欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

艾某某诈骗案起诉书

2021-09-20 尘埃 评论0

ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا، ت، ق، ي، ج، ئە (2020) 157-نۇمۇرلۇق

جاۋابكار ھە XX، ئەر، ئۇيغۇر، XX19-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمىرى: XX65292819، يۇرتى ئاۋات ناھىيە، نوپۇستىكى تۇرۇشلۇق ئورنى ئاۋات ناھىيە XX بازار XX كەنت 4-گۇرۇپ 52-نۇمۇر، دىھقان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، ماسسا، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان، ھازىر ئاۋات ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ھە XX نىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە دىلونى تولۇقلاپ تەھقىقلەش زۆرۈر دەپ قاراپ ئىككى قېتىم ج خ ئىدارىسىگە تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردى، ج خ ئىدارىسى دىلونى تولۇقلاپ تەھقىقلەپ مەھكىمىمىزگە قايتا يوللىغاندىن كېيىن، بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دېلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ، بۇ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2018-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى تى XX نىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئاق بوز ئات رىستۇرنىغا جاۋابكار ھە XX ، زىيانلانغۇچى تى  XX، زىيانلانغۇچى ھە XX قاتارلىق ھەر قايسى ناھىيە شەھەرلەردىن بېرىپ ئۈرۈمچىدە تۇرىۋاتقان 15 دەك ئادەم يىغىلىپ بىرگە تاماق يىيىشكەچ ئۆزلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى دىيىشىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان. بۇ جەرياندا ئۈرۈمچىدە ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ھە XX ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئۆي تاپالماي قىينىلىۋاتقانلىقىنى دىگەن. 2018-يىلى 4-ئاينىڭ باشلىرىدا جاۋابكار ھە XX باشقىلارنى ئالداپ پۇلىنى ئېلىۋىلىش مەقسىتىدە زىيانلانغۇچى ھە XX قا تىلفۇن قىلىپ: مىنىڭ ئۈرۈمچىدە 45 كۇۋادىرات مىتىرلىق ئۈيۈم بار، باھاسىدا كىلىشىپ قالساق سېتىپ بىرەي، بولسا يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ دىيىشەيلى دىگەن، زىيانلانغۇچى ھە XX ماقۇل بولۇپ تۇمارىس رىستۇرانىنىڭ ئالدىدا كۆرۈشىدىغان بولۇشۇپ خوشلاشقان. زىيانلانغۇچى ھە XX زىيانلانغۇچى تى XX غا تىلفۇن قىلىپ بىرگە تۇمارىسى رىستۇرانىنىڭ ئالدىغا بېرىپ جاۋابكار ھە XX بىلەن كۆرۈشكەن، ئاندىن يۇقارقىلار بىرگە شۇ ئەتىراپتىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يىگەچ ئۆينىڭ باھاسىنى 245 مىڭ يۈەنگە دىيىشىپ، ئالدىن 20 مىڭ يۈەن زاكالەت پۇلى بىرىدىغانغا دىيىشكەن، بۇ جەرياندا زىيانلانغۇچى تى XX جاۋابكار ھە XX غا ئۆزىنىڭ نوپۇسىنى كۇچادىن ئۈرۈمچىگە يۆتكىيەلمەيۋاتقانلىقىنى دىگەندە جاۋابكار ھە XX زىيانلانغۇچى تى XX نى ئالداپ: مەن ئىشىڭىزنى بىجىرىپ بىرەي، 7000 يۈەن پۇل بىرىڭ دىگەن، زىيانلانغۇچى تى XX قوشۇلۇپ يۇقارقىلار قايتىپ كىتىشكەن. 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى جاۋابكار ھە XX زىيانلانغۇچى ھە XX قا تىلفۇن قىلىپ 20 مىڭ يۈەن زاكالەت پۇلىنى بىرىشنى دىگەن، زىيانلانغۇچى ھە XX زىيانلانغۇچى تى XX غا تىلفۇن قىلىپ بىرگە ئۈرۈمچىدىكى 2- دوختۇرخانا ئەتىراپىغا بېرىپ جاۋابكار ھە XX بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، زىيانلانغۇچى ھە XX بىلەن زىيانلانغۇچى تى  XX شۇ ئەتىراپتىكى بانكىغا كىرىپ پۇل ئېلىپ چىققاندىن كېيىن زىيانلانغۇچى ھە XX 20 مىڭ يۈەن، زىيانلانغۇچى تى XX 7 مىڭ يۈەن پۇلنى جاۋابكار ھە XX غا بەرگەن. جاۋابكار پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن زىيانلانغۇچى ھە XX بىلەن زىيانلانغۇچى تى XX غا پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىق توغرىسىدا ھۆججەت يېزىپ بەرگەندىن كېيىن خوشلۇشۇپ قايتىپ كەتكەن ھەمدە زىيانلانغۇچىلاردىن ئالداپ ئالغان 27 مىڭ يۈەن پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. كېيىن زىيانلانغۇچى ھە XX كۆپ قېتىم ئۆينى كۆرسۈتۈشنى دىگەندىن كېيىن، جاۋابكار ھە XX يەنە ئالداپ پۇل ئېلىش ئۈچۈن 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى زىيانلانغۇچى ھە XX قا تىلفۇن قىلىپ رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن پۇل كاملاپ قالدى، يەنە 5000 يۈەن بىرىڭ دەپ 2- دوختۇرخانا ئەتىرپىدا كۆرۈشۈپ زىيانلانغۇچى ھە XX نىڭ 5000 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىپ ئاندىن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىق توغرىسىدا ھۆججەت يېزىپ بىرىپ، ئالداپ ئالغان 5000 يۈەن پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن ھەم شۇ ۋاقىتتا ئىشلەتكەن تىلفۇن نۇمىرىنى ئالماشتۇرىۋىتىپ ئاقسۇغا قايتىپ كەلگەن. زىيانلانغۇچى تى XX ۋە ھە XX كۆپ قېتىم جاۋابكار ھە XX غا تىلفۇن قىلىپ ئالالمىغاندىن كېيىن زىيانلانغۇچى ھە XX ئۈرۈمچىدىن جاۋابكار ھە XX نىڭ ئۆيىگە كىلىپ پۇلنى سۈيلىگەن، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى جاۋابكار ھە XX زىيانلانغۇچى ھە XX قا  قىزىل بولاق شەكىلدە 3000 يۈەن پۇلنى قايتۇرۇپ بەرگەن. (3 مىڭ يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلگەن، 29 مىڭ يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن) 

