شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار ت ئە چىقىش (2020) 1026-نومۇرلۇق
جاۋاپكار ئەxx، ئەر، ئۇيغۇر، 19xx-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:65292419xxxxxxxxxx ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋيىسىگە ئېگە، دېھقان، شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنىت x-گوروپ x-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق. ئىلگىرى جازالانمىغان. ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى شايار ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋاپكار ئەxxنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش، خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى شايار ج خ ئەيىپلەش چىقىش (2020) 137-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇشتىن كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردى، جاۋابكار سوراق قىلىندى، جاۋابكار ،دىجۈرنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرى ئاڭلاپ ئۈتۈلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
جاۋابكار ئەxx 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچ سائەت 9:00 لەر ئەتراپىدا ئۈزىنىڭ ئۈيىدە ئۈزى يالغۇز ھاراق ئىچىپ، ئاندىن تاماكىغا بارماقچى بۇلۇپ، ئۆزىنىڭ ئاق رەڭلىك 新Nxxxxx نۇمۇرلۇق سانتانا ماشىنىسىنى ئۈزى يالغۇز ھەيدەپ xx بازار ئىچى تەرەپكە مېڭىپ شايار ناھىيە xx بازىرىدىن xx كەنىتكە ماڭىدىغان قاراماي يولنىڭ xx كەنىت تەۋەلىكىدىكى بۆلىكىگە كەلگەندە، ماشىنىنى يولدا قارشى ھالەتتە توختۇتۇپ قۇيۇپ، شوپۇر ئورنىدا ئۇخلاپ قالغان، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 4:30 لار ئەتراپىدا، شايار ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى xx ساقچىخانىنىڭ ساقچىلىرى چارلاش جەريانىدا، جاۋابكار ئەxxنىڭ 新Nxxxxx نۇمۇرلۇق سانتانا ماشىنىنىڭ شۇپۇر ئورنىدا مەس ھالەتتە ئوخلاپ قالغانلىقىنى بايقاپ، 110 قۇماندانلىق مەركىزىگە تېلفۇن قىلىپ قاتناش باشقۇرۇش ساقچى ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى كىلىپ بىر تەرەپ قىلىپ بىرىش توغرىسىدا دىلو مەلۇم قىلغاندىن كىيىن، سائەت 5:38 دە، شايار ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىسى ئاxx بىلەن ياردەمچى ساقچى ئوxxلار نەق مەيدانغا كىلىپ، جاۋابكار ئەxxنى شايار ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭغاندا، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ماشىنىسىنىڭ تۇكى تۈگەپ كىتىش سەۋەبى بىلەن ئوت ئالماي، ساقچى ماشىنىسىنى ئوت ئالدۇرۇش جەريانىدا، جاۋابكار ئەxx پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جىنايىتىدىن قورقۇپ قېچىپ كەتكەن. ساقچى ئاxx بىلەن ئوxx ئىككىگە بۈلۈنۈپ جاۋابكار ئەxxنى ئىزلەپ، 9-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 8:00 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار ئەxx xx كەنىت تەۋەلىكىدىكى بىر پارچە قۇناق ئېتىزلىقىدا ساقچى ئاxx تەرپىدىن تۇتۇلغان، ساقچى ئاxx ياردەمچى ساقچى ئوxxقا تېلفۇن قىلىپ ئوxxنىڭ قوناقلىققا كىلىشىنى ئېيىتقاندىن كىيىن، جاۋابكار ئەxx يەنە قاچماقچى بولغاندا، ساقچى ئاxx جاۋابكار ئەxxنىڭ قېچىپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ كەمىرىنى چىقىرىشنى بۇيرىغاندا، ئەxx ماسلاشمىغان، ئاxx « پىدەينى چىقىرىپ خىزمەتكە ماسلاش » دەپ كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغاندا، جاۋابكار ئەxx « پىدەينى چىقارمايمەن، بەرىبىر ياتىمەنغۇ 6 ئاي، كېنىشكەم ئۆلدىغۇ » دەپ ساقچى ئاxxنى مۇشى، پۇتى بىلەن تىپىپ-دەسسەپ ئۇرغان، ھەم ساقچى ئاxxنىڭ مۈرىسىگە ئېسىۋالغان قانۇن ئىجرا قىلىشىنى سىنغا ئېلىش ئاپراتنى تارتىۋېلىپ، ئاپىرات بىلەن ساقچى ئاxxنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ ئاxxنى زەخمىلەندۈرگەن.
زەخمە باھالاشنامىسىدە ئاxxنىڭ زەخمىسىنى ئىككىنچى دەرجىلىك يىنىك زەخمە دائىرسىگە كىرىدۇ دەپ باھالانغان.
باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار ئەxxنىڭ ھەر 100 مىللىلېتىر قان سۇيۇقلىقىدا 113 مىللىگىرام ئېتىل ئىسپىرت بارلىقى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان.
مەھكىمىمىز : جاۋابكار ئەxxنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن ۋە زوراۋانلىق ئۇسۇلى بىلەن دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان قىلمىشىدىن ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش، خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلار راسىت ۋە تۇلۇق. جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، شۇڭا ئىجىتمائي مۇقۇملىقنى قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىن ئىتىش، ئىناق، ئىتپاق بولغان ئىجىتمائي مۇھىت بەرپا قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكار ئەxxقا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 277-ماددا،133-ماددا 1- مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2) تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتىگە مۇددەتلىك ئىككى يىل سەككىز ئاي قاماق جازاسى بىرىش، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن جىنايىتىگە 30 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 2000 يۈەن شىتىراف قۇيۇشقا ھۆكۈم قىلىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلىدۇق، قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز .
ھۆرمەت بىلەن
شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : ئەxx
2020يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، دەلىل-ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، ئىككى توپلام تەھقىقلەش دېلو ئارخىپى بىرگە يوللاندى.
2) جاۋابكار قاماقخانىدا قاماقتا.
3)جاۋاپكارنىڭ « جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بۇلۇش خېتى » دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论