ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپلىمەسلىك قارارنامىسى
ئا، ت، بىرىنجى بۆلۈم ئەيىپلىمەسلىك (2020) -نۇمۇرلۇق
ئەيىپلەنمىگۈچى سە XX، ئەر، ئۇيغۇر، XX19-يىل 5-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: XX 65292819 ، يۇرتى ئاۋات ناھىيە، نوپۇستىكى تۇرۇشلۇق ئورنى ئاۋات ناھىيە XX بازار XX كەنت 4-گۇرۇپ 61-نۇمۇر، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، دىھقان، ماسسا، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاۋات ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بىرىلگەن. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى تۇرار جايىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ئەيىپلەنمىگۈچى سە XX قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى دېلوسىنى 2020-يىل 9-ئاينىڭ 2-كۈنى مەھكىمىمىزگە تەكشۈرۈپ ئەيىپلەشكە يوللىغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇن بۇيىچە ئەيىپلەنمىگۈچىگە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى، ئەيىپلەنمىگۈچىدىن سۇئال سورىدى ھەمدە بارلىق دىلو ماتىرياللىرىنى تەكشۈرۈپ، دىلونىڭ پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلىرىنى ئېنىقلاپ، بۇ دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2019-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 23:05 دە ئەيىپلەنمىگۈچى سە XX ئۆزىنىڭ 新N4MXX نۇمۇرلۇق ماشىنىسىغا ئايالى رو XX نى ئولتۇرغۇزۇپ ئاۋات ناھىيە غوروچۆل بازار ئۈستۈنكى يار بېشى كەنت 4-گۇرۇپتىكى ئۆيىگە بېرىش ئۈچۈن غەرىپتىن شەرىققە يۆلىنىشىدە ھەيدەپ مېڭىپ XX بازارلىق ھۆكىمەتنىڭ ئالدىغا كەلگەندە جەنۇپتىن شىمالغا يۆنىلىشىدە يولدىن كىسىپ ئۆتىۋاتقان زىيانلانغۇچى ئى XX نى سوقىۋەتكەن، زىيانلانغۇچى ئى XX دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ 65292820190135-نۇمۇرلۇق يول قاتناش ھادىسىسىدىكى جاۋابكارلىقنى بىكىتىشنامىسى: ئەيىپلەنمىگۈچى سە XX «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى» نىڭ 42-ماددا 1-تارماق، 47-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھادىسىدە ئاساسلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، زىيانلانغۇچى ئى XX «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى» نىڭ 64-ماددا 1-تارماق بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھادىسىدە قوشۇمچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ بىكىتكەن.
ئاۋات ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ (2019) 063-نۇمۇرلۇق جىنايى ئىشلار پەن- تېخنىكىلىق باھالاشنامىسىدا: زىيانلانغۇچى ئى XX ئۆلۈشتىن ئىلگىرى گال خاراكتىردىكى سىرىتقى كۈچنىڭ تەسىرىدە باش سۆڭىكى، كۆكرەك قىسمى ئېغىر دەرجىدە يېپىق خارەكتىرلىك زەخمىلىنىپ ئۆلگەن دەپ بىكىتكەن.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1› يازما ئىسپات 2› گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى 3›ئەيىبلەنمىگۈچىنىڭ ئىقرارى 4›باھالاش پىكرى 5›نەق مەيدان تەكشۈرۈش خاتىرسى، خەرىتە ۋە فوتو-سۈرەت 6› ئۈن- سىن ماتىريالى قاتارلىقلار بار.
مەھكىمىمىز، ئەيىپلەنمىگۈچى سە XX نىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ بىر ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى جىنايتى شەكىللىنىدۇ، قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق؛ ئەيىپلەنمىگۈچى سە XX ۋەقە سادىر قىلغاندىن كېيىن، نەق مەيداندىن ئايرىلماي ساقچىلار نەق مەيدانغا بارغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ قىلمىشىنى ئاكتىپلىق بىلەن تاپشۇرۇپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، جىنايىتىنى تۆۋە قىلىش ئىپادىسى ياخشى، زىيانلانغۇچىنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىغا ئىقتىسادى جەھەتتىن 250 مىڭ يۈەن تۆلەم بىرىپ ھەق- تەلەپ جەھەتتە ئۆز-ئارا كىلىشكەن ھەمدە زىيانلانغۇچىنىڭ ئائىلە- تاۋاباتىنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئېرىشكەن، سوبىكتىپ جەھەتتىن قەستەنلىك يوق، سەۋەنلىكتىن سادىر بولغان، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق بۇلۇش ئەدلىيە سىياسىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە جىنايى جازا بېرىشنىڭ زۆرۈريىتى يوق دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 177-ماددا 2-تارماق بەلگىلىمىسى بويىچە سە XX نى نىسپى ئەيىپلىمەسلىك قارار قىلىندى.
ئەيىپلەنمىگۈچى بۇ قارارغا قايىل بولمىسا، مەزكۇر قارارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى 7 كۈن ئىچىدە مەھكىمىمىزگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.
ئاۋات ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
2020-يىل 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论