2018-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنلىرى ئەتىراپىدا جاۋابكار ھە XX تاكسى ماشىنىدا زىيالانغۇچى مە XX نى ئاقسۇ خانقاسىڭ بىكەتكە ئاپىرىپ قويۇش جەريانىدا پاراڭلىشىپ زىيانلانغۇچى مە XX نىڭ ئىشقا چىقىش گۇۋاھنامىسى ئالماقچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋىلىش مەقتىسىدە زىيانلانغۇچى مە XX غا: ئىشقا چىقىش كىنىشكىسىنى ئوقۇماي ئالغىلى بولىدۇ، مىنىڭ تونۇشلۇرۇم بار، شۇلار ئارقىلىق ئېلىپ بىرەلەيمەن دىگەن، شۇنىڭ بىلەن زىيانلانغۇچى مە XX جاۋابكار ھە XX نىڭ تىلفۇن نۇمىرىنى يېزىۋالغان. 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى زىيانلانغۇچى مە XX ئىشقا چىقىش گۇۋاھنامىسى بىجىرىش ئۈچۈن جاۋابكار ھە XX غا تىلفۇن قىلىپ ئاقسۇ شەھەردىكى ئالتۇن تۇپراق ماشىنا سېتىش ئورنى ئەتىراپىدا كۆرۈشۈپ شۇ ئەتىراپتىكى بىر ئاشخانىدا تاماق يىگەچ زىيانلانغۇچى مە XX جاۋابكار ھە XX غا ئىشقا چىقىش گۇۋاھنامىسى بىجىرىش ئۈچۈن ئالدىن 2000 يۈەن نەق پۇل بىرىپ قالغان 1000 يۈەننى بىجىرىپ بولغاندىن كېيىن بىرىدىغاننى دىيىشىپ 2000 يۈەن نەق پۇل بەرگەن. ئاندىن جاۋابكار ھە XX زىيانلانغۇچى مە XX غا 2000 يۈەننى ئالغانلىق توغرىسىدا ھۆججەت يېزىپ بىرىپ قايتىپ كەتكەن. 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنىلىرى ئەتىراپىدا زىيانلانغۇچى ئە XX زىيانلانغۇچى مە XX دىن تاكسى ماشىنىنىڭ ئىشقا چىقىش كىنىشكىسىنى ئوقۇماي ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۆزىگىمۇ ھەل قىلىپ بىرىشنى دىگەن. 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنىلىرى زىيانلانغۇچى مە XX جاۋابكار ھە XX غا تىلفۇن قىلىپ: يەنە بىر ئاغىنىسىنىڭمۇ بىجىرمەكچى ئىكەنلىكىنى دىگەندە جاۋابكار بىجىرىپ بىرىشكە قوشۇلغان، ئەتىسى زىيانلانغۇچى مە XX زىيانلانغۇچى ئە XX نى باشلاپ ئاقسۇغا بېرىپ ئاقسۇ شەھەر مەركىزى بىكەتنىڭ ئالدىدا جاۋابكار ھە XX بىلەن كۆرۈشۈپ، زىيانلانغۇچى ئە XX جاۋابكار ھە XX غا ئىشقا چىقىش گۇۋاھنامىسى بىجىرىپ بىرىش ئۈچۈن 2000 يۈەن بەرگەن. جاۋابكار ھە XX زىيانلانغۇچى ئە XX غا پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىق توغرىسىدا ھۆججەت يېزىپ بەرگەن. 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىلىرى زىيانلانغۇچى دۆ XX زىيانلانغۇچى ئە XX دىن تاكسى ماشىنىنىڭ ئىشقا چىقىش كىنىشكىسىنى ئوقۇماي ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ زىيانلانغۇچى ئە XX دىن جاۋابكار ھە XX نىڭ تىلفۇن نۇمىرىنى يېزىۋالغان. ئەتىسى زىيانلانغۇچى دۆ XX جاۋابكار ھە  XX غا تىلفۇن قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىشقا چىقىش گۇۋاھنامىسى بىجىرمەكچى ئىكەنلىكىنى دىگەن، جاۋابكار ھە XX ئىشقا چىقىش گۇۋاھنامىسىنى بىجىرىپ بىرەلەيدىغانلىقىنى دەپ شۇ كۈنى ئۈچتۇرپان ناھىيىسىگە بېرىپ زىيانلانغۇچى دۆ XX بىلەن كۆرۈشۈپ تاكسى ماشىنىنىڭ ئىشقا چىقىش كىنىشكىسىنى بىرىجىرىپ بىرىمەن دەپ زىيانلانغۇچى دۆ XX نىڭ 3000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋىلىپ پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىق توغرىسىدا ھۆججەت يېزىپ بىرىپ قايتىپ كەتكەن. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن جاۋابكار ھە XX يەنە ئالداپ پۇل ئېلىش مەقسىتىدە زىيانلانغۇچى مە XX ، ئە  XX، دۆ XX قاتارلىقلارغا تىلفۇن قىلىپ: ئىشقا چىقىش گۇۋاھنامىسىنى بىجىردىغانغا بەرگەن پۇل يەتمەيدىكەن، 3500 يۈەنگە توغۇرلاپ بىرىڭلار، كىنىشكىنى تىز سۈرئەتتە ھەل قىلىپ بىرەي دەپ زىيانلانغۇچى مە XX ، ئە XX قاتارلىقلار بىلەن ئاقسۇ شەھەر مەركىزى بىكەتتە كۆرۈشۈپ يەنە 1500 يۈەندىن 3000 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغان، ئەتىسى زىيانلانغۇچى دۆ XX بىلەن ئۈچتۇرپان ناھىيىسىدە كۆرۈشۈپ 350 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. 2019-يىلغىچە 2-ئاينىڭ ئوتتۇرلىدىن كېيىن جاۋابكار ھە XX تۈرلۈك باھانە سەۋەپلەرنى كۆرسۈتۈپ زىيانلانغۇچى مە XX ، ئە XX ، دۆ XX قاتارلىقلارغا ئىشقا چىقىش گۇۋاھنامىسى بىجىرىپ بەرمىگەن ھەم ئالداپ ئېلىۋالغان 10350 يۈەن پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. (زىيانلانغۇچىلارنىڭ زىيىنى ئەسلىگە كەلمىگەن)

