شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار تەپتىش ج ئە چىقىش (2020) 460-نومۇرلۇق
جاۋابكار ئەXX، ئەر، ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65292********0015، ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئېگە، شوپۇر، شايار ناھىيە **بازىرى ** كەنت **-گوروپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. قاتناش ھادىسسى جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن 2019-يىلى 12- ئاينىڭ 9-كۈنى شايار ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ئەXX نىڭ قاتناش ھادىسسى جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 7- ئاينىڭ 27-كۈنى ش ج خ چىقىش (2019)379- نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قائىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بار بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئەXX 2019-يىلى -10ئاينىڭ-21 كۈنى سائەت 22:00 لەر ئەتراپىدا، ئو XX نامىدىكى *****新N نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى يۈك ماشىنىغا تۇXX نى چىقرىپ، ماشىنىنى جاۋابكار ئەXX ئۆزى ھەيدەپ، تويبولدى بازىرى شىنئەن كەنت (1-فىرما) دىن شايار ناھىيە بازىرىغا بارماقچى بولۇپ مېڭىپ، سائەت 22:50 لەر ئەتراپىدا، تويبولدى بازىردىن شايار ناھىيە بازىرىغا بارىدىغان يېڭى ياسىغان يولدا، جەنۇپتىن-شىمالغا قاراپ مېڭىپ، تەخمىنەن 800 مىتىرلىق يول بۆلكىگە كەلگەندە، پىيادىلەر ئۆتۈشمە يولىدا يولنى توغىرسىغا كېسىپ پىيادا مېڭىپ كېتىۋاتقان ئى XX نى سۇقۇۋەتكەندە، ئى XX يولغا يىقىلىپ چۈشۈپ يېتىپ قالغان،بۇ ۋاقىتتا جەنۇبتىن شىمالغا (تويبولدى بازىردىن شايار ناھىيە بازىرىغا قارتا يۆلىنىشتە) قاراپ كېتىۋاتقان ئۈ XX ھەيدەپ ماڭغان ***** 新Nنومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنا يولدا يېتىپ قالغان ئى XX نى بېسىپ ئۆتۈپ كەتكەن، ئىXX نەق مەيداندا ئۆلگەن. جاۋابكار ئەXX جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزىگە تېلفۇن قىلغان، 110 قۇماندانلىق مەركىزىگە دېلو مەلۇم قىلغان.
شايار ناھيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى ئەتىرتى 2019-يىلى 11- ئاينىڭ 24-كۈنى چىقارغان **652924120190001 -نومۇرلۇق يول قاتناش ھادسىسى ئېتراپنامىسدا: ئەXX بۇ قېتىمقى قاتناش ھادسىسىدە ئاساسلىق مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ بېكىتكەن.
يۇقارقى پاكىت يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىغى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاش يەكۈنى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قائىل بولغان.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئەXX نىڭ دۆلەتنىڭ يول قاتناش بېخەتەرلىكىگە ئائىت بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھالدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ، ھادىسسە تۇغدۇرۇپ، بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسسى جىنايىتى شەكىلىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان،جاۋابكار ئەXX گە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددىسىدىكى، 67-ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە جازا بىرىشكە تىگىشلىك. يول قاتناش تەرتىپىنى قانۇنى كاپالەتكە ئېگە قىلىش ئۈچۈن، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ15-، 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شايار ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
2020يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论