欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

艾某某涉嫌盗窃案起诉书

2021-09-25 尘埃 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا، ت، بىرىنجى بۆلۈم، ج، ئە (2020) 409-نۇمۇرلۇق

جاۋابكار ئە XX، ئەر، ئويغۇر، XX19-يىلى 11-ئايىنڭ 9-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XXXXXXXX65292819، يۇرتى XX ناھىيە، نۇپۇسىتىكى تۇرۇشلۇق ئورنى XX ناھىيە XX بازار تۆۋەنكى XX كەنت XXگۇرۇپ XXنۇمۇر، دىھقان، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ماسسا، 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاۋات ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 7 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بىرىلگەن، 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاۋات ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 1 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بىرىلگەن، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۇنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئە XX نىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ، بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. جاۋابكارغا جىنايەت ۋە جازانى تونىغاندا كىلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇقتۇرۇلدى. جاۋابكار دىلونى ئاددى تەرتىپىنى قوللۇنۇپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2019-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىكى بىر كۈنى ئەتىگەندە جاۋابكار ئە XX ئوغۇرلىق قىلىش مەقسىتىدە XX 3-مەيداندىكى 5- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يېنىدىكى يولدا كىتىۋىتىپ ئى XX توختۇتۇپ قويغان زىيانلانغۇچى ئە XX نىڭ 2330 يۈەن قىممىتىدىكى كۆك رەڭلىك داجىياڭ ماركىلىق توكسىكىلىتنى كۆرۈپ سىم يولىنى ماس قىلىپ ئوغۇرلاپ 3-مەيدان 9-لىيەندىكى توغراقلىق ئارسىدىكى ئادەم ئولتۇرمايدىغان ئۆيگە تاشلىۋەتكەن. (زىيان ئەسلىگە كەلمىدى) 

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن جاۋابكار ئە XX  XX 3-مەيداندىكى زىيانلانغۇچى ليۇ XX نىڭ 3-مەيدان 9-لىيەندىكى توغراقلىق ئارسىدىكى ئادەم ئولتۇرمايدىغان ئۆيىنى ئاختۇرۇپ ئۆينىڭ يان تەرىپدىكى لاپاسقا توختۇتۇپ قويغان 1785 يۈەن قىممىتىدىكى بىردانە قىزىل رەڭلىك ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتىنىڭ سىمىنى ماس قىلىپ ئوغورلۇق ئېلىپ چىقىپ، 3-مەيدان 13-لىيەندىكى جاڭگالغا تاشلىۋەتكەن. (زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن)

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 3 ئەتىراپىدا جاۋابكار ئە XX ئىتتىپاق يېڭى كەنتىگە كىلىپ زىيانلانغۇچى خە XX نىڭ XX ئۈنۋىرسال سودا دۇكىنى كۈزتۈپ دۇكاننىڭ ئارقى تەرپىدىكى بىر رىمۇتخانىدىن بىر دانە لوم تۆمۈر تېپىپ دۇكاننىڭ ئالدى ئىشىكىنى لوم تۆمۈردە بۇزۇپ ئېچىپ دۇكان ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن توڭلاتقۇدىكى 146 يۈەن قىممىتىدىكى 2 كىلو قوي گۆشىنى ئوغۇرلاپ چىققاندىن كېيىن شۇ ئەتىراپتىكى توغراقلىقنىڭ ئىچىدە كاۋاپ قىلىپ يەپ يۈگەتكەن. (زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن) 

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەتىگەندە جاۋابكار ئە XX 3-مەيداندىكى 5- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يان تەرپىدىكى توپۇلۇق يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ مۇ XX توختۇتۇپ قويغان زىيانلانغۇچى ما XX نىڭ 4330 يۈەن قىممىتىدىكى كۆك رەڭلىك داجىياڭ ماركىلىق ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتىنى كۆرۈپ ئوغۇرلاش مەقسىتىدە توكسىكىلىتنىڭ يېنىغا بېرىپ سىمىنى ماس قىلىپ توك ئۆتكۈزۈپ موتونى ئوغۇرلاپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن 13-لىيەن بىلەن ئىتتىپاق كەنت پاسىلىدىكى جاڭگالغان يوشۇرۇپ قويغان، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن زىيانلانغۇچى ما XX يوشۇرۇپ قويۇلغان ئورۇندىن توكسىكىلىتىنى تېپىۋالغان. (زىيان ئەسلىگە كەلگەن) 

