شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئا ت جىنايى ئىشلار ئەيىپلەش [2019] 23-نومۇر
جاۋاپكار ئە****، ئەر، ئۇيغۇر، **-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك گۇۋاھنامە نومۇرى: 0018*******653022، ئوتتۇرا تىخنىكوم مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، كەسپى: دىھقان، نوپۇسى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنى : شىنجاڭ ** ناھىيە ** يولى *-كەنىت *-گورۇپپا *-نومۇر، *-يىلى *-ئاينىڭ *-كۇنى خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن بەش ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى بىرلىپ ئون ئاي كىچىكتۇرۇپ ئىجرا قىلىش جازاسى بىرىلگەن.
جاۋاپكار ئە**** خەۋپىلىك ھەيدەش جىنايى قىلمىشى بىلەن 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاقتو ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە .
ئاقتو ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى 2019 -يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى جاۋاپكار ئە****نىڭ خەۋىپىلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەھكىممىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيپلىشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز كىيىن قىلغاندىن قوبۇل دىلونى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن» نىڭ ئالاقىدار بەلگىلمىسىگە ئاساسەن جاۋاپكارغا دەۋادىكى ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق، «جىنايتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى»نىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۇشەندۇردۇق، قانۇن بويىچە جاۋاپكارنى سوراق قىلدۇق .بارلىق دىلو ماتىرىيالى، دىلونىڭ دەلىل-ئىسپاتى ۋە پاكىتىنى كۆرۇپ چىقىپ، دىجۇرنى ئادۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. جاۋاپكار بىلەن «جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش » تېلخىتى ئىمزالاپ، جاۋاپكارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مەزكۇر دىلوغا تېز ھۆكۇم چىقىرىش تەرتىۋىنى قوللاندۇق .
تەكشۈرۈپ ئېنقلشمزچە :
جاۋاپكار ئە**** 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 22:00 لەردە مەسىت قىلعۇچى ئىچىملىك ئىچىپ پىراۋىسىز**** نومۇرلۇق قىزىل رەڭلىك ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتىنى ئاقتو ناھىيە ئوقۇغۇچىلار ياتاق مەركىزى تەرەپتىن ئاقتو ناھىيە يىڭ بىڭ ئولتۇراق رايۇنى تەرەپكە قاراپ ھەيدەپ، ئاقتو ناھىيە 2-تەكشۇرۇش پونكىتى ئالدىغا كەلگچە خەۋىپلىك ھەيدەپ كەلگەندىن كىيىن شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان چارلاش ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى تەرپىدىن بايقىلىپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن دىگەن گۇمان بىلەن ئاقتو ناھىيە ج خ ئىدارىسى 110 قۇماندانلىق مەركىزىگە دىلو مەلۇم قىلغان، ئاقتو ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى دىلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ، نەق مەيدانغا بىرىپ تەكشۇرۇش ئارقىلىق ئە****نى مەست قىلغۇچى ئىچىملىك ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن دىگەن گۇمان بىلەن جاۋاپكارنى ئاقتو ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان.
ئە****نىڭ قىنى شىنجاڭ جوڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش ئورنىدا تەكشۇرۇلۇپ، شىنجاڭ جوڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ {2019} 8596-نومۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت تەركىۋىنى باھالاش دوكلاتىدا ئە****نىڭ 100 مىللىلىتىر قىنى تەركىۋىدە 291 مىللىگىرام (291mg/100ml) ئىسپىرت تەركىۋى بار دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.
يۇقارىقى پاكتنى بېكتشدىكى دەلىل-ئسپاتلار تۆۋەندىكىچە :
.1 يازما ئسپات
2.جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى.
3.باھالاش پىكىرى.
4.نەق مەيدان سۈرئىتى قاتارلىقلار.
مەھكىمىمىز: جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريتى جنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133- ماددا 1- تارماق بەلگىلىمسىگە ئاساسەن خەۋىپىلىك ھەيدەش جنايتى بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تېگشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا -2تارمىقىدىكى بەلگىلمىسى بويچە مەھكىمىڭىزلارغا ئالاھىدە ئەيپلىدۇق، مەھكىمىڭىزلارنىڭ بۇ دىلونى « تىز ھۆكۈم چىقىرىش تەرتىۋى » بويىچە قاراپ چىقىپ، جاۋاپكارنىڭ يۇقارىقى جىنايى قىلمشىغا بەش ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قوشۇمچە 10000 يۈەن شىتراف قويۇشقا تەكىلپ بېرىمىز.جاۋاپكارغا قانۇن بويىچە جازا بېرشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن :
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى ئاقتۇ ناھيلىك خەلق
سوت مەھكىمسگە :
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى ئاقتو ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
تەپتىش : مەمەتتۇرغان كەرىم
مۇۋاققەت تەپتىش : ئايتمەمەت بەكتاش
2019 -يىلى 12- ئاينىڭ 14-كۈنى
ئىزاھات:
1- جاۋاپكار ھازىر ئائلسىدە كېپلدە.
2- جاۋاپكار ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلمىدى .
3- ئەيىپلەشنامىدىن 8 نۇسقا ج خ دىلوسى بىلەن بىرگە يوللاندى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论