欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

莫某某交通肇事一案起诉书(公开版)

2021-09-24 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                   شايار ت ج ئە  (2020) 266-نۇمۇرلۇق    

جاۋابكار مxx، ئەر، ئۇيغۇر،xx 19-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxxxx65292219، دېھقان، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئونسۇ ناھىيە xx يېزا xx كەنت x-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار مxxنىڭ جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 11–ئاينىڭ 12-كۈنى ش ج خ چىقىش (2019) 177-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئوقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دېجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار مxx 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 16:30 لەر ئەتراپىدا، شايار ناھىيە xx يېزا xx كەنت x-گورۇپ تەۋەسىدە جاۋ xx ئىگدارلىقىدىكى 新xx 工xxxxx نۇمۇرلۇق چوڭ تىپتىكى توپا قاچىلاش ماشىنىسىنى پىراۋىسىز ھەيدەپ، xx كەنت x-گۇرۇپپا ئەزاسى بxxنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدىكى قارماي يول بۆلىكىگە كەلگەندە، توپا قاچىلاش ماشىنسىنى يولنىڭ سول تەرىپى بىلەن شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ ھەيدەپ كېتىۋېتىپ، يول قىردا تۇرغان نxxنى بېسىۋەتكەندىن كىيىن، ساقچىلار تەرپىدىن نەق مەيداندا قولغا چۈشكەن. بۇ قېتىمقى ھادىسىدە نxx زەخمىلىنىپ نەق مەيداندا ئۆلگەن. جاۋابكار مxx ھادىسىدە پۈتۈن مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالغان.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى ۋە ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى، ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار مxxنىڭ موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ « يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» غا خىلاپ يول يۈرۈپ، ھادىسە سادىر قىلىپ، بىر ئادەمنىڭ ئۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇن ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددا، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جاۋابكار مxxنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار مxx پىراۋىسىز موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ ھادىسە سادىر قىلغان، جىنايىتنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمسىگە ئۇيغۇن. جاۋابكار مxxغا بىر يىل 4 ئايدىن يۇقىرى ئىككى يىلدىن تۆۋەن دائىردە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش توغىرسىدا تەكلىپ بېرىمىز. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز .

ھۆرمەت بىلەن:

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: مxx

   گxx

 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى

قۇشۇمچە: 1)  8 نۇسخا ئەيىبنامە ، دەلىل-ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى ، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىىى، جاۋابكارنىڭ پۇشايماننامىسى، تەھقىقلەش دېلو ئارخىپى (بىر توپلام، جەمئىى 120بەت) بىرگە يوللاندى.

 2)  جاۋابكار ھازىر ئائىلسىدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top