېتىراب قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز، جاۋابكار ئە XX نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1- مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتنىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئسىپاتى تۇلۇق. خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك؛ جاۋابكار جىنايىتىنى تۇلۇق ئېتىراپ قىلىدۇ، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاپ جاۋابكار ئە XX غا 1 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ كىچىكتۇرۈپ ئىجرا قىلىش، قۇشۇمچە جەرىمانە قۇيۇش جازاسى بىرىش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز. 

ھۆرمەت بىلەن: 

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: مۇقەرەپ مۇختەر

           دىلشات مۇتەللىپ

2020-يىل 6-ئاينىڭ 3-كۈنى

قۇشۇمچە: 1› 8 پارچە ئەيىبلەشنامە بىلەن ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر توپلام رازۋېتكا دېلوسى بىرگە يوللاندى 2›ئۈن- سىن سوراق خاتىرىسى 1 دىسكا 3› جىنايەت ۋە جازانى تونۇش تىلخېتى بىر پارچە 4›جاۋاپكار ئە XX تۇرار جايىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.


评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top