欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

艾某某等2人起诉书

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتۇنۇم 

ئوبلاست لوپنۇر ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبلەشنامىسى

                 ل ت ج ئەيىپلەش 1-بۆلۈم (2019) 67 - نومۇرلۇق   

   جاۋاپكار ئەxxx، ئەر، ئۇيغۇر ،xxx-يىلىxxx-ئاينىڭxx-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى :652823xxxxx ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى :xxx ناھىيەxxx بازىرى xxxكەنىت xxx يولى 53 -نومۇر،ئىشچى، 2019-يىلى8-ئاينىڭ19-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن xxx ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىنچە توختۇتۇپ قويۇلغان ، 2019-يىلى9-ئاينىڭ23-كۈنى ،مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق  قولغا ئېلىنغان ،ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان ،ھازىر لوپنۇر ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق. 

    جاۋاپكار گۈxxx، ئايال،ئۇيغۇر،xxx-يىلىxx-ئاينىڭxxx-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى:652823xxxxxx،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە،نۇپۇس تۇرۇشلۇق ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى:شىنجاڭxx- دېۋىزىيە xxx رايۇنى xxxبازىرى xxx-پولىكxx-لىيەن xx-بىناxx-نومۇر،دېھقان ،2019-يىلى8-ئاينىڭ 19-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈنxxx ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىنچە توختۇتۇپ قويۇلغان،2019-يىلى9-ئاينىڭ23-كۈنى،مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى ئارقىلىق قولغا ئېلىنغان ،ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان ، ھازىر لوپنۇر ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

  لوپنۇر ناھيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى ،جاۋاپكار ئەxxx بىلەن گۈxxxنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتى دېلۇسىنى،2019-يىلى10-ئاينىڭ23-كۈنى ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ، ھازىر دېلونى تەكشۈرۈپ ئاياقلاشتۇردۇق . 

   قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە : 

جاۋاپكار ئەxxxنىڭ xxx ناھىيەxx-ئولتۇراق رايۇنىدىكى ئۆيىدە ، زىيانلانغۇچى مەxxx بىلەن كۆپ قېتىم ھارق ئىچىش جەريانىدا ،يەنى 2018-يىلى11-ئايلاردا، جاۋاپكار ئەxxx بىلەن گۈxxx لەر ،زىيانلانغۇچى مەxxxنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئارقا ساندۇقىدا كۆپ مىقتاردا قاشتېشى زىبۇ -زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ بارلىقىنى بىلگەن ، ھەمدە زىيانلانغۇچى مەxxxنىڭ مەس بولۇپ قالغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ، ئۇنىڭ ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى تۇيدۇرماي ئېلىۋېلىش ئۇسۇلى بىلەن ،2018-يىلى 11-ئايدىن 12-ئايغىچە ، كۆپ قېتىم ، زىيانلانغۇچى مەxxxنىڭ xx-ئولتۇراق رايۇنى xxx –بىنانىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويۇلغان ،ماشىنىسىنىڭ ئارقا ساندۇقىدىن جەمئى 149 تال ،59مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى  قاشتېشى زىبۇ- زىننەت بويۇمىنى ئوغۇرلاپ ، ئايرىم-ئايرىم xx ناھىيە يول ئاسىراش ئىدارىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى قاشتېشى دۇكىنى،xxx ناھىيە كۆك ياقۇت KTV خانىسى،xx ناھىيە ئەندا سودا - سارىيى قاتارلىق جايلاردا 4100 يۇەنلىك ساتقان ، ھەمدە نۇxxx ، بۇxxx قادىر ،ھېxxx ، ھېxxx ،راxxx ، مەxxx قاتارلىق دوستلىرىغا سوغا قىلغان . (زاڭ مالدىن جەمئى 74 تال 30مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى قاشتېشى زىبۇ-زىننەت بۇيۇمى يىغىۋېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى). 

جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايەت پاكىتنى :ماددى ۋە يازما ئىسپات ، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ،جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى ، باھالاش يەكۈنى ،ئېنىقلاش –تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىقلار ئىسپاتلايدۇ . 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە : جاۋاپكار ئەxxx بىلەن گۈxxxلەر قانۇنسىز پايدا تېپىش مەقسىتىدە ،يۇشۇرۇن ۋاستە ئارقىلىق ، باشقىلارنىڭ 59مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ناھايىتى كۆپ مىقتاردىكى مۈلكىنى ئوغۇرلىغان،بۇ قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264- ماددا ،25- ماددىىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق ، دەلىل- ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ ،ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك دەپ قاراپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلا ر دەۋا قانۇنى»نىڭ 176- ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلىدۇق .    قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .  

   ھۆرمەت بىلەن : لوپنۇر ناھيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە .

 

تەپتىش : تۇرسۇن راخمان . 

2019- يىلى 11- ئاينىڭ5- كۈنى .

ئىزاھات : جاۋاپكارلار لوپنۇر قاماقخانىسىدا قاماقلىق   . 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top