欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

艾某某危险驾驶案

2021-09-20 尘埃 评论0

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

  

                      ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020)  631 -نۇمۇرلۇق

       ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

    جاۋاپكار ئې XX، ئەر، ئۇيغۇر، 37ياش، كىملىك نۇمۇرى: XX6529، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاۋات ناھىيەسى، ئاۋات ناھىيە X يېزا X كەنىت X-گورۇپ X-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق،ئىلگىرى جازالانمىغان.2019– يىلى 9– ئاينىڭ 6– كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن.

  ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى3-ئاينىڭ 18-كۈنى(2020) 1297 -نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى  

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

     2019-يىلى 7-ئاينىڭ  19-كۈنى سائەت 5دىن 46مىنۇت ئۆتكەن ئەتراپىدا،جاۋاپكار ئېXXئاۋات ناھىيە X يولۇچىلار توشۇش ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى نامىدىكى XX   新Nنۇمۇرلۇق كىرا ئاپتوموبىلنى ئاقسۇ شەھەر Xئۆلكە يولى  SXX  لىنىيە يولىدا شىمالدىن جەنۇپقا   قاراپ سۈرئەت ئاشۇرۇپ ھەيدەپ (ئەمەلىيى ھەيدىگەن سۈرئەت 69كىلومىتىر سائەت ،بەلگىلەنگەن سۈرئەت 60كىلومىتىر سائەت)  مېڭىپ مەست ھالەتتە  پىيادە يولنى توغرىسىغا كىسىپ ئۆتۈۋاتقان   ئەXX(قاندىكى ئىسپىرىت مىقتارى 289.29مىللىگىرام )نى سوقۇپ قارشى تەرەپ يۆنىلىشكە چىقىرۋەتكەن، شۇ ۋاقتىدا  مXX 新NXX ,  نۇمۇرلۇق ئاپتووموبىلنى جەنۇپتىن شەرىققە قاراپ (ئەمەلى ھەيدىگەن سۈرئەت 66كىىلومىتىر سائەت  بەلگىلەنگەن سۈرئەت 60كىلومىتىر ) سۈرئەت ئاشۇرۇپ ھەيدەپ مېڭىپ بېسىپ ئۆتكەن كەتكەن،زىيانلانغۇچى ئە XX نەق مەيداندا قازا قىلغان ،قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلغان .ھادىسە يۈز بەرگەندىن كىيىن ئاقسۇ شەھەرلىك قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتى قانۇن بۇيىچە ھادىسە مەسئۇلىيەتنامە بىكىتشنامىسى  چىقىرىپ جاۋاپكار  ئېXXئاساسلىق مەسئۇلىيەت،مXX قوشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ ، زىيانكەشلىككە ئۇچىرغۇچى ئەXX   قوشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتكەن.

          ھادىسىدىن كېيىن جاۋاپكار ئې XX ۋە ھادىسىدىكى قوشۇمچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچى  مXX  زىيانلانغۇچى ئاىلىدىسىكىلەرگە  زىىيانلانغۇچىنىڭ دەپنە راسخوتى ئۈچۈن 30000يۈەن تۆلەپ بەرگەن .زىيانلانغۇچى ئائىلىسىدىكىلەر يەنە سوغۇرتا شىركىتى ئارقىلىق 655280يۈەن سوغۇرتا تۆلىمىگە ئېرىشكەن .

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش پىكرى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ . 

مەھكىمىمىز جاۋاپكار ئېXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل –ئىسپاتى تولۇق، قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك ،جاۋاپكار جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل بۇلۇپ قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن،شۇڭا جاۋاپكار ئې XXغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا،72-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە مۇددەتلىك 1يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ 2يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى بېرىشكە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا تەكلىپ بېرىپ ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق .

                           تەپتىش : ئاXX

                           تەپتىش : جXX

                 2020-يىلى 6-ئاينىڭ  1-كۈنى

ئىزاھات : 

‹1جاۋابكار ئېXX كېپىلگە بېرىلگەن ،ھازىر ئائىلىسىدە ،تېلفۇن نۇمۇرى :XX 133 

2› 8 نۇسخا ئەيىبنامە،  جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى  ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top