2019-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنلىرى ئەتىراپىدا جاۋابكار ھە XX زىيانلانغۇچى ئە XX نىڭ تاكسىسىدا كىرا قىلىپ شىنمىن ئولتۇراق رايونىدىكى ئۆيگە قايتىش جەريانىدا زىيانلانغۇچى ئە XX نىڭ تاكسى ماشىنا ھەيدەش ئىجازەت كىنىشكىسى بىجىرمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ زىيانلانغۇچى ئە XX نىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋىلىش مەقسىتىدە زىيانلانغۇچى ئە XX غا: كىنىشكىنى ئوقۇماي ئالساڭلار بولمامدۇ، مەنمۇ ئىنىمغا شۇنداق بىجىرىپ بەرگەن دىگەن، زىيانلانغۇچى ئە XX جاۋابكار ھە XX نىڭ تىلفۇن نۇمىرىنى يېزىلۋالغان. شۇ كۈنى زىيانلانغۇچى ئە XX تىلفۇندا ھە XX بىلەن ئالاقىلىشىپ ئاقسۇ شەھەر شىنمىن ئولتۇرا رايونىنىڭ ئالدىدا كۆرۈشكەندىن كېيىن ئالدىن 1000 يۈەن زاكالەت پۇلى بىرىپ ئىجازەت كىنىشكىسى بىجىرىپ بىرىشنى دىگەن، جاۋابكار ھە XX زىيانلانغۇچى ئە XX غا پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىق توغرىسىدا ھۆججەت يېزىپ بەرگەن. ئارلىقتا بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن جاۋابكار ھە XX زىيانلانغۇچى ئە XX غا تىلفۇن قىلىپ: بەرگەن پۇلىنىڭ يەتمەيدىغانلىقىنى، يەنە 800 يۈەن قوشۇپ بىرىشنى دىگەن، زىيانلانغۇچى ئە XX شىنمىن ئولتۇراق رايونىنىڭ ئالدىدا جاۋابكار ھە XX بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا يەنە 800 پۇل، رەسىم، كىملىكنىڭ كۆيەپتىلگەن نۇسخىسىنى بەرگەن. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن جاۋابكار ھە XX زىيانلانغۇچى ئە XX غا تىلفۇن قىلىپ يەنە 700 يۈەن بىرىشنى دىگەن، زىيانلانغۇچى ئە XX شىنمىن ئولتۇراق رايونىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۈندىدار ئارقىلىق جاۋابكار ھە XX غا 700 يۈەن پۇل ئېتىپ بەرگەن. ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن جاۋابكار ھە XX زىيانلانغۇچى ئە XX غا تىلفۇن قىلىپ باشقا بىر تىلفۇن نۇمىرىنى دەپ بىرىپ مۇشۇ نۇمۇرنىڭ ئۈندىدارىغا 200 يۈەن ئېتىپ بىرىڭ دىگەن، زىيانلانغۇچى ماقۇل بولۇپ، جاۋابكار ھە XX دەپ بەرگەن ئۈندىدارغا 200 يۈەن قىزىل بولاق ئېتىپ بەرگەن. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن جاۋابكار ھە XX زىيانلانغۇچى ئە XX غا تىلفۇن قىلىپ تاكسى ماشىنىسىنى ئىشلىتىپ تۇرۇشنى بۇنىڭ ئۈچۈن 300 يۈەن ھەق بىرىدىغانلىقىنى دەپ زىيانلانغۇچى ئە XX نىڭ ماشىنىسىنى سوراپ ئىشلىتىپ 300 يۈەننى ئىشقا چىقىش ئىجازەتنامىسى بىجىرىش ھەققىگە ھىسابلاپ پۇل بەرمىگەن. ئارلىقتا زىيانلانغۇچى ئە XX كۆپ قېتىم جاۋابكار ھە XX دىن ئىشقا چىقىش ئىجازەتنامىسىنى سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ، جاۋابكار بانا سەۋەب كۆرسۈتۈپ ئىشقا چىقىش ئىجازەتنامىسىنى بىجىرىپ بەرمىگەن ۋە پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمەي 3000 يۈەن قەرىز ئالغانلىق توغرىسىدا ھۆججەت يېزىپ بىرىپ ئالداپ ئېلىۋالغان پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. (زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن)

