欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

艾某诈骗一案起诉书(公开版)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى 

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                                           شايار ت ج ئە  (2020)  489 -نومۇرلۇق  

جاۋابكار ئېxx، ئەر، 19xx-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:65282519xxxxxxxxxx، ئۇيغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، شىنجاڭ چەرچەن ناھىيە xx يېزا xx كەنت x-گوروپ 69-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن ئالدامچىلىق جىنايىتى بۇيىچە قولغا ئېلىنغان.

شايار ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ئېxxنىڭ ئالدامچىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 8–ئاينىڭ 26-كۈنى ش ج خ چىقىش (2020) 66-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئوقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دېجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا ئاددى تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قۇشۇلدى. 

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : 

 جاۋابكار ئېxx 2019-يىلى 10-ئايىدىن 2020-يىلى 5-ئايغىچە، ئالدامچىلىق قىلىش مەقسىتىدە ئۆزىنىڭ 和田玉 ئىسىملىك a1550996xxxx نۇمۇرلۇق ئۈندىدارىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە قاش تېشىنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ قاش تېشى سېتىش توغرسىدا ئېلان چىقارغاندىن كىيىن، زىيانلانغۇچى مxx، چىيۇ xx، ئەxx، ئاxx، لى xx قاتارلىق بەش نەپەر زىيانلانغۇچى جاۋابكار ئېxxدىن قاش تېشى سېتىۋېلىش ئۈچۈن، ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ زىيانلانغۇچى مxx ئۆزىنىڭ A麦麦提力 ئىسىملىك، dekxxx نومۇرلۇق ئۈندىدارى ئارقىلىق جاۋابكار ئېxxغا ئىككى قېتىمدا 3500 يۈەن؛ چىيۇ xx ئۆزىنىڭ 和田玉 ئىسملىك، wxid-m78xxxxxxxx نۇمۇرلۇق ئۈندىدارى ئارقىلىق جاۋابكار ئېxxنىڭ ئۈندىدارىغا 4000 يۈەن؛ زىيانلانغۇچى ئەxx ئۆزىنىڭ 阿斯和田玉 ئىسملىك، bilkiz1470992xxxx نۇمۇرلۇق ئۈندىدارى ۋە بانكا كارتىسى ئارقىلىق جاۋابكار ئېxxنىڭ ئۈندىدارى ۋە xxxx621700456000537 نومۇرلۇق بانكا كارتىسىغا 2400 يۈەن؛ زىيانلانغۇچى ئاxx ئۆزىنىڭ 奋斗 ئىسملىك، a11879926xxxx نۇمۇرلۇق ئۈندىدارى ئارقىلىق جاۋابكار ئېxxنىڭ ئۈندىدارىغا 1600 يۈەن؛ زىيانلانغۇچى لى xx ئۆزىنىڭ 红尘玉客 ئىسملىك، LWCYY07xxxx-99 نۇمۇرلۇق ئۈندىدارى ئارقىلىق جاۋابكار ئېxxنىڭ ئۈندىدارىغا 2200 يۈەن بۇلۇپ، يۇقارقى 5 نەپەر زىيانلانغۇچىلار جەمئى 13700 يۈەن پۇلنى جاۋابكار ئېxx 和田玉 ئىسىملىك a1550996xxxx نۇمۇرلۇق ئۈندىدارى ۋە xxxx621700456000537 نومۇرلۇق بانكا كارتسىغا يۆتكەپ بەرگەندىن كىيىن، جاۋابكار ئېxx زىيانلانغۇچىلارغا ئۈندىداردا دىيشكەن بويىچە قاش تېشى سېلىپ بەرمىگەن ھەم يۇقارقى زىيانلانغۇچىلارنىڭ پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمەي، ئۇلارنى ئۈندىدارنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۋەتكەن ياكى گەپ قايتۇرماي يوقاپ كەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن يۇقارقى 5 نەپەر زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنى تولۇق ئەسلىگە كەلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى ماددى ئىسپات، يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋابكار ئېxxنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، ئۆزىنىڭ باشقىلارغا قاشتېشى سېتىپ بېرىش ئىقتىدارىنىڭ يوقلىقىدەك ھەقىقى ئەھۋالنى يۇشۇرۇپ باشقىلارنىڭ كۆپرەك مىقدارىدىكى مال-مۈلىكىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھۇقۇقىنىڭ دەخلى تەرۇزغا ئۇچىرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددا، 67-ماددا 3-تارمىقدىكى بەلگىلىمە بويىچە جاۋابكار ئېxxنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار ئېxx جىنايىتنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان، زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن بۇلۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمسىگە ئۇيغۇن. شۇڭا جاۋابكار ئېxxغا 7 ئاي مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 5000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش توغىرسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىپى بېرىمىز. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلىدۇق، قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن : 

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى

قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، دەلىل-ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، جاۋابكارنىڭ پۇشايماننامىسى، تەھقىقلەش دېلو ئارخىپى (بىر توپلام 178بەت ) بىرگە يوللاندى.  2)  جاۋابكار شايار ناھىيەلىك قاماقخانىدا.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top