欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

艾某某涉嫌敲诈勒索案起诉书

2021-09-20 独角龙 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا،ت 1-بۆلۈم،ج ئە(2020) 297–نۇمۇرلۇق

جاۋاپكار ھxx ،ئەر،ئۇيغۇر، xx 19-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:xxxxxxx 65292819، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئادىرىسى: ئاۋات ناھىيە بېشئېرىق بازىرى xx كەنتxx-گۇرۇپ xx-نۇمۇر،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ماسسا، ****، ئىلگىرى جازالانمىغان.2019-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قاقتى –سوقتى قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلۇپ ،2019-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىز تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان،ھازىر ئاۋات ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ھxxنىڭ جىنايىتى دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى،دىلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەش زۆرۈر دەپ قاراپ ئىككى قېتىم ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇلۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇردى، ج خ ئىدارىسى دىلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەپ قايتا يوللىغاندىن كىيىن،مەھكىمىمىز تەپتىش خادىملىرى بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ،دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2017-يىلى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى بىر كۈنى كەچتە، جاۋابكار ھxx بىلەن تxxچارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا ئاۋاتتىن ئاقسۇغا ماڭىدىغان چوڭ يولنىڭ قىرغىقىغا توختىتىپ قويۇلغان كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسىنى كۆرگەندىن كىيىن،جاۋابكار ھxx دەرھال ماشىنىدىن چۈشۈپ ماشىنىنىڭ ئىچىدىكى بېشىرىق بازىرى سۆكمەن كەنتى 2- گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ي X بىلەن رX ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىنىڭ بوينىغا ئېسىلىشىپ ئولتۇرغان ھالىتىنى يان تىلفۇنىدا ئۈچ پارچە رەسىمگە تارتقان، ئاندىن زىيانلانغۇچى ي X بىلەن رXنى سۆكمەن كەنت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ قايتىپ كەتكەن، ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كىيىن جاۋابكار ھxx زىيانلانغۇچى ي X ئىزدەپ بېرىپ ، ئۆزىنىڭ تىلفۇنىدا تارتىۋالغان رەسىمنى كۆرسۈتۈپ، ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنى ئوڭشۇتۇپ بىرىشنى، ئاندىن تېلىفۇنىدىكى رەسىملەرنى يۇيىۋىتىدىغانلىقىنى دىگەن، زىيانلانغۇچى يX رەسىمنىڭ ئاشكارلىنىپ كەتسە ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يىتىشىدىن قورقۇپ ماقۇل بولۇپ  جاۋابكار ھxxكە 2000 يۈەن نەق پۇل بەرگەن. جاۋابكار ھxxپۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن،زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

   2018-يىلى1-ئاينىڭ باشلىرىدا جاۋابكار ھxxبەشئېرىق بازىرى xx كەنىت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ياردەمچى ساقچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە،xx كەنىت xx-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ئاxx بىلەن زىيانلانغۇچى ئايxxغا  بىرلەشمە جەڭ سۇپىسىغا چۈشۈپ قالغانلىقى، دەرھال پۇل تەييار قىلمىسا سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تېخنىكا تەربىيلەش مەكتىپىگە ئاپىرىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قورقۇتقان، شۇ كۈنى كەچتە زىيانلانغۇچى ئايxxبىلەن زىيانلانغۇچى ئاxx ھەر بىرى 4 مىڭ يۈەندىن، جەمئىي 8 مىڭ يۈەن پۇل تەييار قىلىپ، زىيانلانغۇچى ئايxxنىڭ يولدىشى قxx بىلەن زىيانلانغۇچى ئاxx بىللە 8 مىڭ يۈەن پۇلنى ئېلىپ جاۋابكار ھxxنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن جاۋابكار ھxxپنىڭ  دادىسى مۇxx(ئۆلۈپ كەتكەن) غا 8 مىڭ يۈەن پۇلنى بەرگەن،جاۋابكار ھxx بۇ 8 مىڭ يۈەننى دادىسى مۇxxدىن ئېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن، زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:

1.يازما ئسىپات 2.گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى 3.زىيانلانغۇچنىڭ بايانى 4. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار.

مەھكىمىمىز،جاۋاپكار ھxxنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنى قورقۇتۇش،تەھدىت سىېلىش ئۇسۇلى بىلەن باشقىلارنىڭ بىر قەدەر كۆپ سوممىدىكى پۇلنى ئىگىلىۋالغان قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 274-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق،دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق،قاقتى –سوقتى قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك؛جاۋاپكار تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان،تۇتۇلغاندىن كىيىن قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ،جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قۇشۇپ تەدبىقلاش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

   ھۆرمەت بىلەن: 

  ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: مۇقەرەپ مۇختەر

       مۇرادىل مۇتەللىپ

2020-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى

  

قۇشۇمچە:

1. جاۋابكار ھازىر ئاۋات ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

2.سەككىز پارچە ئەيىبنامە بىلەن ئۈچ توپلام رازۋېتكا دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.

3.ئالتە دانە نۇر دىېسكا.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top