2019-يىلى 2-ئاينىڭ باشلىرى زىيانلانغۇچى ئا XX زىيانلانغۇچى ئە XX دىن جاۋابكار ھە XX نىڭ ئىشقا چىقىش ئىجازەتنامىسى بىجىرىپ بىرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىشقا چىقىش ئىجازەتنامىسى بىجىرىش ئۈچۈن زىيانلانغۇچى ئە XX بىلەن بىرگە شىنمىن ئولتۇراق رايونى ئالدىغا بېرىپ جاۋابكار ھە XX بىلەن كۆرۈشكەن، زىيانلانغۇچى ئە XX جاۋابكار ھە XX غا: بۇ ئاكىمىزمۇ بىجىرمەكچى بولغان، مىنىڭ كىنىشكەم بىلەن بىللە قوشۇپ چىقىرىپ بىرىڭ دىگەن، جاۋابكار ھە XX زىيانلانغۇچى ئا XX نىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىش مەقسىتىدە بىجىرىپ بىرەلەيدىغانلىقىنى دىگەندىن كېيىن زىيانلانغۇچى ئا XX جاۋابكار ھە XX غا ئالدىن زاكالەت پۇلى ئۈچۈن 1000 يۈەن پۇلنى ئۈندىدار ئارقىلىق ئېتىپ بىرىپ، رەسىم، كىملىك ۋە شوپۇرلۇق پىراۋىسىنىڭ كۆپەيتمىسىنى بەرگەن، جاۋابكار ھە XX 1000 يۈەننى تاپشۇرۇپ ئالغانلىق توغرىسىدا ھۆججەت يېزىپ بەرگەن. ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن جاۋابكار ھە XX زىيانلانغۇچى ئە XX غا تىلفۇن قىلىپ ئا XX بەرگەن پۇلنى يەتمەيدىغانلىقىنى يەنە 2000 يۈەن بىرىشنى دىگەندىن كېيىن زىيانلانغۇچى ئا XX بىلەن ئە XX ئاقسۇ شەھەر تاكسىم ئارامگاھىنىڭ ئالدىدا جاۋابكار ھە XX بىلەن كۆرۈشۈپ 500 پۇل بىرىپ قالغىنىنى كىنىشكە چىققاندا بىرىدىغان بولۇپ قايتىپ كەتكەن. كېيىن زىيانلانغۇچى ئا XX جاۋابكار ھە XX غا تىلفۇن قىلىپ ئالاقىلىشالمىغان، جاۋابكار ھە XX زىيانلانغۇچى ئا XX غا ئىشقا چىقىش ئىجازەتنامىسىنى بىجىرىپ بەرمىگەن ۋە ئالداپ ئېلىۋالغان 1500 يۈەن پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمەي خەجلەپ تۈگەتكەن. (زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن)

