欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

苏某某起诉书(自然人犯罪案件适用)(公开版)

2021-09-22 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى xx ئاپتونۇم ئوبلاستى

xx ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپلەشنامىسى

xx ت ج ئەيىپلەش1-بۆلۈم (2020)96- نومۇرلۇق 

جاۋاپكارسۇ xx ، ئەر،ئۇيغۇر، xx -يىلى xx -ئاينىڭ xx -كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى :  xx 652823، سەۋيىسى: ساۋاتسىز، كەسپىي:چارۋىچى، ئەسلىي يۇرتى، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادرىسى، ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: شىنجاڭ xx ناھىيسى  xx يىزا xx كەنتى جەنۇبى يولى xx -نومۇرلۇق ئويدە ئولتۇرۇشلۇق،2019-يىلى6-ئاينىڭ8-كۈنى xx ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۇچۇن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە  كېپىلگە بېرىلگەن. 2020-يىلى8-ئاينىڭ31-كۇنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن.ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان،ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 

xx ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى جاۋاپكار سۇ xx نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 8- ئاينىڭ 31- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى ، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ھەم ، دېجورنى ئادوۋكاتنىڭ پىكرى ئېلىنىپ پۈتۈن دېلو تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇلدى . جاۋابكار سۇ xx مەزكۇر دېلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى .

قانۇن بويىچە ئېنىقلىشىچە: 

2019-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 13لەر ئەتىراپىدا، جاۋاپكار سۇ xx xx ناھىيە xx يېزا ئوتلاقتا ئۆزى يالغۇز ھاراق ئىچىپ پىراۋىسىز، نومۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق ئادەتتىكى موتوسىكىلىتنى ھەيدەپ، xx ناھىيە xx يېزا يولىنى بويلاپ شەرىقتىن غەرىبكە  قاراپ ماڭغان،سائەت22دىن 40مىنۇت ئۆتكەندە xx ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى xx ئاممىغا قولايلىق ساقچى پونكىتى ساقچىلىرى ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان بۆلىكىگە كەلگەندە نەق مەيداندا تەكشۈرلۈپ تۇتۇلغان . شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) 3959 – نومۇرلۇق زەھەرلىك ماسسى بويۇملارنى لابراتورىيىلىك باھالاش پىكرىدە، سۇ xx نىڭ  ھەر 100 مىللىلېتىر قان تەركىبىدە 201 مىللىگىرام ئىسپىرت تەركىۋى بار دەپ يەكۈن چىقارغان .

يوقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش يەكۈنى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار بار. 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە :جاۋاپكار سۇ xx نىڭ قاتناش – تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن – نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە، پىراۋىسىز، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق ، دەلىل ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ،خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك . « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15 – ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ . جاۋابكار سۇ xx غا4ئايدىن يۇقىرى 5ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ، قوشۇمچە10000يۈەن شىتىراپ قويۇش جازاسى بېرىپ ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز ، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .

         ھۆرمەت بىلەن :

xx ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە  

تەپتىش : xx

2020- يىلى 9- ئاينىڭ 9- كۈنى

ئىزاھات :

 (1) دېلو ئارخىبى بىر توپلام.

(2) « خاتالىقنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى » نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى .

(3) دەلىل – ئىسپات تىزىسى بىرگە يوللاندى .  

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top