ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا ت 1-بۆلۈم ج ئە (2020) 134–نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ئە****، ئەر، ئۇيغۇر، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى 652928*******0653، نۇپۇستىكى ئادىرىسى: شىنجاڭ ئاۋات ناھىيە ** بازىرى ** جەنۇبى يولى **-كوچا **-نۇمۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، تىجارەتچى، ماسسا، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىل 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلىككە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئە****نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىل 3-ئاينىڭ 24-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازا بېرىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇختۇرۇپ قويۇلدى، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ،دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ، بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.جاۋابكار بۇ دىلونى تېز ھۆكۈم قىلىش تەرتىۋىنى قوللۇنۇپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار ئە**** 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى سەھەر سائەت 02:30 ئەتىراپىدا پىراۋىسىز، ھاراق ئېچىپ مەست ھالەتتە ئۆزىنىڭ 新N****4 نۇمۇرلۇق ماشنىنى ئاۋات ناھىيە ئاۋات بازىرى شاڭفۇ يولى كەچلىك بازارنىڭ ماشنا توختۇتۇش مەيدانىدىن ھەيدەپ چىقىپ بوستان يول بۆلىكىدە غەرپىتىن-شەرق يۆلىنىشىدە ھەيدەپ بوستان باغچا رىستۇرانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، يولدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇسۇپ تەكشۈرلۈپ ھاراق ئىچىپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى ئېنقلانغان.
شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ۋەقەلىرى ماددى ئىسپات تۈرلىرىنى ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2019) 2880-نۇمۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە جاۋاپكار ئە****نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان ئەۋرىشكىسى تەركىبىدە 129.95 مىللىگىرام ئىسپىرىت بارلىقى باھالاپ بېكىتىلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1› يازما ئىسپات 2›جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 3›باھالاش پىكرى 4›ئېنىقلاش،تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىۋى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارتا پىكرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئېتراپ قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز،جاۋاپكار ئە****نىڭ قاتناش تىرانسىپورت باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ،ھاراق ئىچىپ مەست بۇلۇپ قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق،دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بۇيىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك؛جاۋابكار قىلىمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان،تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان،تېز ھۆكۈم چىقىرىپ سوت قىلىشقا باشقا پىكرى يوق،شۇڭا جاۋابكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاپ،جاۋابكارنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە 1 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە شىتراف قويۇش جازاسى بېرىش كېرەك دەپ قاراپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : مۇقەرەپ مۇختەر
2020-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنى
قۇشۇمچە:
1. جاۋابكار ھازىر كېپىلدە.
2. سەككىز پارچە ئەيىبنامە بىلەن بىر توپلام رازۋىتكا دېلوسى.
3. بىر دانە نۇر دېسكا.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论