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۇنىلىرى تاڭ سەھەردە جاۋابكار ئە XX ئۇغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە مولھوسۇللۇق 3-مەيدا ئىتتىپاق يېڭى كەنتىنىڭ يول بۇيىغا جايلاشقان زىيانلانغۇچى پا XX نىڭ «XX ئۈنۋىرسال دۇكىنى» نىڭ ئالدىغا كىلىپ دۇكاننىڭ ئىشكىنى ئۆزى تەييارلىۋالغان لوم تۆمۈر بىلەن قايرىپ ئېچىپ دۇكان ئىچىگە كىرىپ، دۇكاندىكى باتەينىڭ تارتمىسىدىن 35 يۇەن نەق پۇل ۋە 680 يۈەن قىممىتىدىكى ئىككى يىشىك خالتىلىق بەركەت تەييار چۆپى، 7 دانە قاچىلىق بەركەت تەييار چۆپى، ئىككى يىشىك قاناس ماركىلىق سۈت، بىر يىشىك قىزىل كالا ئىچملىكى، بىر يىشىك كۇزەي ماركىلىق تەييار چۆپ، بىر يىشىك كىرورەن ماركىلىق ئاي تۇقاچ، بىر يىشىك باقالى، بىر يىشىك خۇاسىڭ تورت، 10 جۇپ ئەرلەر پايپىقى، 11 جۇپ پەلەي، 20 خالتا ئاچىچىق دۇفۇ، خالتىلىق ئاچچىق يىڭنە سىمان موگو (金针菇) دىن 20 خالتا، يېرىم يىشىك بامبۇك، 20 دانە نان قاتارلىق نەرسىلەرنى ئوغرلاپ چىقىپ يىمەكلىكلەرنى يەپ تۈگەتكەن، نەق پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. (زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن)

2020-يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا جاۋابكار ئە XX ئۇغۇرلۇق قىلىش مەقستىدە XX ناھىيە XX-مەيدان XX-لىيەندىكى يول بۇيىغا جايلاشقان زىيانلانغۇچى جو XX نىڭ ئۇيىگە تامدىن ئارتىلىپ ھويلىغا چۈشۇپ ھويلىدىن بىر دانە ئەتتىركە تېپىپ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئەتۋىركە بىلەن قايرىپ ئېچىپ ياتاق ئۆيدىن 450 يۈەن نەق پۇل، ياتاق سېرىق رەڭلىك ۋىۋو ماركىلىق يان تېلىفۇن، بىر دانە خۇۋېي ماركىلىق توك قاچىلغۇچ قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۇغۇرلاپ چىقىپ ئۇغۇرلىغان پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن، ئۇغۇرلىغان يان تىلفۇن بىلەن توك قاچىلغۇچنى 13-لىيەندىكى ئادەم ئولتۇرمايدىغان ئۆيگە تاشلىۋەتكەن. (220 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلگەن، 530 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن)

2020-يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا جاۋابكار ئە XX ئۇغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە XX-مەيدان XX-لىيەندىكى زىيانلانغۇچى جۇ XX نىڭ ئۆيىگە تامدىن ئارتىلىپ ھويلىنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئۆينى ئاختۇرۇپ ئۇغۇرلىغۇدەك نەرسە تاپالماي، ئۆزىنىڭ بايقىلىپ قېلىشىدىن ئەنسرەپ ھويلىغا ئورنۇتۇپ قويغان تىلكامىرانىڭ كومپىيۇتېر ئاساسى ماشنىسىنى ئوغورلاپ ئېلىپ چىقىپ شۇ ئۆينىڭ ئۆگىزىسىگە تاشلىۋەتكەن. (زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن) 

2020-يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا جاۋابكار ئە XX ئۇغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە XX ناھىيە XX-مەيدان XX-لىيەنگە جايلاشقان زىيانلانغۇچى چېن XX نىڭ ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ ئەتراپنى كۇزۇتۇپ ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئالدىن تەييارلىۋالغان تۇمۇر بولقا بىلەن دەرۋازىنىڭ قۇلپىسىنى ئۇرۇپ چىقىپ ھويلا ئىچىگە كىرىپ ئۆيدىن باشقا نەرسە تاپالماي كۈزىتىش ئۇسكىنسىنىڭ ئاساسى ماشنىسىنى ئۇغۇرلاپ چىقىپ شۇ ئۆينىڭ ئۆگىزىسىگە تاشلىۋەتكەن. (زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن)

2020-يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا جاۋابكار ئە XX ئۇغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە XX ناھىيە XX-مەيدان XX-لىيەنگە جايلاشقان زىيانلانغۇچى شې XX نىڭ ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ ئەتراپنى كۇزۇتۇپ ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئالدىن تەييارلىۋالغان تۆمۈر بولقا بىلەن دەرۋازىنىڭ قۇلپىسىنى ئۇرۇپ چىقىپ ھويلا ئىچىگە كىرىپ ئويدىن باشقا نەرسە تاپالماي ياندىكى ئۆيدىن كۇزىتىش ئۇسكىنسىنىڭ ئاساسى ماشنىسىنى  ئۇغۇرلاپ ئېلىپ چىقىپ ياندىكى ئۆينىڭ ئۆگىزىسىگە تاشلىۋەتكەن. (زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن) 

