欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

艾某某涉嫌交通肇事案不起诉决定书

2021-09-22 独角龙 评论0

机密★1年

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلىمەسلىك قارارنامىسى

ئا،ت، 1-بۆلۈم، ج، ئەيىبلىمەسلىك (2020) 55-نۇمۇرلۇق

  ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXX، ئەر، ئۇيغۇر، XXXX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6529XXXXXXXXXXXXXX، يۇرتى XXشەھەر، نۇپۇستىكى ئولتۇرغى: XX شەھەر XX يولى XX-نۇمۇر يېزا XX ئاھالىلەر قورۇسى XX-بىنا XX-دوم XXX-نۇمۇرلۇق ئۆي، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ماسسا، ئاشپەز، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 08-كۈنى قاتناش ھادىسى سادىر قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.

   ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىپلەنمىگۈچى ئەXXنىڭ قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى دېلوسىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 09-ئاينىڭ 27-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە ئەيىبلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى، ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ، بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. 

   قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2019-يىلى 11-ئاينىڭ 09-كۈنى سائەت 22:20 ئەتراپىدا، ئەيىپلەنمىگۈچى ئەXX ئۆزىنىڭ 新NXXXXX نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىسىغا ئاXX، ئاXX، ناXX، ئاXX قاتارلىقلارنى چىقىرىپ XX ناھىيە XX XX يولى SXXX–لىنىيەدە جەنۇپتىن-شىمالغا يۆلىنىشتە ھەيدەپ SXXX–لىنىيە 55 كىلومېتىر 950 مىتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە قارشى تەرەپتىن شىمالدىن-جەنۇپقا يۆلىنىشتە ھەXX ھەيدەپ كىلىۋاتقان ئىككى چاقلىق ۋېلىسپىت بىلەن سۇقۇلغان، ئەيىپلەنمىگۈچى ئەXX ھەيدىگەن 新NXXXX نۇمۇرلۇق ماشىنا كونتىروللۇقىنى يوقۇتۇپ يولنىڭ قىرىدىكى ئورمان بەلۋىغىغا كىرىپ دەرەخكە سۇقۇلغان. نەتىجىدە ھەXXX نەق مەيداندا ئۆلۈپ كەتكەن.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ يول قاتناش ھادىسىسىدىكى جاۋاپكارلىقنى بىكىتىشنامىسىدە ئەيىپلەنمىگۈچى ئەXX «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يول قاتناش بىخەتەرلىگى قانۇنى» نىڭ 22-ماددا 1-تارماق بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر ھادىسىدە تۇللۇق جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى، ئۆلگۈچى ھەXX، ناX، ئاXX قاتارلىقلار مەزكۇر ھادىسىدە جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ بىكىتكەن.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ئىلمى تېخنىكىلىق باھالاشنامىسىدە ئۆلگۈچى ھەXX بىسسىز سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىدە كۆكرەك قىسمى ئېغىر دەرىجىدە يېپىق خاراكتېرلىك زەخىملىنىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن دەپ باھالىغان.

   يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:

1. يازما ئىسپات  2. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى 3. باھالاش پىكىرى 4. ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى، خەرىتىسى، فوتو-سۈرەت 5. ئۈن-سىن ماتىريالى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقىلارنى ئومۇملاشتۇرغاندا، ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXXنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ بىر ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى« 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق. ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. بىراق ئەيىبلەنمىگۈچى ئەXX ۋەقە سادىر قىلغاندىن كېيىن، ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى ئەترىتىگە تېلىفۇن قىلىپ دېلو مەلۇم قىلغان، ج خ ئورۇنلىرىغا ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ قىلمىشىنى ئاكتىپلىق بىلەن تاپشۇرغان، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، جىنايىتىگە تۆۋە قىلىش ئىپادىسى ياخشى، زىيانلانغۇچىنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىغا دەپنە پۇلى، ئۆلۈم تۆلەم پۇلى، ۋە باشقا چىقىملىرى ئۈچۈن ئىقتىسادى جەھەتتىن 350000 يۈەن تۆلەم بىرىپ ھەق-تەلەپ جەھەتتە ئۆز-ئارا كىلىشكەن ھەمدە زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن، ماشىنىدا ئولتۇرغان ناXX، ئاXX قاتارلىقلارنىڭ داۋالىنىش چىقىمىنى تۆلەپ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن، سوبىكتىپ جەھەتتىن قەستەنلىك يوق، سەۋەنلىكتىن سادىر بولغان، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق بۇلۇش ئەدلىيە سىياسىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە جىنايى جازا بېرىشنىڭ زۆرۈريىتى يوق دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ  177-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە ئەنقەر ئەنۋەرنى ئەيىبلىمەسلىكنى قارار قىلدى. 

ئەيىپلەنمىگۈچى بۇ قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.

زىيانلانغۇچى بۇ قارارغا قايىل بولمىسا، قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى

2020-يىل 10-ئاينىڭ 26-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top