ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئا،ت 1-بۆلۈم،ج ئە چىقىش(2020)309–نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ئىX،ئەر،ئويغۇر،19XX-يىلى X-ئايىنڭ X-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى: 65292819XXXXXXXXXX،يۇرتى ئاۋات ناھىيە،نۇپۇسىتىكى ئادىرىسى:ئاۋات ناھىيە X بازىرى X يولى X-كوچا X-نۇمۇر قۇشۇمچە 1-نۇمۇر،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،ماسسا،يەككە تىجارەتچى،ئىلگىرى جازالانمىغان،2019-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن،ھازىر ئائىلىسىدە.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋاپكار ئىXنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى مەھكىمىمىز 2020-يىل 7-ئاينىڭ 10-كۈنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن،قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى،جاۋاپكاردىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دېلو ماتىرىيالىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ بۇ دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋاپكار ئىX 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى 10 لار ئەتىراپىدا ئاۋات بازىرى بوستان ئىجتىمائى رايۇنى ئولتۇراق مەھەللىسىنىڭ ئوتتۇرا كۆۋرۈك تەرپىدىكى ئىشىكتىن كىرىپ باغچا يولىغا جايلاشقان زىيانلانغۇچى ئالىگۈل ئابلانىڭ ئۆيىدە ئادەم يوقلىقىنى بايقاپ،ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە زىيانلانغۇچى ئالىگۈل ئابلانىڭ ھويلىسىغا كىرىپ دەرۋازىنىڭ سول دەرۋازىنىڭ سول تەرىپىدىكى كىچىك ئۆينىڭ ئىچىدىكى كارۋات ئۈستىگە قۇيۇپ قويغان قارا رەڭلىك سومكا ئىچىدىكى 2500.00 يۈەن نەق پۇلنى ئوغۇرلاپ چىقىپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن،زىيان تۇللۇق ئەسلىگە كەلگەن.
جاۋاپكار ئىX 2019-يىلى8-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 لەر ئەتىراپىدا ئاۋات بازار بوستان ئېجتىمائى رايۇنى ئولتۇراق مەھەللىسىنىڭ 8-يولغا جايلاشقان زىيانلانغۇچى ئادىلجان سامساقنىڭ ئۆيىدە ئادەم يوقلىقىنى بايقاپ،ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ ياتاق ئۆينىڭ دېرىزە تەكچىسىگە قۇيۇپ قويغان بىر دانە قارا رەڭلىك OPPOA9(128G) ماركىلىق تىلفۇن بىلەن بىردانەHUAWEI(128G) ماركىلىق تىلفۇننى ئوغۇرلاپ چىقىپ ئۆزىنىڭ ئاۋات ناھىيە ئايباغ يېزا 3-كەنتتىكى ئۆيىگە ئاپىرىپ يوشۇرۇپ قويغان.
ئاۋات ناھىيلىك باھا بېكىتىش ئىدارىسى ئوغۇرلانغان ئىككى دانە يان تېلفۇننىڭ قىممىتىنى 1890.00 يۈەن دەپ باھالىغان،زىيان تۇللۇق ئەسلىگە كەلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1› يازما ئىسپات 2›زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى 3›جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى 4›باھالاش پىكرى 5>ئېنىقلاش،تەكشۈرۈش خاتىرىسى ۋە فوتو سۈرەت 6>نازارەت قىلىش سىن كۆرۈنىشى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلۇنۇش تەرتىۋى قانۇنلۇق،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەقىقى بۇلۇپ،ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارتا پىكرى يوق بۇلۇپ،جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئېتراپ قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز،جاۋاپكار ئىXنىڭ قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايىتىنىڭ پاكىتى ئۇچۇق،دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق،ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويىچە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك؛جاۋابكار تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان،قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ،شۇڭا جاۋابكارغا جازا ئۆلچىگەندە«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگۈلىمىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاش كېرەك دەپ قاراپ«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
ئاۋات ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىگە
تەپتىش:خانئايىم يۈسەن
ئەسقەر مەمەت
2020-يىل 8-ئاينىڭ 3-كۈنى
قۇشۇمچە:
1>جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە.
2› 8 پارچە ئەيىبنامە،بىر توپلام 113 بەتلىك رازۋىتكا دېلوسى
3>جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولۇش تىلخېتى
4>ئوپتىك دېسكا 4 دانە
5>ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپنامىسى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论