2020-يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا جاۋابكار ئە XX ئۇغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە XX ناھىيە XX-مەيدان XX-لىيەنگە جايلاشقان زىيانلانغۇچى لۇ XX نىڭ ئوينىڭ ئالدىغا كىلىپ ئەتراپنى كۇزۇتۇپ ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئالدىن تەييارلىۋالغان تۇمۇر بولقا بىلەن دەرۋازىنىڭ قۇلپىسىنى ئۇرۇپ چىقىپ ھويلا ئىچىگە كىرىپ ئويدىن ئۇغۇرلىغۇدەك باشقا نەرسە تاپالماي ئۆيدىكى كۇزىتىش ئۇسكىنسىنىڭ ئاساسى ماشنىسىنى ئۇغۇرلاپ چىقىپ يول بۇيىدىكى زەيلىككە تاشلىۋەتكەن. (زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن) 

2020-يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا جاۋابكار ئە XX ئۇغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە XX ناھىيە XX-مەيدان XX-لىيەنگە جايلاشقان زىيانلانغۇچى لى XX نىڭ ئوينىڭ ئالدىغا كىلىپ ئەتراپنى كۇزۇتۇپ ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئالدىن تەييارلىۋالغان تۇمۇر بولقا بىلەن دەرۋازىنىڭ قۇلپىسىنى ئۇرۇپ چىقىپ ھويلا ئىچىگە كىرىپ ئويدىن باشقا نەرسە تاپالماي ياندىكى ئۆيگە ۋە ھۇيلىغا ئۇرنۇتۇپ قويغان كۈزىتىش ئۇسكىنسىنىڭ ئىككى دانە ئاساسى ئاپىراتىنى ئۇغۇرلاپ ئېلىپ چىقىپ يول بويىغا تاشلىۋەتكەن. (زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن)

2020-يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا جاۋابكار ئە XX ئۇغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە XX ناھىيە XX-مەيدان XX-لىيەنگە جايلاشقان زىيانلانغۇچى ۋاڭ XX نىڭ ئۆينىڭ قۇلپىسىنى بولقا بىلەن ئۇرۇپ چىقىپ ياتاق ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ ياتاق ئۆينىڭ ئىچىدىكى ئوستەلنىڭ يان ساندۇقىدىن مارجان بىلەن ئوتكۇزۇلگەن بىردانە 2.3 گىرام ئالتۇن زەنجىرنى ئۇغۇرلاپ چىقىپ يېنىدا ئېلىپ يۇرگەن. (زىيان ئەسلىگە كەلگەن) 

2020-يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا جاۋابكار ئە XX ئۇغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە XX ناھىيە XX-مەيدان XX-لىيەنگە جايلاشقان زىيانلانغۇچى تەن  XX نىڭ دۇكىنىڭ دەرىزىنىڭ قەلەي رىشاتكىسىنى سۇندۇرۇپ دەرىزە تورىنى يىرتىپ، ئىچىدىكى ئىلغۇچىنى سۇندۇرۇپ دەرىزە ئارقىلىق دۇكان ئىچىگە كىرىپ، دۇكاننىڭ ئىچىدىكى ياتاق ئۆيدىكى كارۋاتنىڭ باش تەرىپىدىكى ساندۇقىدىن 250 يۇەن نەق پۇل بىر تو يۇنيەن ماركىلىق تاماكا، ئىككى تو يۇمشاق قاپلىق خۇڭخى ماركىلىق تاماكا، ئىككى تو قاتتىق قاپلىق خوڭخى ماركىلىق تاماكىنى ئېلىپ، دۇكان ئىچىگە قۇيۇپ قويغان كۇزىتىش ئاپىراتىنىڭ سىمىنى ئېلىۋىتىپ، كۇزىتىش ئاپىراتىنىڭ ئاساسى ماشنىسنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. (زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن)

يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:

1›يازما ئىسپات 2› زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى 3› جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 4› باھالاش پىكىرى 5›نەق مەيدان چارلاش، تەكشۈرۈش خاتىرسى 6› ئۈن- سىن ماتىريالى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئېتىراب قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز، جاۋابكار ئە XX نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ كۆپ مىقداردىكى پۇلىنى ئوغۇرلىۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا 1-تارماق بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، ئوغۇرلۇق جىنايتى بويىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك، جاۋابكار ئە XX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىللىك قىلىشقا بولىدۇ، جاۋابكار ئە XX ج خ ئىدارىسى ئادەتتىكى تەكشۈرۈپ سوراق قىلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغان ھەمدە تەكرار جىنايەت سادىر قىلغان، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 65-ماددا، 67- ماددا 1-تارماق بەلگىلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كىرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

مۇئاۋىن باش تەپتىش: ماھىرە ئابلا

                    دىلشات مۇتەللىپ

2020-يىل 11-ئاينىڭ 9-كۈنى

قۇشۇمچە: 1› 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن تۆت توپلام رازۋىتكا دېلوسى بىرگە يوللاندى.

2›جاۋاپكار ئە XX ئائىلىسىدە.

3›جىنايىتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بولۇش تىلخېتى (بىر پارچە)

4› ئۈن- سىن سوراق خاتىرسى (1 دىسكا)

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top