欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

艾某某涉嫌诈骗罪案起诉书

2021-09-22 独角龙 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا،ت،ئە،چ (2019) ****–نۇمۇرلۇق

ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

1.جاۋابكار **،ئەر،ئۇيغۇر، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نومۇرى: 653129******0318، يۇرتى: پەيزاۋات ناھىيەسى،نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى:قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيە x يېزىسى x كەنتى **-گۇرۇپ **-نۇمۇر،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ماسسا،ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدن ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار **نىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتگە چېتىشلىق دىلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان،مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى،جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى،ھەمدە دىلونى تۇلۇقلاپ تەھقىقلەش زۆرۈر دەپ قاراپ بىر قېتىم ج خ ئىدارىسىنىڭ تۇلۇقلاپ تەھقىقلشىگە قايتۇردى،ج خ ئىدارىسى دىلونى تۇلۇقلاپ قايتا يوللىغاندىن كېيىن بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.جاۋابكارغا 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى جاۋابكارغا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازا بېرىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنى ئاقىۋەت ئۇختۇرۇپ قويۇلدى .

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

جاۋابكار **** دىگەن ئۈندىدار نۇمۇرىدا چىقارغان قەرىز بىجىرىش ئېلانىنى 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 17:43 دە زىيانلانغۇچى **** (ئۈندىدار نۇمۇرى : ****) كۈرۈپ، ئۆزىنىڭ قەرز بىجىرىش ئۇيىنىڭ بارىقىنى دىگەندىن كىيىن، ** ئۆزىنىڭ 10 مىڭ يۈەندىن 200 مىڭ يۈەنگىچە قەرز بىجىرەلەيدىغانلىقىنى دىگەن. **** 100 مىڭ يۈەن قەرز بىجىرمەكچى بولغاندىن كىيىن،  جاۋابكار**** زىيانلانغۇچى **** نىڭ مۇناسىۋەتلىك سالاھىيەت ئۇچۇرلىرىنى ئەۋەتىپ بىرىشنى، بانكا كارتا نۇمۇرى، ئاتا-ئانىسى ۋە دوسلىرىنىڭ تىلىفۇن نۇمۇرلىرىنى ئەۋەتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان، ** بىجىرىپ بەرمەكچى بولغان قەرز ئۈچۈن 4 مىڭ يۈەن زاكالەت پۇلى ئالدىغانلىقىنى، ئالدىن 1 مىڭ يۈەن تاپشۇرۇشنى دىگەن، 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى **** ئۈندىدار ئارقىلىق 1 مىڭ يۈەن پۇلنى **نىڭ ئۈندىدارىغا ئەۋەتىپ بەرگەن، 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ** ئۈندىداردا راھىلە ئەمەرگە ئۇچۇر يېزىپ، 85 مىڭ يۈەن قەرز پۇلنىڭ تەستىقلانغالىقىنى دىگەن، **** بۇ پۇلنىڭ يەتمەيدىغانلىقىنى دىگەندىن كىيىن، ** يەنە 4 مىڭ يۈەن زاكالەت پۇلى سالسا 100 مىڭ يۈەندىن 150 مىڭ يۈەنگىچە پۇل چۈشىدىغىنىنى، ئاۋال 2 مىڭ يۈەن پۇل سېلىشنى دىگەن. 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى **** ئۈندىدار ئارقىلىق **كە 2 مىڭ يۈەن پۇلنى يۆتكەپ بەرگەن بولسىمۇ، ****نىڭ كارتىسىغا ھىچقانداق قەرز پۇل چۈشمىگەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلىپ، **** ئۆزىنىڭ دىلو مەلۇم قىلدىغانلىقىنى دىگەندىن كىيىن 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ** ئۈندىدار ئارقىلىق ****گە 1 مىڭ 500 يۈەن پۇلنى قايتۇرۇپ بەرگەن. قالغان 1 مىڭ 500 يۈەن پۇلنى دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيانلانغۇچىغا قايتۇرۇپ بەرگەن،زىيان ئەسلىگە كەلگەن.

جاۋابكار ** 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۆزىنىڭ **** دىگەن ئۈندىدارى ئارقىلىق زىيانلانغۇچى ****قا (ئۈندىدار نۇمۇرى : ****) 30 مىڭ يۈەن قەرز بىجىرىپ بىرىمەن دەپ 500 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان،زىيان تۇللۇق ئەسلىگە كەلگەن.

جاۋابكار ** 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆزىنىڭ **** دىگەن ئۈندىدارى ئارقىلىق زىيانلانغۇچى خانزۆھرەم توختىغا (ئۈندىداردىكى ئىسمى: ****) 30 مىڭ يۈەن قەرز بىجىرىپ بىرىمەن دەپ 300 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان.زىيان تۇللۇق ئەسلىگە كەلگەن.

جاۋابكار ** 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۆزىنىڭ **** دىگەن ئۈندىدارى ئارقىلىق زىيانلانغۇچى ****گە (ئۈندىدار نۇمۇرى  ****) 20 مىڭ يۈەن قەرز بىجىرىپ بىرىمەن دەپ 800 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان،زىيان تۇللۇق ئەسلىگە كەلگەن.

جاۋابكار ** 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆزىنىڭ **** دىگەن ئۈندىدارى ئارقىلىق زىيانلانغۇچى ****غا (ئۈندىدار نۇمۇرى: ****) 200 مىڭ يۈەن قەرز بىجىرىپ بىرىمەن دەپ 2000 يۈەن ئالداپ ئېلىۋالغان،زىيان تۇللۇق ئەسلىگە كەلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل ئىسپاتلاردىن:

1.يازما ئىسپات 2.زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى 3.جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 4.فوتۇ سۈرەت قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلۇنۇش تەرتىۋى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارتا پىكرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئېتراپ قىلىدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋاپكار **نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە ھەقىقى ئەھۋالنى يۇشۇرۇپ شەخىسلەرنىڭ كۆپرەك مىقداردىكى پۇل-مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266-ماددا 1-تۈر بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئوچۇق،دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق، ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش؛جاۋابكار قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان،جازا ئۆلچىگەندە«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق. قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسى

تەپتىش: مۇقەرەپ مۇختەر

2019-يىل 11-ئاينىڭ 19-كۈنى

قۇشۇمچە: 1. 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن ج خ ئىدارىسىنىڭ ئىككى توپلام رازۋىتكا دېلوسى بىرگە يوللاندى 2. جاۋاپكار كېپىلدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top