欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

萨某某盗窃一案起诉书(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى 

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                                           شايار ت ج ئە  (2020) 213-نومۇرلۇق  

جاۋابكار سxx، ئەر، ئويغۇر، xx19-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: xxxxxxxxxx65292419، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسگە ئېگە، دېھقان، شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنىت 1-گورۇپپدا ئولتۇرۇشلۇق. 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرپىدىن ئوغرىلىق جىنايتى بىلەن مۇددەتلىك بىر يىل ئىككى ئايلىق قاماق جازاسى بېرىپ، جازاسىنى ئىككى يىل كىچىكتۈرۈپ سىناپ كۆرۈشكە ھۆكۈم قىلىنغان، 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغرىلىق جىنايتى بىلەن مۇددەتلىك بىر يىل سەككىز ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بېرىلگەن. بۇ قېتىم ئوغرىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان.

شايار ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار سxxنىڭ ئوغرىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12–ئاينىڭ 26-كۈنى ش ج خ چىقىش (2019) 356-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇردۇق. 

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : 

جاۋابكار سxx 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئوغرىلىق قىلىش مەقسىتىدە شايار ناھىيە xx بازىرى xx كەنت تەۋەسىدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى نxxنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۆيدە ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆي ئىچدىكى 840 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە چاڭخۇڭ ماركىلىق، قارا رەڭلىك تېلۋىزورنى ئوغرىلاپ چىقىپ، باشقىلارغا سېتىۋەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچى نxxنىڭ زىيىنى ئەينەن ئەسلىگە كەلگەن.

جاۋابكار سxx 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە، ئەxx، رxx قاتارلىقلار بىلەن شايار ناھىيە بازىرى تەۋەسىدە بىرگە ھاراق ئىچىپ ئولتۇرۇپ، ئەتىسى يەنى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 00:00 لەر ئەتىراپىدا ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن سورۇندىن چىقىپ، يۇقارقىلار بىلەن بىرگە تاكسىغا ئولتۇرۇپ شايار ناھىيە يېڭمەھەللە بازىرى xx تەۋەسىدىكى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كېتىدىغان يول ئېغىزىغا كەلگەندە تاكسىدىن چۈشۈپ قېلىپ، ئۆزى يالغۇز ئۆيىگە بارغاندا، ئۆي ئىشىكىنىڭ تاقاق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، دوستىنىڭ ئۆيىگە بېرىش ئۈچۈن پىيادە مېڭىپ، يېڭمەھەللە بازىرى xx كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ئەxxنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلدۇلىغا كەلگەندە، ئۆينىڭ چىرىقىنىڭ يېنىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئوغرىلىق قىلىش مەقسىتىدە، شۇ كۈنى ئۇچىسغا كىيۋالغان ساقچى چاپىنى ئارقىلىق، ساقچى قىياپىتىگە كىرۋېلىپ ئۆي تەكشۈرۈشنى باھانە قىلىپ، زىيانلانغۇچى ئەxxنىڭ ئۆيىگە كىرگەندىن كىيىن، ئۆي ئىچىنى بىرەر قۇر تەكشۈرۈپ، زىيانلانغۇچى ئەxxنىڭ قول سومكىسى ئىچىدە پۇل بارلىقىنى كۆرۈپ، يۇقارقى پۇلارنى ئېلىۋېلىش مەقسىتىدە، زىيانلانغۇچى ئەxx ۋە ئايالى ئاxxنى مىھمانخانا ئۆيگە ئېلىپ چىقىپ، « سىلەر مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن ئۆيلەرنى ھازىر سۈرەتكە ئالىمەن» دەپ، سومكا قويغان ئۆيگە كىرىپ، زىيانلانغۇچى ئەxx ۋە ئايالى ئاxx كۆرمىگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، سومكا ئىچىدىكى 8920 يۈەن نەق پۇلنى، ئەxx نامىدىكى كىملىك، 4 ۋاراق مال تارقىتىش تالونى قاتارلىق بۇيۇملارنى ئېلىۋالغان. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچى ئەxxنىڭ زىيىنى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

ئومۇمەن، جاۋابكار سxx 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا، شايار ناھىيە xx بازىرى تەۋەسىدە، ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ ئىككى قېتىم ئوغۇرلۇق دېلوسى سادىر قىلىپ، زىيانلانغۇچىلارنىڭ جەمئى 9760 يۈەن قىممىتىدىكى مال-مۈلىكىنى ئوغرىلىغان. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچىلارنىڭ زىيىنى تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋابكار سxxنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ كۆپىرەك مىقداردىكى مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئېگە قىلىش ئۈچۈن، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 67-ماددا 3-تارماق، 65-ماددىسدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جاۋابكار سxxنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلىدۇق، قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن : 

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش : مxx

     گxx 

 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى

قۇشۇمچە: 1)  8 نۇسخا ئەيىبنامە، دەلىل-ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسى، تەھقىقلەش دېلو ئارخىپى (بىر توپلام، 187 بەت) بىرگە يوللاندى.  2)  جاۋابكار شايار ناھىيەلىك قاماقخانىدا قاماقتا. 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top