ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا،ت، 1-بۆلۈم، ج، ئە (2020) 361-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ئەXX، ئەر، ئۇيغۇر، XXXX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 652XXXXXXXXXXXXXXX، يۇرتى XX ناھىيە، نۇپۇستىكى ئولتۇرغى XX ناھىيە XX بازىرى XXئولتۇراق رايۇنى XX-بىنا XX-كۇرپۇس XX-ئۆي، توللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ماسسا، ئاشپەز، 2004-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاۋات ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇلاڭچىلق جىنايىتى، باسقۇنچىلىق (ئەمەلگە ئاشمىغان) جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۇم قىلىنغان، 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بېرىلگەن، 2019-يىلى 09-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ئەXXنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازا بىرىلىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇختۇرۇپ قويۇلدى، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى دېلو بىجىرىش سۈرىگىنى 15 كۈن ئۇزارتتى، ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ، بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2017-يىلى 4-ئايىنىڭ 8-كۇنى ئاۋات ناھىيە بازىرى خېبىڭ 3-ئولتۇراق رايۇنىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىXX، XXئولتۇراق رايۇنىنىڭ يان تەرىپىدىكى بىر مەيخانىغا زىيانلانغۇچى ئاXX، جاۋاپكار ئەXX قاتارلىقلارنى ھاراق ئىچشكە چاقىرغان، ئىXX سورۇندىكىلەرنى بىر-بىرلەپ تۇنۇشتۇرپ جاۋاپكار ئەXXنى «بۇ ئاكامنىڭ ئىسمى ئەXX بولىدۇ، XX ناھىيە بولسۇن ياكى باشقا يەرلەردە بولسۇن بەك يۈز ئابىرويى بار، قۇلىدىن كەلمەيدىغان ئىشلىرى يوق، ھەرقانداق ئىشلارنى ھەل قىلالايدۇ، ھاجىتىڭلار چۈشۈپ قالسا مۇشۇ ئاكامغا دىسەڭلار ھەل قىلىپ بىرەلەيدۇ» دەپ تۇنۇشتۇرغان، زىيانلانغۇچى ئاXX جاۋاپكار ئەXXنىڭ ئاۋات بازىرىدا قىلالمايدىغان ئىشى يوقلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان ئوغلىنىڭ نۇپۇسنى جاۋاپكار ئەXX ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولغان. شۇنداقلا جاۋاپكار ئەXXگە «ئاكا سىزگە دەيدىغان گىپىم بار ئىدى، مىنىڭ ھەل قىلالمايۋاتقان بىر ئىشىم بار ئىدى، پۇل كەتسىمۇ شۇنى ھەل قىلغان بولساق» دىگەن. جاۋاپكار ئەXX زىيانلانغۇچى ئاXXكە «ھازىر ھاراق سورۇنىدا بۇنداق گەپلەرنى دىيىشمەيمىز، ماڭا تېلىفۇن نۇمىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قۇيۇپ كىتىڭ، مەن سىزگە ئەتە كۈندۈزى ئايرىم جايدا تىلفۇن قىلاي» دېگەن، زىيانلانغۇچى ئاXX بىلەن جاۋاپكار ئەXXئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرىنى كىرگۈزىۋالغان، ئەتسى جاۋاپكار ئەXX زىيانلانغۇچى ئاXXكە تېلىفۇن قىلىپ ئاۋات بازىرىدىكى ئۈزۈمزار دىگەن ئاشخانىدا كۆرۈشۈپ تاماق يىگەچ ئەھۋاللاشقان، جاۋاپكار ئەXX زىيانلانغۇچى ئاXXكە «ئاخشام بىر ئىشم بار ئىدى، ھەل قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز دەۋاتقان ئىدىڭىز، قانداق ئىش ئىدى» دەپ سورىغان، زىيانلانغۇچى ئاXX جاۋاپكار ئەXXگە پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان پەرزەنتىنىڭ بارلىقىنى، بالىسىنى نۇپۇسقا ئالدۇرالمىغانلىقىنى، ھەمدە بۇ ئىشنى رايۇنغا مەلۇم قىلسا ئۆزىگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋېلىشتىن قورقۇپ قالغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزىگە ياردەم قىلىشنى ئېيتقان، جاۋاپكار ئەXX زىيانلانغۇچى XXئاكە بۇ ئىشنىڭ ناھايىتى ئاددىي ئىش ئىكەنلىكىنى، زىيانلانغۇچى ئاXX پۇل چىقارسىلا ئۆزنىڭ بۇ ئىشنى ھەل قىلىۋىتىدىغانلىقىنى دېگەن، بۇ گەپنى ئاڭلاپ زىيانلانغۇچى XXئا جاۋاپكار ئەXXگە قانچىلىك پۇل چىقارسا بۇ ئىشنى ھەل قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتقان، جاۋاپكار ئەXX 10 مىڭ يۈەن بىلەن 15 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا پۇل كىتىدىغانلىقنى دىگەن.
