欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

赛某危险驾驶一案起诉书(公开版)

2021-09-20 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

شايار ت ج ئە چىقىش (2020) 496-نومۇرلۇق

جاۋابكار سxx، ئەر، ئۇيغۇر، 19xx-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65292419xxxxxxxxxx، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، شايار ناھىيە xx بازىرى xx كوچىسى x-نومۇر xx گۈللۈكى x-بىنا x-كورۇپۇس xxx-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى بىر تەرەپ قىلغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن.

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار سxxنىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2019) 419-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بار بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار سxx 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 23:00 لار ئەتراپىدا، شايار ناھىيە xx بازىرى xx ئاھالىلەر رايۇنى تەۋەسىدىكى بىر ھاراق دۇكىنىدا ئاxx، ئاxxلار بىلەن بىللە ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندىن كېيىن، شۇ ئەتراپتىكى رېمونتخانىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان ئۆزىنىڭ 新Nxxxxx نومۇرلۇق تاختاي ئورنىتىۋالغان (باشقا موتسىكىلىتنىڭ نومۇر تاختىيى) ئىككى چاقلىق كۆك رەڭلىك ئەرەنچە موتوسىكىلىتىنى ئۆزى يالغۇز پىراۋىسىز ھەيدەپ، شايار ناھىيەلىك xx دوختۇرخانىسىنىڭ يېنىدىكى قىزىل چىراق بار كىسىشمە يول ئېغىزىغا كەلگەندە، ساقچىلار تەرپىدىن تەكشۈرۈپ بايقالغان. باھالاش ئارقىلىق جاۋابكار سxxنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا 150.65 مىللىگىرام ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغان.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان.

مەھكىمىمىز جاۋابكار سxxنىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدىن باشلاپ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2) تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-، 176-، 222-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، مەھكىمىڭىزلارنىڭ مەزكۇر دېلونى تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشى ۋە جاۋابكار سxxنىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى، باشقا موتسىكىلىتنىڭ نومۇر تاختىيى ئورنىتىلغان موتوسىكىلىتنى پىراۋىسىز ھەيدىگەنلىكى، جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىككى ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 5000 يۈەن شىتىراف قۇيۇپ قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشڭىزلارغا تەكلىپ بىرىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: ئەxx

        مxx   

 

 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى

قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى (71 بەت) بىرگە يوللاندى.

2) جاۋابكار كېىپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە بار.

3) جاۋاپكارنىڭ «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بۇلۇش تۆۋەنامىسى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top