توقسۇن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
توقسۇن تەپتىش 1-بۆلۈم ( 2020 )243–نومۇرلۇق
توقسۇن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار ئە **، ئەر،ئۇيغۇر،****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، ئاھالىلەر كىملىك نۇمۇرى:0936********652123،كەسپى:دېھقان،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، نوپوس تۇرۇشلۇق جايى ۋە ھازىر تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ** ناھىيە ** بازار ** كەنىت *-گۇرۇپپا ***-نۇمۇر، بۇرۇن جازالانمىغان.
جاۋابكار ئە ** قاتناش ھادىسىسى جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، 2020–يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ** ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كىپىللككە بېرىلگەن.
**ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ئە ** نىڭ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى 12-ئاينىڭ 09-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان، مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق، زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلىپ، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە دېلو ماتىرىياللىرىنى ئەستايدىل تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردۇق .جاۋابكار دىلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت ئېچىشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىمىز بىكىتكەن دىلو پاكىتى تۆۋەندىكىچە :
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى 21:45لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار ئە ** پىراۋىسىز، نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنى غەرىپتىن شەرىق يۆلىنىشىگە ھەيدەپ مېڭىپ، ** ناھىيە ** بازار *-دادۈي *-دۈي ن** ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شىمالدىن جەنۇپ يۆلىنىشىدە يولدىن كىسىپ ئۆتىۋاتقان ن** بىلەن سوقۇلۇپ، ن** يارلىنىپ ** ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بارغاندىن كىين دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۈلۈپ، ئادەم ئۈلۈش قاتناش ھادىسىسىنى شەكىللەندۈرگەن.** ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ {2020}***-نۇمۇرلۇق ھادىسە مەسئولىيەت ئېتراپنامىسىدا جاۋابكار ئە ** ئاساسلىق مەسئوليەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ ،ۋەقەدە قازا قىلغۇچى ن ** قوشۇمچە مەسئوليەتنى ئۈشتىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل- ئىسپاتلار
1.يازما ئىسپات؛
2.جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
3. باھالاش پىكرى: شىنجاڭ ** ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2020]****-، ****-نومۇرلۇق باھالاشنامىسى.**ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ [2020]**-نومۇرلۇق جەسەت تەكشۈرۈش پىكىرنامىسى.
4.** ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ [2020]***-نومۇرلۇق ھادىسە مەسئولىيەت ئېتراپنامىسى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيىكتىپ ھەقىقىي، شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىتنى بىكىتىپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ئە ** نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايى پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىشنى خالايدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار ئە ** نىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ -133ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، دېلونىڭ جىنايى پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى راست ھەم تۇلۇق، جاۋابكار ئە ** نى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار ئە **جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» 15-ماددىسىىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-، 214-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش: ھەكىمە ئەرشىدىن
2020-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى
قوشۇمچە:
.1جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە؛
.2دېلو توپلىمى 2 توپلام، پىلاستىنكا 2 دانە؛
3.«جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» 1 نۇسخا؛
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论