欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

西某某起诉书(自然人犯罪认罪认罚)(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

شايار ت ج 1- بۇلۇم ئەيىپلەش چىقىش (2020) 565 -نومۇرلۇق

جاۋابكار شXX، ئەر، XX-يىلى X-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65292419XXXXXXXXXX، ئويغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، XX ناھىيە XX بازىرى  XX كەنىتX-گوروپپىدا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن.

شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار شىXXننىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 9-ئاينىڭ  -كۈنى شايار ج خ چىقىش (2019) 509نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارىتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوتلاشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار شىXX XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 12لەر ئەتراپىدا ئۆزىنىڭ ئۈيىدە ۋە XX ناھىيە XX بازىرى XX پاختا زاۋۇتىنىڭ ئالدىدىكى بىر دۇكاندا ئۆزى يالغۇز  ھاراق ئىچىپ، ئەتىسى XX-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت Xلەر ئەتراپىدا ئۆزىنىڭ XX41 新NX نۇمۇرلۇق ساختا نۇمۇر تاختىسى ئېسىلغان ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتنى پىراۋىسىز مەس ھالەتتە ھەيدەپ، ئۆزىنىڭ XX ناھىيە XX بازىرى XX كەنىت X-گوروپتىكى ئۈيىدىن XX كەنىت تەۋەسىگە قاراپ مېڭىپ، XX كەنىت تەۋەسىگە كەلگەندە موتوسىكلىتنى كونتىرول قىلالماي ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتكەن، ئاندىن كەنىت ساقچىللىرى تەرىپىدىن تەكشۈرلۈپ تۇتۇلغان. باھالاش ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارى  شXXىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 183.10 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. 

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى، نەق مەيداندىن تارتىلغان سۆرەتلەر، ئۈن-سىن ماتىريال قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىردە بولمىدى ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولدى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار شىXXننىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرغان، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2)-تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-، 176-، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق. مەزكۇر دېلوغا تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىش ۋە جاۋابكار  شXXنىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، جاۋابكار  شXXنغا 3 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش، قۇشۇمچە 6000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش جازاسى بىرىش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىمىز ھەمدە قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شايار ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

مۇئاۋىن باش تەپتىش:ئەXX  

 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 28 -كۈنى

قۇشۇمچە: 1) 9 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى (68بەت) بىرگە يوللاندى.

2)جاۋابكار كېىپىلدە، 

3) جاۋاپكارنىڭ «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش خىتى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top