欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

艾某某涉嫌交通肇事案起诉书

2021-09-22 尘埃 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا،ت،1-بۆلۈم،ج،ئە (2020) 286-نۇمۇرلۇق

  جاۋاپكار ئەx،ئەر،ئۇيغۇر،كىملىك نومۇرى X652928، يۇرتى:x ناھىيە،ئولتۇرۇشلۇق ئورنى: x بازار x كەنت 2-گۇرۇپ 16-نۇمۇر،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، ماسسا، دېھقان، جازالانمىغان. 2019-يىل 8-ئاينىڭ 6-كۈنى قاتناش ھادىسسى جىنايىتى گۇمانى بۇيىچە x ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلىككە بېرىلگەن. ھازىر ئائىلىدە.

   ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ئەxنىڭ قاتناش ھادىسسى جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ10-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى،2020-يىلى7-ئاينىڭ2-كۈنى جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازا بىرىلىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇختۇرۇپ قويۇلدى، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ، بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى، جاۋابكار بۇ دىلونى تېز ھۆكۈم قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى. 

  قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:  

2019-يىل 7-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 02:45 ئەتراپىدا، جاۋابكار ئەx ئۆزىنىڭ x نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى x ناھىيە x بازىرى x كەنىت يۇلىدا شىمالدىن-جەنۇپقا قاراپ ھەيدەپ كېتىۋىتىپ، x بازىرى xكەنىت 3-گۇرۇپ يۇلىغا كەلگەندە، زىيانلانغۇچى بۇx تۇچىيىگە زىيانلانغۇچى دx چىقىرىپ جەنۇبتىن-شىمالغا قاراپ ھەيدەپ كىتىۋاتقان نۇمۇر تاختىسى يوق ئۈچ چاقلىق تۇكسىكىلىت بىلەن سۇقۇشۇپ كەتكەن. 

زىيانلانغۇچى دx دۇختۇرخاندا قۇتقۇزۇش ئۇنۇم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن،زىيانلانغۇچى بۇx يارىلانغان،  ئىككى قاتناش ۋاستىسى ئۇخشىمىغان دەرىجىدە بۇزۇلغان.

   يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل ئىسپاتلار:

1› يازما ئىسپات 2›زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى 3› جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 4› باھالاشنامە 5› نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرىسى، خەرىتىسى، فوتو-سۈرەت قاتارلىقلار بار.
     يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز، جاۋابكار ئەxنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق، قاتناش ھادىسسى جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋابكار ئەxنىڭ قىلىمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن،جاۋاپكار قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا1-تارماق بەلگىلىمىسىنى قۇشۇپ تەدبىقلاش كېرەك، شۇڭا جاۋابكار ئەxنىڭ قاتناش ھادىسسى جىنايىتىگە مۇدەتلىك 1يىللىق قاماق جازاسى بىرىپ،جارا كىچكتۇرۇش مۇۋاپىق دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارئۈچۈن ئەيىبلىدۇق. 

  ھۆرمەت بىلەن:

  ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: خانئايىم  يۇسەن 

گۈلنۇر ئابلىمىت 

2020-يىل 7-ئاينىڭ 8-كۈنى

  قۇشۇمچە: 

1› جاۋاپكار ئەx ھازىر ئائىلىسىدە.

2› 8پارچە ئەيىبلەشنامە بىلەن بىر توپلام رازۋېتكا دېلوسى (170بەت)؛

3› 3دانە ئوپتىك دېسكا (جاۋاپكارنىڭ ماس قەدەملىك سوراق خاتىرىسى)؛

4› جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top