欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

艾某某盗窃案起诉书(自然人犯罪案件适用)(公开版)

2021-09-21 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم 

ئوبلاست لوپنۇر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

                         ل ت ج ئەيىپلەش(2019)264 - نومۇرلۇق   

   جاۋاپكار ئە**، ئەر،ئۇيغۇر،1969-يىلى **-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6528231969******،ساۋاتسىز،نوپۇستىكى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى:لوپنۇر ناھىيە ** يىزا ** كەنتى ** يولى **-نۇمۇر،كەسپى دىھقان، 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى ئوغۇرلۇق دىلوسىغا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن لوپنۇر ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىنچە توختۇتۇپ قويۇلغان،2019-يىلى7-ئاينىڭ26-كۈنى ،مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق قولغا ئېلىنغان،ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان ، ھازىر لوپنۇر ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق. 

  لوپنۇر ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى ،جاۋاپكار ئە**نىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتى دېلۇسىنى،2019-يىلى8-ئاينىڭ6-كۈنى ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ، ھازىر دېلونى تەكشۈرۈپ ئاياقلاشتۇردۇق . 

   قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە : 

   جاۋاپكار ئە** 2018-يىلى**-ئاي ئەتىراپىدا ئۆزىنىڭ 40 تىپلىق تىراكتۇرىنى ھەيدەپ ، لوپنۇر ناھىيە ** يېزا ** كەنىت يۇ**نىڭ تېرىلغۇ يېرىدىن بىر دانە 8 سۇڭلۇق سۇ پومپىسى،16 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر تال سۇ تارتىشقا ئىشلىتىلىدىغان شىلەنكە،سۇ تارتىشقا ئىشلىتىدىغان بىر تال 300 تىپلىق دېزىل ماتۇر قاتارلىقلارنى ئوغۇرلاپ كەتكەن،قىممىتى 3200 يۇەن ،(زاڭ مال قايتۇرۇپ كىلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى) .  

    جاۋاپكار ئە** 2019-يىلى**-ئايلار ئەتىراپىدا،ئۆزىنىڭ 40تىپلىق تىراكتۇرىنى ھەيدەپ،لوپنۇر ناھىيە ** يېزا** دەرياسىنىڭ جەنۇبى تەرىپىدىكى 108 كىلومېتىرلىق جايدىكى يا**دىن ئىتىزلىقىدىكى، زىيانلانغۇچى لى** توختىتىپ قويغان 904 تىپلىق تىراكتۇرنىڭ ماي باكىدىكى 20 كىلوگىرام دېزىل ،تىراكتۇرنىڭ ئاكمىلىياتۇرى،ئوت ئالدۇرۇغۇچ(مادا)،سۇ باكى قاتارلىق تىراكتۇر زاپچاسلىرىنى ئۆزىنىڭ تىراكتۇرىغا بېسىپ ئوغۇرلاپ كەتكەن، قىممىتى : 728يۇەن. (زاڭ مال قايتۇرۇپ كىلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى).    

    جاۋاپكار ئە** 2019-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى ،ئۆزىنىڭ ** ماركىلىق ئىككى چاقلىق موتۇسكىلىتىنى مېنىپ ، لوپنۇر ناھىيە ** يېزا ** كەنىت تو**نىڭ يايلىقىدىكى قوتاندىن بىر چوڭ – بىر كىچىك  ئىككى دانە ئۆچكىسىنى ئوغۇرلاپ كەتكەن.قىممىتى 1851 يۇەن قېلىپ بېكىتىپ بەردى. (زاڭ مال قايتۇرۇپ كىلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى).

جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايەت پاكىتنى : يازما ئىسپات ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى ، باھالاش يەكۈنى ،ئېنىقلاش –تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ . 

    مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋاپكار ئە**نىڭ يۇشۇرن ۋاستىلەر بىلەن باشقىلارنىڭ 5779يۈەن قىممىتىدىكى مۈلكىنى ئوغۇرلىغان قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق ، دەلىل- ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ ،ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك دەپ قاراپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلا ر دەۋا قانۇنى»نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلىدۇق .    قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .  

   ھۆرمەت بىلەن : لوپنۇر ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە .

 

تەپتىش : تۇرسۇن راخمان . 

2019- يىلى 8- ئاينىڭ 28- كۈنى .

ئىزاھات : جاۋاپكار  لوپنۇر قاماقخانىدا قاماقلىق . 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top