2019-يىلى 2-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى زىيانلانغۇچى مۇ XX زىيانلانغۇچى ئە XX دىن جاۋابكار ھە XX نىڭ ئىشقا چىقىش ئىجازەتنامىسى بىجىرىپ بىرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ زىيانلانغۇچى ئە XX گە ئۆزىگىمۇ بىجىرىپ بىرىشنى دىگەن، زىيانلانغۇچى ئە XX جاۋابكار ھە XX غا تىلفۇن قىلىپ ئاقسۇ شەھەر جەنۇبى كىچىك كوچىسىدىكى يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ جاۋابكار ھە XX بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆزىنىڭ بىر تونىشىنىڭمۇ بىجىرمەكچى ئىكەنلىكىنى دەپ زىيانلانغۇچى مۇ XX غا تىلفۇن قىلىپ چاقىرتىپ كەلگەن. زىيانلانغۇچى مۇ XX جاۋابكار ھە XX غا: تاكسى ماشىنا ھەيدەش ئىجازەت كىنىشكىسىنى بىجىرىپ بىرەلەمسىز دەپ سورىغاندا جاۋابكار ھە XX زىيانلانغۇچى مۇ XX نىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىش مەقسىتىدە ئۇنىڭغا: بىجىرىپ بىرەلەيمەن، 4000 يۈەن پۇل بىلەن رەسىم، پىراۋىڭىزنىڭ كۆپەيتمىسى لازىم دىگەن. زىيانلانغۇچى مۇ XX شۇ ئەتىراپتىكى بانكىدىن 4000 يۈەن پۇل ئېلىپ، شىمالى تارىم يولى لۈي جىڭ ئولتۇراق رايونىنىڭ ئالدىدا رەسىم، پىراۋىسىنى كۆپەيتمىسى ۋە 4000 يۈەن پۇلنى جاۋابكار ھە XX غا بەرگەن. جاۋابكار ھە XX زىيانلانغۇچىغا 4000 يۈەن تاپشۇرۇپ ئالغانلىق توغىرىسىدا ھۆججەت يېزىپ بىرىپ بىر ئاي ئىچىدە بىجىرىپ بىرىدىغانلىقىنى دىگەندىن كېيىن زىيانلانغۇچى مۇ XX قايتىپ كەتكەن. بىر ئايدىن كېيىن زىيانلانغۇچى مۇ XX جاۋابكار ھە XX غا تىلفۇن قىلىپ ئىشقا چىقىش ئىجازەتنامىسىنى سۈيلىگەن بولسىمۇ، جاۋابكار ھە XX زىيانلانغۇچى مۇ XX غا ئىشقا چىقىش ئىجازەتنامىسىنى بىجىرىپ بەرمىگەن ۋە ئالداپ ئېلىۋالغان 4000 يۈەن پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمەي خەجلەپ تۈگەتكەن. (زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن)

