欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

赛某某危险驾驶起诉书

2021-09-19 独角龙 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بايىنغولىن ئاپتونۇم ئوبلاستى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بايىنغولىن ئاپتونۇم ئوبلاستى

xx ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپلەشنامىسى

  ل ت ج 1- بۆلۈم ئەيىپلەش (2020) 118-نومۇرلۇق 

جاۋاپكار سەxx، ئەر، ئۇيغۇر، xx–يىلى xx–ئاينىڭ xx–كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 652823xxxxxx، نوپۇس تۇرۇشلۇق ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادرىسى: xx ناھىيەxx يىزا xx كەنتى xx-نۇمۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: دىھقان. 2019–يىلى 8–ئاينىڭ 15–كۈنى خەتەرلىك يول يۈرۈش قىلمىشىغا چېتىشلىق گۇمانى بىلەن xx ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلۇپ، 2019-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى دېلوسى بىر تەرەپ قىلىنغىچە  ئائىلىسىگە كېپىلگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە . 

xx ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىگى ئىدارىسى جاۋاپكار سەxxنىڭ خەتەرلىك يول يۈرۈش جىنايەت دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى، جاۋاپكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ھەم، نۆۋەتچى ئادوۋكادنىڭ پىكرى ئېلىنىپ پۈتۈن دېلو تەكشۈرۈپ ئاياغلاشتۇرۇلدى، جاۋابكار سەxx مەزكۇر دېلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە: 

جاۋابكار سەxx 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 18لەر ئەتراپىدا ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە، شوپۇرلۇق پىراۋىسى يوق تۇرۇقلۇق xxx 新نومۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىتنى xx ناھىيە xx يىزاxx كەنتىنى بويلاپ شەرقىتىن غەرىپكە ماڭغاندا ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرپىدىن توسۇپ تەكشۈرۈش جەريانىدا تۇتۇلغان. شىنجاڭ خۇاتۇڭ ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزى (2019) 4619–نومۇرلۇق باھالاش يەكۈنىدە، سەxxنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەر 100 مىللىلېتىر قان تەركىبىدە 143.56 مىللىگىرام ئىسپىرت بارلىقىنى باھالاپ بېكىتكەن. 

يوقارقى جىنايەت پاكىتلىرىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە: يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىقلار. 

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋاپكار سەxx قاتناش–تىرانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن–نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە يولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن، جاۋابكارنىڭ بۇ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، بۇ ھەقتە جىنايى پاكىت ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ، خەتەرلىك يول يۇرۇش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15–ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جاۋابكار سەxxگە 2 ئايدىن يوقىرى 3 ئايدىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە 6000 يۈەن شىتىراپ قويۇش جازاسى بېرىپ، تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىپىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز، شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە ئەيىپلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .

 ھۆرمەت بىلەن :

xxx ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە   

                                            تەپتىش : غەيرەت مەمەت

                                                    ئايۇپجان ئابلىمىت

                                      2020-يىلى  10-ئاينىڭ  10-كۈنى

ئىزاھات : (1) دېلو ئارخىبى بىر توپلام.

(2) «خاتالىقنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى»نىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى .

(3) دەلىل – ئىسپات تىزىسى بىرگە يوللاندى .  

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top