شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
شايار ت ج 1-بۆلۈم ئەيىپلەش چىقىش (2020)561-نومۇرلۇق
جاۋابكار ئېXX، ئەر،** 19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 652924******0533، ئۇيغۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئېگە، دېھقان، شايار ناھىيە XX بازىرى XX كەنت **-گۇرۇپ **-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن.
شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ئېXX نىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2020) 526-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارىتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئېXX 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچ سائەت 23:30 لار ئەتراپىدا شايار ناھىيە ئېXX بازىرى XX كەنت 3-گۇرۇپتىكى ئۆيدە يالغۇز ھاراق ئىچىپ، تاماكا ئەكىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سەيناسىغا توختىتپ قويغان نۇمۇر تاختىيى يوق، ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنى ئۆزى يالغۇز پىراۋىسىز ھەيدەپ، ئېXX بازىرى ئېXX كەنت 5-گۇرۇپقا چىقىپ تاماكا ئېلىپ بولغاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن موتسىكىلىتنى ھەيدەپ ئېXX بازىرى ئېXX كەنت 6-گۇرۇپ تەۋەسىگە كەلگەندە شۇ يولدا چارلاش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان.
باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار ئېXX نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 135.74 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى، نەق مەيداندىن تارتىلغان سۆرەتلەر، ئۈن-سىن ماتىريال قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئېXX نىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2)-تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-، 176-، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلمە بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. مەزكۇر دېلوغا تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىش ۋە جاۋابكار ئېXX نىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، جاۋابكار ئېXX نىڭ 2 ئاي 5 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 4400 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش توغرىسىدا تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论