2019-يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرلىرى زىيانلانغۇچى ئە XX زىيانلانغۇچى مۇ XX دىن جاۋابكار ھە XX نىڭ ئىشقا چىقىش ئىجازەتنامىسى بىجىرىپ بىرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ جاۋابكار ھە XX بىلەن تىلفۇندا ئالاقىلىشىپ شىنمىن ئولتۇراق رايونىنىڭ ئالدىدا جاۋابكار ھە XX بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا: ماڭىمۇ تاكسى ماشىنىنىڭ ئىشقا چىقىش ئىجازەت كىنىشكىسىنى بىجىرىپ بەرسىڭىز دىگەن، جاۋابكار ھە XX زىيانلانغۇچى ئە XX نىڭ پۇلنى ئالداپ ئېلىۋىلىشى مەقسىتىدە زىيانلانغۇچى ئە XX گە: 3000 يۈەن پۇل بىلەن رەسىم، شوپۇرلۇق پىراۋىسىنىڭ كۆپەيتمىسىنى بىرىڭ دىگەن، زىيانلانغۇچى ئە XX: مەندە كۆپ پۇل يوق، 2400 يۈەن بىرەي دەپ جاۋابكار ھە XX غا 2400 يۈەن پۇل، رەسىم ۋە شوپۇرلۇق پىراۋىسىنىڭ كۆپەيتمىسىنى بەرگەن، جاۋابكار ھە XX 2400 يۈەن پۇلنى تاپشۇرۋالغانلىق توغرىسىدا ھۆججەت يېزىپ بەرگەندىن كېيىن زىيانلانغۇچى ئە XX قايتىپ كەتكەن. كېيىن زىيانلانغۇچى ئە XX جاۋابكار ھە XX دىن ئىشقا چىقىش ئىجازەتنامىسىنى كۆپ قېتىم سۈيلىگەن بولسىمۇ، جاۋابكار ھە XX زىيانلانغۇچى ئە XX گە ئىشقا چىقىش ئىجازەتنامىسىنى بىجىرىپ بەرمىگەن ۋە ئالداپ ئېلىۋالغان 2400 يۈەن پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمەي خەجلەپ تۈگەتكەن. (زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن)

يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:

1›يازما ئىسپات 2› زىيانلانغۇچىلارنىڭ بايانى 3›جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 4› ئۈن- سىن ماتىريالى قاتارلىقلار بار.

مەھكىمىمىز، جاۋابكار ھە XX نىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك، جاۋابكار ھە XX قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددا 3-تارماق بەلگىلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كىرەك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

تەپتىش: مۇقەرەپ مۇختەر

        دىلشات مۇتەللىپ

2020-يىل 4-ئاينىڭ 14-كۈنى

قۇشۇمچە: 1› 8 پارچە ئەيىبنامە بىلەن ئىككى توپلام رازۋىتكا دېلوسى بىرگە يوللاندى. 2›جاۋاپكار ھە XX ئاۋات ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق. 3›جىنايىتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بولۇش تىلخېتى 4› ئۈن- سىن سوراق خاتىرسى (1 دىسكا)

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top