ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا،ت 1-بۆلۈم،ج ئە(2020) 45–نۇمۇرلۇق
ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋاپكار غx،ئەر،ئۇيغۇر،19xx-يىل x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:65292819xxxxxxxxxx،يۇرتى ئاۋات ناھىيە،نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادىرىسى:x يېزاx كەنتى x-گۇرۇپ x-نومۇر،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،ماسسا،ئامانلىق قوغدىغۇچى،ئىلگىرى جازالانمىغان،2019-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار غxنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىل 2-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان.مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى،2020-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازا بېرىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇختۇرۇپ قويۇلدى،جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ،دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ،بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.جاۋابكار بۇ دىلونى تېز ھۆكۈم قىلىش تەرتىۋىنى قوللۇنۇپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019-يىل 8-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 2:20 ئەتراپىدا،جاۋاپكار غx ھاراق ئېچىپ مەست ھالەتتە x بازىرى x يولى x مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان 新NTxxxx نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى x يولىدا شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ ھەيدەپ x ناھىيە بازىرى x ئولتۇراق رايونىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە،يولدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇسۇپ تەكشۈرۈلۈپ، ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى ئېنىقلانغان.
شنجاڭ خۇاتۇڭ قاتناش ھادىسى ماددى ئىسپاتنى ئەدلىيىلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2019) 4810-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكىرنامىسىدا:جاۋاپكار غxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا 279.83 مىللىگىرام ئىسپىرىت بار دەپ باھالىغان.
يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1› يازما ئىسپات 2›جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 3›باھالاش پىكرى 4›ئېنىقلاش،تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلۇنۇش تەرتىۋى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارتا پىكرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئېتراپ قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز،جاۋاپكار غxنىڭ قاتناش تىرانسىپورت باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق،دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك؛جاۋابكار قىلىمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان،تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان،تېز ھۆكۈم چىقىرىپ سوت قىلىشقا باشقا پىكرى يوق،شۇڭا جاۋابكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاپ،جاۋابكارنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە 4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى،قوشۇمچە شىتراف قويۇش جازاسى بېرىش كېرەك دەپ قاراپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش:خانئايىم يۈسەن
ئەسقەر مەمەت
2020-يىل 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
قۇشۇمچە: 1› 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن بىر توپلام رازۋىتكا دېلوسى،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولۇش تىلخېتى بىرگە يوللاندى. 2›جاۋاپكار ھازىرئائىلىسىدە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论