2017-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۇنى جاۋاپكار ئەXX سائەت 13:00 لەر بىلەن زىيانلانغۇچى ئاXXكە تىلفۇن قىلىپ ئۆزىگە ياخشى ئېسىل مۇسەللەستىن 5 تۇڭ مۇسەللەس ئېلىپ تېزدىن ئاقسۇغا ئەكېلىپ بېرىشنى ئېيتقان، زىيانلانغۇچى ئاXXئا 5 تۇڭ مۇسەللەسنى ئېلىپ ئاقسۇغا بېرىپ جاۋاپكارى ئەXX بىلەن كۆرۈشۈپ مۇسەللەس ئاXXغا بەرگەن، جاۋاپكار ئەXX زىيانلانغۇچى ئاXXتىن پۇلنى تەييارلاپ كەلگەن-كەلمگەنلىگىنى سورىغان، زىيانلانغۇچى ئاXX ئۆزىنىڭ يېنىدا ھازىر نەق پۇل يوقلىقىنى، يېنىدىكى ئىناۋەتلىك كارتىدىن ئالسا بۇلىدىغانلىقىنى دەپ زىيانلانغۇچى ئاXX، جاۋاپكار ئەXX، ئاXX قاتارلىقلار XX خۇالىڭ سىچاڭنىڭ ئەتراپىدىكى بىر تىجارەت دۇكىنغا كىرىپ دۇكاندىكى پۇل-مۇئامىلە قىلىشقا ئىشلىتىدىغان ئاپىرات ئارقىلىق 15 مىڭ يۈەن پۇلغا ئىناۋەتلىك كارتسنى سيرىغان، دۇكان خۇجايىنى 15 مىڭ يۈەننىڭ رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن 750 يۈەننى ئېلىپ قىلىپ زىيانلانغۇچى ئاXXكە 14250 يۈەن پۇلنى بەرگەن، زىيانلانغۇچى ئاXX 14250 يۈەن پۇلنى ئالغاندىن كىيىن بۇ پۇلدىن 10 مىڭ يۈەن پۇلنى جاۋاپكار ئەXXگە بەرمەكچى بولغاندا، جاۋاپكار ئەXX ئۆزنىڭ بۇ پۇلنى ئالمايدىغانلىقىنى، بىرلىكتە بانكىغا بېرىپ ئىشنى ھەل قىلىدىغان ئادەمگە سېلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ھەمدە جاۋاپكار ئەXX ئېXXكە سودا-سانائەت بانكا كارتا نۇمۇرنى ئەۋەتىپ بېرىش توغۇرلۇق تېلىفۇن قىلغان، ئېXX بانكا كارتا نۇمۇرنى جاۋاپكار ئەXXگە ئەۋەتىپ بەرگەن، جاۋاپكار ئەXX بىلەن زىيانلانغۇچى ئاXX سودا سانائەت بانكىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئېXXكە 10 مىڭ يۈەن پۇلنى ئۇرۇپ بەرگەن، پۇل سېلىپ بولغاندىن كىيىن جاۋاپكار ئەXX زىيانلانغۇچى ئاXXكە «مەن مۇناسۋەتلىك ئادەملەر بىلەن كۆرۈشىمەن، قالغان گەپلەرنى ئىش ھەل بولغاندا پاراڭلىشايلى» دېگەن، زىيانلانغۇچى ئاXX ماقۇل بولغان، جاۋاپكار ئەXX ئېXXكە تېلىفۇن قىلىپ كارتىغا پۇل كىرگەن- كىرمىگەنلىگىنى شۇنداقلا بۇ ئون مىڭ يۈەننىڭ 5000 يۈەنى ئۆزىنىڭ ئىكەنلىگىنى ئېيتقان.
2017-يىلى 8-ئاي مەزگىلدە جاۋاپكار ئەXXنىڭ كورلىدىن بىرنەچچە ئاغىنىسى كېلىپ ئۇلار بىلەن XX مېھمانخانىسىدا كۆرۈشكەن، بۇ ئارلىقتا زىيانلانغۇچى ئاXX جاۋاپكار ئەXXگە تېلفۇن قىلغان ھەمدە XX مېھمانخانسدا كۆرۈشمەكچى بۇلۇشقان، زىيانلانغۇچى ئاXX XX مېھمانخانىسىغا بارغاندىن كېيىن جاۋاپكار ئەXXگە ئۆزى بەرگەن پۇلنى قايتۇرۇپ بىرىشنى دېگەن، جاۋاپكار ئەXX زىيانلانغۇچى ئاXXكە شەرت قۇيۇپ پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىمەن، لېكىن ھەممە ھېساب تۈگەيدۇ دەپ ھۆججەت يېزىپ بېرىشكە قىستىغان، زىيانلانغۇچى ئاXX جاۋاپكار ئەXXگە ماقۇل بۇلغان، جاۋاپكار ئەXXزىيانلانغۇچى ئاXXكە 6000 يۈەن پۇلنى بېرىپ زىيانلانغۇچى ئاXXتىن «ئەXX بىلەن ھېچقانداق ئېلىم بېرىمىم قالمىدى» دىگەن مەزمۇندا ھۆججەت ئېلىۋالغان.
زىيانلانغۇچى ئاXXنىڭ 4000 يۈەن زىيىنى دېلو تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا تۇللۇق ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل ئىسپاتلار:
1› يازما ئىسپات 2› زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى 3› گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى 4› جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل ئسىپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ، ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بۇلىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ئىسپاتقا قارىتا پىكىرى يوق بۇلۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز، جاۋابكار ئەXXنىڭ يۇقارقى قىلىمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايتىنىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، ئالدامچىلىق جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋاپكار تەھقىقلەش ۋە ئەيىبلەش باسقۇچىدا ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، جاۋاپكارنىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ، جاۋاپكارغا جازا ئۆلچىگەندە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قۇشۇپ تەدبىقلاش كېرەك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
ئاۋات ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
مۇئاۋىن باش تەپتىش: ماھىرە ئابلا
2020-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى
قۇشۇمچە: 1› جاۋاپكار ئەXX ھازىر ئائىلىسىدە.
2› 8 پارچە ئەيىبلەشنامە بىلەن ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر توپلام رازۋېتكا دېلوسى؛
3› بەش دانە ئوپتىك دېسكا (جاۋاپكارنىڭ ماس قەدەملىك سوراق خاتىرىسى، ئېلىكتىرۇنلۇق دېلو ماتىريالى)؛
4› ئاددى تەرتىپ قوللىنىش قارارنامىسى
5› جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论